قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانام بىلەن تاماق ئېتىش توغرىسىدا سۆزلىشىش

2018-11-26 12:36:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

25 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، مەن ئانام بىلەن دائىم سوقۇشۇپ قالاتتىم. يەتتە كۈندە بىر گەپ تالىشىپ قالاتتۇق، ئايدا بىر چوڭ جېدەللىشىپ قالاتتۇق. سوقۇشۇپ قالغاندا «يەر-جاھان لەرزىگە كىلىپ، زېمىن تەۋرەپ كېتەتتى». مېترو پويىزىغا ئولتۇرغاندىمۇ يان تېلېفوندا ئانامغا ئاچچىقىمدا قاتتىق ۋارقىراپ كېتەتتىم، ئىشتىن چۈشۈپ كىشىلەر توپلاشقان مەزگىلدە، ئەتراپىمدىكى يولۇچىلار ئەلپازىمغا قاراپ قورقۇنچ ئىچىدە مېنىڭدىن ئارىلىق ساقلاپ تۇراتتى. بۇ چاغدا ئانام تېلېفوندا يىغلاپ كېتەتتى. ھەر قېتىم ئانام بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، دادام بىلەن ھەدىلىرىم كەيپىياتىمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ماڭا تېلېفون قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇچۇر يوللاپ، ماڭا ئانامغا ئاچچىقلانماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلاتتى؛ ئۇلار ئانامنىڭ يىغلىغىنى كۆرگىنىدە، ئانامغا قەغەز ۋە چاي سۇنۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن: «بۇ قىز ئادەتتە بەك ياخشى، پەقەت ئاچچىقى سەل يامانراق شۇ»، دەپ تەسەللىي بېرەتتى.   
ئەمما مەيلى قانچە چوڭ جېدەللىشىپ قالايلى، «قانداشلىق مېھرى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ»، دېگەندەك جېدەللىشىپ بولغاندىن كېيىن ھامىنى يەنە يارىشىپ قالاتتۇق. مەيلى قانچە قاتتىق سوقۇشۇپ كېتەيلى، مەن يەنىلا ئانامنىڭ بىر تال قىزى، ئۇمۇ مېنىڭ بىر تال ئانامدە. بىر قېتىم ئانام بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن توپتوغرا ئىككى ھەپتە گەپ قىلىشمىدىم، ئاخىرىدا يەنىلا ئانام چىدىماي ماڭا ئۆزى ئالدى بىلەن تېلېفون قىلدى. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم ئانام بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، ئانام بېشىدا ماڭا تېلېفون قىلاتتى. شۇ قېتىم سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن ئانام تېلېفوندا ماڭا: «ئىككىلىمىز قارشى تەرەپنى شۇنداق ياخشى كۆرىمىز، بىر-بىرىمىزنى بۇنداق قىينىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى. مەن سىزنى يىراقتا قانداقراق تۇرغاندۇ، دەپ تېلېفون قىلدىم. مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئامال بار سىزگە ئاز تېلېفون قىلىپ، سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن، ئەمما شۇنداقتىمۇ ماڭا بىر نەچچە كۈندە بىر تېلېفون قىلىپ تۇرۇڭ ياكى ئۈندىداردا سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭ، سىزنىڭ ياققا يۇرتتا تىنىچ-ئامان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇراي»، دېدى.          
ئانامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈركۈم شۇنداق ئاغرىپ كېتەتتى. شۇڭا مەنمۇ چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تېزلا ئەپلىشىپ قالدىم.  شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز ئۇنچە بەك جىق ئۇرۇشۇپ قالمىساقمۇ، ئەمما چېقىلغان يەرگە دەز كەتكەندەك، كۆڭلىمىزدە بىر داغ قالغانىدى. ئانام ئىككىمىزنىڭ ئاغزىمىز ئىتتىك بولغان بىلەن كۆڭلىمىز تۈز بولۇپلا قالماي، بەكلا گۇمانخور ئىدۇق. ئانام بىلەن شۇ قېتىم سوقۇشۇپ يارىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان پىكىرلىشىشىمىز بەكلا ئازىيىپ كەتكەنىدى، ھەتتا بەزى چاغدا ئاددىي ئەھۋاللىشىپلا تېلېفوننى قويىۋېتەتتۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بىر-بىرىمىزگە يەنىلا خاپا ئىكەنلىكىمىز بولماستىن بەلكى شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۇرۇشۇپ ئۆگىنىپ قالغاچقا، خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلىشىشنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىزدە ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر بوتۇلكا جياڭيۇ ئارىمىزدىكى مۇزنى ئېرىتىدىغان «ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى» بولۇپ قالدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە ئىككى يىل ئىلگىرى، مەن ئىككى ئېغىزلىق بىر كىچىك ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنىدىم. ئۆي ئىچى خېلى ئازادە بولۇپلا قالماي، كىچىك ئاشخانا ئۆيىمۇ بار ئىدى. ئۆي ئىگىسى مېڭىشتىن بۇرۇن ماڭا ئىچىگە خېلى كۆپ پۇل قاچىلانغان يېقىلغۇ گاز كارتىسىدىن بىرنى قالدۇرۇپ قويغانىدى. ئەينى چاغدا مۇقىم بىر خىزمىتىم بولمىغاچقا، كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئۆيدىن سىرتقا چىقمايتتىم، يەنە كېلىپ ئولتۇراق رايوننىڭ ئەتراپىدا تېز تاماقخانا يوق دېيەرلىك بولغاچقا، ئەگەر سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يېمىسەم تاماق يېيىشىم ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر كىلومېتىر يول مېڭىشىمغا توغرا كېلەتتى. شۇڭا مەن بارا-بارا ئۆزۈم تاماق ئېتىپ يېيىشكە باشلىدىم.
ئانامنىڭ قولى تاتلىق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ بۇرۇن تاماققا دائىم مەلۇم بىر ماركىلىق جياڭيۇنى ئىشلىتىدىغانلىقىمۇ ئېسىمدە ئىدى. ھەر دائىم تاللا بازىرىغا جياڭيۇ سېتىۋالغىلى كىرگىنىمدە، مال جازىسىدىكى ھەر خىل ماركىلىق جياڭيۇلارنى كۆرۈپ، قايسىسىنى تاللىشىمنى بىلمەي قالاتتىم. شۇڭا مەن ئانامغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قايسى ماركىلىق جياڭيۇنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ دەسلەپتە ئېسىگە ئالالماي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا ئېسىگە كېلىپ ماڭا تاماققا ئىشلىتىدىغان جياڭيۇغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شېڭچۇ» جياڭيۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، «لاۋچۇ» جياڭيۇ ئاساسلىقى تاماققا رەڭ كىرگۈزۈدۇ. ھېلىقى XX ماركىلىق جياڭيۇ بەك تۇزلۇق، تاماقنىڭ تەمىنى بۇزۇپ قويىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى سېتىۋالماڭ. مەن ئىزچىل XX ماركىلىق يەنە بىر جياڭيۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ماركىدىكى جياڭيۇ زاۋۇتى يېقىندا يەنە تەمى تۇزسىزراق كەلگەن يەنە بىر خىل جياڭيۇنى ئىشلەپچىقاردى.  مېنىڭچە بۇ جياڭيۇ بولىدىكەن».     
مەن مال قاچىلاش ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، مال جازىسى ئارىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ ئىزدەپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جياڭيۇ سېتىۋالدىم. بىر چۈشتىن كېيىن چۆگلەش ئارقىلىق ئاشخانا ئۆيۈمگە تاماق ئېتىشقا كېتىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنى لىق تىزدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان شۇ تامنىمۇ چېقىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىش مەزمۇنىمىزمۇ بىردىنلا كۆپەيدى، ھەر قېتىم پاراڭلاشقىنىمىزدا كۆپىنچىسى تاماق ئېتىشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى چۆرىدەپ پاراڭلىشاتتۇق. گەرچە ھازىر تاماق ئېتىشقا دائىر ئەپ دېتاللىرى بولسىمۇ، مەن يەنىلا تېلېفوندا ئانامدىن ھەر خىل ئۆي قورۇمىلىرىنى قورۇش ئۇسۇلىنى سوراشنى ياخشى كۆرىمەن. ئانامغا ھەر قېتىم تاماق ئېتىشقا دائىر ئىشلارنى سوراپ تېلېفون قىلغىنىمدا، ئۇ شۇنداق خۇش بولۇپ كېتەتتى. ئىلگىرى تېلېفوندا «ئەمدى بېرىپ تىلەمچىلىك قىلساممۇ، سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلمايمەن» دەپ ۋارقىراپ كېتىدىغان ھېلىقى جاھىل مىجەزلىك قىز ھازىر تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر قىزغا يەنى ھەر ۋاقىت ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج بولىدىغان، ئانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ تۇرىدىغان مۇلايىم قىزغا ئايلانغانىدى. 
«سۆڭەك شورپىسىنى ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدا كۆپرەك قاينىتىش، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش كېرەك. چۆپ پىشۇرغاندا، كۆكتات قايناتقاندا بۇنىڭدىن ئازراق قويۇۋەتسىڭىز تەمى تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، بۇنىڭ رولى تېتىتقۇدىن كۆپ ياخشى. خەيدەي سېتىۋالغاندا ئەڭ ياخشىسى پۈتۈن  خەيدەي سېتىۋېلىڭ، قايناقسۇغا چىلاپ يۇمشىغاندىن كېيىن ئاندىن قايچىدا پارچە-پارچە قىلىپ كەسسىڭىز بولىدۇ. بۇنى سۆڭەك شورپىسىغا سېلىپ قايناتسىڭىز تەمى تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ، ئىلگىرى سىزگە شۇنداق قىلىپ بەرسەم، بەكلا ياخشى كۆرۈپ يەيتىڭىز».
«گۆشنى ئۇششاق توغراپ، جياڭيۇ ۋە كراخمالغا چىلاپ، ئاندىن قۇرۇق لازا قەلەمچىسى بىلەن قورىسىڭىز مەززىلىك پۇراق چىقىدۇ. گۆشنى ئۇششاق توغراپ قورۇپ بولغاندىن كېيىن، سېرىق سەبدىنى سۇدا پىشۇرۇپ ئاندىن توغراپ گۆش قورۇمىسىنىڭ ئەتراپىغا چىرايلىق تىزىپ، كېيىن يەنە گۆشنىڭ ئۈستىگە ئازراق شېكەر بىلەن ئاچچىقسۇ قويۇپ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يېسىڭىزلا بولىدۇ. بۇ مەن تەييارلاشقا ئەڭ ئۇستا سوغۇق سەي ». 
ئۇ تېلېفوندا توختىماي سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق چىقاتتى. مەن تېلېفوندا ئۇنىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرگەندەك بولاتتىم. مەن ئۇنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى دەپتىرىمگە خاتىرىلەپ، بۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۆزەمدىكى يېتەرسىكلەرنى تۈگىتىشكە باشلىدىم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تاماق ئېتىش ماھارىتىممۇ ئۆسۈشكە باشلىدى. ئانامنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلىۋالغاندىن كېيىن، ھازىر مەن ئۇنىڭ مۇئەللىمىگە ئايلاندىم.
«سېنجاڭنى ئېزىپ، سۇس ئوتتا ئاستا-ئاستا ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزىمىز، ئاندىن ئادەتتىكى تۇخۇم بىلەن قورۇلغان گۈرۈچ تامىقىنى ئېتىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن گۈرۈچنى پىشۇرۇۋېلىپ قورۇيمىز، بۇنىڭ تەمى چوقۇم مەززىلىك بولىدۇ».
«يېڭى تاپان بېلىقنى سېرىق ھاراققا چىلاپ بولغاندىن كېيىن، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ، ئاندىن قايناق سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز. ئاندىن يەنە ئىچىگە بىر نەچچە تال بەيسەي يوپۇرمىقى سېلىپ بەيسەي يوپۇرمىقى يۇمشىغىچە قايناتساق، بەيسەي بىلەن شورپىنىڭ تەمى مىزلىك بولۇپ شۇنداق يېيىشلىك بولىدۇ». مەن بىر تەرەپتىن ئاشخانىدا ئۆزۈم شورپىغا تەييارلىق قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانامغا شورپا تەييارلاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرەتتىم. پىچاق بىلەن بېلىقنىڭ قارنىنى يېرىۋاتقاندا، بېلىق تۇيۇقسىز مىدىرلاپ مېنى قورقىتىۋەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىز ۋارقىرىغان ئاۋازىمنى ئاڭلىغان ئانام مېنى قولىنى كېسىۋالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئەنسىرەپ كەتكەنىدى. ئانام ئىشنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز تېلېفوندا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
 شۇنداق قىلىپ، بىز تاماق ئېتىش ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ، تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت بۇ كىچىك ئىشنى چۆرىدەپ ھېسسىيات ئالماشتۇردۇق. ئانام ھازىر ئۆزۈمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا مەندىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدىغان بولدى. مەنمۇ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىكى سوقۇشۇشلارنىڭ ناھايىتىمۇ بىمەنىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم.
چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئانام بىلەن بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، تاماق ئېتىپ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. بىز ئۆيدە ھەر خىل تاماقلارنى جۈملىدىن پىياز قاتلىمىسى پىشۇردۇق، ئۆينىڭ ئىچىدە پىياز قاتلىمىسىنىڭ خۇش ھىدى بۇرۇنغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. مەن بىر تەرەپتىن خېمىرنىڭ ئۈستىگە ماي سۈرتكەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئانامغا: «يېقىندا توردىن ئىككى بوتۇلكا غاز مېيى سېتىۋالدىم، ئەسلىدە تۇخۇمدا پىشۇرىدىغان پىچىنىگە ئىشلەتمەكچى ئىدىم، ئەمما بۇ خىل ئىنچىكە ئىش قىلىشقا سەۋر تاقىتىم بولمىغاچقا، كېيىن پىياز قاتلىمىسى پىشۇرۇشقا ئىشلەتتىم. مەن قايتىپ بارغاندىن كېين بۇنىڭدىن سىزگىمۇ ئەۋەتىپ بېرەي»، دېدىم.
 ئۇ ئۇنغا مىلەنگەن قولى بىلەن پېشانىسىنىڭ ئالدىدىكى چېچىنى بىر ياققا قارىغاچ ماڭا: «بولدى ماڭا ئەۋەتىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، دوختۇر قان بېسىمىمنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە تۇزلۇق ۋە مايلىق نەرسىلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشىمنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىزمۇ يېقىندا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، موگو، دۇفۇلارنى يېسە بولمايدۇ. سىز ئالدىنقى قېتىم ئەۋەتكەن قىشلىق موگۇمۇ ئىشكاپنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانسېرى كۆپ نەرسىلەرنى يېيەلمەيدىكەنمىز» دېدى.  
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئانامنىڭ يۈزىگە قارىدىم، بۇ چاغدا ئانامنىڭ يۈزىنىڭ تېرىسىنىڭ بارغانسېرى بوشاپ، قورۇق چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىردىنلا يېرىم بولدى. شۇڭا تېزدىن كۆزۈمنى ئۇنىڭ يۈزىدىن ئېلىپ قېچىپ، داۋاملىق پىياز قاتلىمىسى پىشۇرۇشقا باشلىدىم. 
«ئانا، جيۆگېن تالقىنى يەپ باقتىڭىزمۇ؟  ئۇنى تالقان ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق گۇيخۇا قويۇپ يېسىڭىز قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بار». مەن ئاشخانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا دۈمبەمنى قىلىپ، پىياز قاتلىمىسىنى قىزىغان مايغا سېلىپ پىشۇرۇشقا باشلىدىم. مەن بىر تەرەپتىن قاتلىمىنى پىشۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزلىرىمگە لىق ياش ئالدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى