قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىردىنبىر ئاڭلىغۇچى

2018-11-26 12:38:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دادام ۋە سىڭلىمنىڭ قارشىچە مىنىڭ مۇزىكا سىزىمىم ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. بۇ مېنىڭ ئۇلارنى بىر قانچە قېتىم قىينىغىنىمدىن كېيىن چىقارغان يەكۈنى ئىدى. ئۇلار مېنىڭ «تۈن مۇزىكىسى»نى چالغىنىمنى ئاڭلاپ خۇددى ياغاچ ھەرىدەۋاتقاندەكلا چالدىڭ، دېيىشتى. بۇ سۆز مېنىڭ روھىمنى بەكمۇ چۈشۈرىۋەتتى ۋە مەن ئۆيدە مۇزىكا چېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. قورۇيىمىزنىڭ كەينىدىكى تاغدا بىر كىچىك ئورمانلىق بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي غازاڭغا تولغانىدى. مەن بۇ يەرنى مۇزىكا مەشىق قىلىدىغان جاي قىلىپ تاللىۋالدىم.
بىر كۈنى سەھەردە، مەن ئۈن-تىن چىقارماي ئۆيدىن چىقتىم، خۇددى مەن بىر ئۇلۇغ ئىشنى قىلغىلى ماڭغاندەك قەلبىمدە بىر خىل غايىۋىي خۇشاللىق ئەكس ئېتەتتى. ئورمانلىق ئىچى بەكمۇ جىمجىت ئىدى. پۇتۇم ئاستىدىكى غازاڭلارنىڭ شاراقشىشلىرى خۇددى بىر ياڭراق مۇزىكىغا ئوخشايتتى. مەن بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىسكىرىپكامنى مۈرەمگە قويۇپ، خۇددى ھەيۋەتلىك بىر كېچىلىككە قاتناشقاندەك بىرىنچى مۇزىكامنى چالدىم. ئەمما خۇددى بۇ يەرگە ئىسكىرىپكا ئەمەس بەلكى ھەرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەندەك تېزلا يەنە چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدىم.
مەن كەينىمدە بىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم-دە، ئۆرۈلۈپ قارىدىم ۋە چۆچۈپ كەتتىم. كەينىمدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا تولىمۇ ئورۇق بىر ياشانغان ئايال بىر جۈپ كۆزلىرىنى ماڭا جىمجىتقىنە تىككىنىچە قاراپ ئولتۇراتتى. كۆڭلۈمدە: «بۇ سەت مۇزىكام ئورمانلىقنىڭ تىنچىلىقىنى بولۇپمۇ بۇ موماينىڭ يالغۇز ئارام ئېلىشىنى بۇزىۋەتتى» دەپ ئويلىدىم-دە، شۇ ھامان يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.
مەن خىجىل بولغان ھالدا مومايغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم-دە، قېچىپ كەتمەكچى بولدۇم، موماي مېنى چاقىرىپ: «مەن سىزگە تەسىر قىلىپ قويدۇممۇ يىگىت؟ ئەمما مەن ھەر كۈنى سەھەردە بۇ يەرگە كېلىپ بىردەم ئولتۇرىمەن» دېدى. دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن چۈشكەن قۇياش نۇرى ئۇنىڭ كۈمۈش رەڭ چاچلىرىنى پارقىرىتىپ تۇراتتى. «سىز چوقۇم ئىسكىرىپكىنى بەك ياخشى چالىسىز، ئەپسۇس مېنىڭ قۇلۇقۇم ئاڭلىمايدۇ. ئەگەر مېنىڭ نەق مەيداندا ئولتۇرۇشۇمنى خالىسىڭىز، داۋاملىق چېلىۋېرىڭ» دېدى موماي يەنە.
مەن ئىسكىرىپنى كۆرسىتىپ بېشىمنى «مەن ياخشى چالالمايمەن»دېگەن مەنىدە چايقاپ قويدۇم.
«چالغان مۇزىكىڭىزنى قەلبىم ئاڭلىيالايدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئاڭلىغۇچىڭىز بولسام بولامدۇ؟ » دېدى موماي.
 موماينىڭ شېئىر كەبى سۆزلىرى مېنى تەسىرلەندۈردى. مەن خىجىل بولغان بولساممۇ ئەمما بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتىم.چۈنكى مەيلى گاس بولسىمۇ، ئىشقىلىپ بىرى مېنى ماختىغان ئىدى. مەن ئىسكىرىپكامنى چېلىشقا باشلىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى سەھەردە مەن شۇ ئورمانلىققا بېرىپ، ئىسكىرىپكا مەشىق قىلىدىغان بولدۇم. ماڭا يۈزلىنىپ ئولتۇرغان بىردىنبىر ئاڭلىغۇچۇم بولسا قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بىرەيلەن ئىدى. ئۇ ئىزچىل ماڭا ناھايىتى جىمجىتقىنە قاراپ ئولتۇراتتى. مەن چېلىشنى توختاتقىنىمدا، ئۇ ھەمىشە ماڭا «ناھايىتى ياخشى، مېنىڭ قەلبىم ئاڭلىيالىدى، رەھمەت سىزگە يىگىت» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. بۇ سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈمدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر تۇيغۇ پەيدا بولاتتى.
مەن ناھايىتى تېزلا ئۆزۈمنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم ۋە يەنە ئۆيدە مەشىق قىلىدىغان بولدۇم، ئىشىك-دېرىزىلىرى چىڭ يېپىلغان ئۆيۈمدىن، ئاساسىي مەشىقنىڭ مۇزىكىسى سىرتقا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئىلگىرى مەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋېلىپ مەشىق قىلاتتىم ئەمما ھازىر بولسا ناھايىتى تىك تۇرۇپ چالاتتىم، ھېرىپ كەتكىنىمدىن ئىككى مۈرەم تېلىپ ئاغرىپ كېتەتتى ۋە بەدىنىمدىن چىققان تەر كۆينەكلىرىمنى ھۆل قىلىۋىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر كۈنى سەھەردە مەن قولىقى ئاڭلىمايدىغان مومايغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن چالاتتىم. شۇنداقلا مېنىڭ بىردىنبىر ئاڭلىغۇچۇم بولغان بۇ مومايمۇ ھەر كۈنى سەھەر كېلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مېنى ساقلايتتى. بىر قېتىم ئۇ ماڭا مەن چالغان مۇزىكىلارنىڭ ئۇنىڭغا خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئاڭلىمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالاتتىم-دە، پەقەت ئۇنىڭ ئورۇندۇق ئۈستىدە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغانلىقىنى ۋە بارماقلىرىنىڭ مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. چوڭقۇر كۆل سۈيىدەك تىنىق كۆزلىرى بىلەن ماڭا مېھرىبانلارچە قاراپ ئولتۇراتتى.
 مەن بۇنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان ئىدىم. ئەمما بىر كۈنى مەن ئورۇنلىغان«ئاي نۇرى» مۇزىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان سىڭلىم چالغان مۇزىكامنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى ۋە مەندىن قايسى داڭلىق ئۇستازدىن تەلىم ئېلىۋاتىسەن، دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا «بىر قېرى مومايدىن، ئۇ 12-بېنادا ئولتۇرىدۇ. ناھايىتى ئورۇق، چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان. ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ»دېدىم.
 «قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ؟ دەمسەن»دېدى سىڭلىم ھەيران بولۇپ،« قىززىق گەپ بولدى. ئۇ دېگەن مۇزىكا شۆيۈەنىنىڭ داڭلىق پىروفسسورى. ئىلگىرى مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ باش ئىسكىرىپكا ماھىرى ئىدى. سەن تېخى ئۇنى قۇلىقى ئاڭلىمايدۇ دەيسەنغۇ!» دېدى سىڭلىم.كېيىن، ئىسكىرىپكا چېلىش مېنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان قىزىقىشىمغا ئايلىنىپ قالدى. مەن نۇرغۇن مۇزىكىلارنى ناھايىتى پىششىق چالالايدىغان بولغان ئىدىم. ھەر خىل كېچىلىكلەردە مەن يۈزلىگەن، مىڭلىغان تاماشىبىنلارغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىسكىرىپكا مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ بەردىم، مۇشۇ ۋاقىتلاردا، مەن ئىختىيارسىز ھالدا شۇ «قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان»، مېنىڭ سەھەردىكى بىردىنبىر ئاڭلىغۇچۇمنى ئەسلەيمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى