قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىككىنە مارجان بىلەن تېخىمۇ جۇلالانغان بەختىيار تۇرمۇش

2018-11-26 12:03:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خۇاڭ سەيشيا-- ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى كۆكسار كەنتىدىكى ئاياللار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىپ، ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
قىشتىكى ئارىسال مەزگىلدە، كۆكسار كەنتىدىكى نۇرغۇن ئايال «ئەپچىل كېلىن» قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ خۇاڭ سەيشيادىن قولدا توقۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئۇلار بىر قولىغا يىپنى، يەنە بىر قولىغا ھەر خىل كىچىك مارجانلارنى ئېلىپ، تېز سۈرەتتە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى توقۇۋاتاتتى. مارجانلاردىن ياسالغان «قىزىل ئالما»، «ئاق بۆجەن»، «لوڭقا» قاتارلىقلار كىشىنى ئۆزىگە تارتاتتى. كەنت ئاھالىسى لى شيۇمىي مۇنداق دېدى: قولدا توقۇلغان بويۇملاردا، سانىغا قاراپ ئىش ھەققى بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ۋاقىت جەھەتتە ئەركىن بولالايمىز. بالىلارنى مەكتەپ ۋە يەسلىگە ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ۋە تاماق ئېتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ. ئىشنى ئۆيدە قىلساقمۇ بولىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى سانىغا قاراپ بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدۇ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئائىلە ئاياللىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. 
2013- يىلى 3- ئايدا خۇاڭ سەيشيا قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەۋەسكارلىرىنى باشلاپ كۆكسار كەنتىدە «ئەپچىل كېلىن» قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. دەسلەپتە نۇرغۇن كىشى كوپىراتىپنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدى. «قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى توقۇپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ» دەپ قارىدى. خۇاڭ سەيشيا ئۆيمۇ- ئۆي بېرىپ سەپەرۋەرلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنى كوپىراتىپقا بېرىپ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش جەريانىنى ئىگىلەش، قول تۇتۇشۇپ ياساش ماھارىتىنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قەيسەرلىكى تېخىمۇ كۆپ ئايالنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. خۇاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى: دەسلەپتە ياسىغان قول ھۈنەر بويۇملىرىنى ساتالماي بەك قىينالدۇق. بىر قانچىمىز قىزىلتاش بازىرىدا يايما يېيىپ، تۇنجى كۈنى 100 نەچچە يۈەن كىرىم قىلىپ، ناھايىتى خوشال بولدۇق. ئىزچىل تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىمىزنى ياقتۇرۇپ قالدى، ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار تارماقلارمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى ھەمدە زور كۈچ بىلەن قوللىدى.
2017- يىلى 4- ئايدا، خۇاڭ سەيشيا توردا سېتىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، «شىنجاڭ مىللىي ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى» ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىگەن قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساتتى. بۇلتۇر بىر يىلدا، كوپىراتىپ قولدا توقۇلغان بۇيۇمدىن 45 مىڭدىن كۆپرەكنى ساتتى. سېتىش سوممىسى 850 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كوپىراتىپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. خۇاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى: ئەڭ رازى بولغىنىم شۇكى، ئاچا- سىڭىللارنىڭ خىزمەت جەريانىدا تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى ۋە مۇھەببىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆردۈم. ئاچا- سىڭىللارنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى، ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ پەخىرلەندىم.
يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئاياللىرىنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خۇاڭ سەيشيا يەنە «ئەپچىل كېلىن» قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 1- شۆبىسىنى قۇردى. كوپىراتىپ ئەزالىرى دەسلەپكى 5 كىشىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى 45 كىشىگە يەتتى. پىششىقلاپ ئىشلەش، يىغىۋېلىش، سېتىش، تەربىيىلەش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئايلاندى. خۇاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى: كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز قىممىتىم ۋە كىشىلىك ھايات ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەكچان ئىككى قولۇم بىلەن بەختكە ئىنتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم قىلماقچىمەن. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئىشلارنى مەن راستتىنلا قىلالىدىم. ئىشىنىمەنكى، كۆرەش قىلساقلا، غايىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى