قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە كېسەللىك رۇخسىتى ئالسا، سىناپ ئىشلىتىش ۋاقتىنى تولۇقلاش كېرەكمۇ؟

2018-11-26 19:08:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، بىر ئاڭلىغۇچىنىڭ مەسلىھەت سورىشىچە، ئۇ شىركەت بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى 6 ئايلىق قىلىپ بېكىتكەن. شىركەتنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەگەر ئۇ «كېسەل ياكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ دەم ئېلىش»نى پۈتۈشكەن بولسا، شىركەت مۇناسىپ ۋاقىتقا ئاساسەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدىكەن. سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە، ئۇ ئارام كۈنىدە تاغقا چىقىپ تاسادىپىي يىقىلىپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەتتىن بىر ئايلىق داۋالىنىش رۇخسىتى ئالغان.
يېقىندا، ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، شىركەت داۋالاش مەزگىلىدە كېچىكتۈرگەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يەنە بىر ئاي ئىشلىشىنى تەلەپ قىلغان.
 شىركەتنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا «كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ داۋالىنىش مۇددىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» مەزمۇنىدا، ئىش سىرتىدا يارىلانغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۈچ ئايدىن تۆۋەن بولمىغان داۋالىنىش مەزگىلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئۇ مۇناسىپ داۋالىنىش مەزگىلىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ ـ يوق ؟
شىنجاڭ زىبىن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى، ئادۋوكات جاڭ شۇبىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: شىركەتنىڭ قىلغىنى خاتا ئەمەس، ۋاڭ شۆفېينىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 19ـ ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىر ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ۋە تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ». بۇنىڭ ئىچىدىكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىنىڭ لاياقەتلىك بولغان ـ بولمىغانلىقىنى، ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بولغان تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ـ بولمىغانلىقىنى، بىر ـ بىرىنى سىناپ تەكشۈرۈش مۇددىتىنى كۆرسىتىدۇ. سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆزىتىش، سىناش ئارقىلىق ئەمگەكچىنىڭ كېتىشى ياكى قېلىشىنى بېكىتىدىغان مەزگىل.
شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە رۇخسەت سورىسا، بولۇپمۇ ئۇزاق ۋاقىت رۇخسەت سورىسا، شۈبھىسىزكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ باھالىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشىغا يول قويۇلمىسا، بۇ ئادىل بولمايدۇ. ئەمما، بۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋاقىتنى خالىغانچە كەينىگە سۈرسە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى تۆۋەندىكى تۆت شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
بىرىنچىدىن، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغان ئىشلارنى ئالدىن پۈتۈشۈش كېرەك. ئەگەر ئەمگەك توختامىدا ئالاقىدار پۈتۈم بولمىسا، ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە رۇخسەت سورىغان تەقدىردىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى كەينىگە سۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئۇزارتىلغان ۋاقىت رۇخسەت سوراش ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇشى، يەنى باراۋەر بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئۇزارتىش ۋاقتى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئالدى ـ كەينى ئۇلىنىشى، يەنى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەل ۋاقتىدا ئۇزارتىلىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ رۇخسەت سورىشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سەۋەبىدىن بولماسلىقى، مەسىلەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان قاتارلىق سەۋەبلەر بولماسلىقى كېرەك.
بۇ ئاڭلىغۇچىنىڭ بايانىغا ئاساسەن، ئەمگەك توختامىدا ئېنىق قىلىپ «كېسەل ياكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكتىن، شىركەت ماس ۋاقىتقا ئاساسەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى تولۇقلىسا بولىدۇ. ئۇنىڭ رۇخسەت سورىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئارام كۈنى تاغقا چىقىپ يارىلىنىش، خىزمەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا، «كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىش ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ داۋالىنىش مۇددىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نىڭ 3 - ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ: «كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى كېسەل ياكى ئىش سىرتىدا يارىلانغان، خىزمەتنى توختىتىپ داۋالاشقا توغرا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتكە قاتناشقان مۇددىتى ۋە شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت مۇددىتىگە ئاساسەن، ئۈچ ئايدىن يىگىرمە تۆت ئايغىچە بولغان داۋالىنىش ۋاقتى بېرىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، شېركەتنىڭ پۈتۈشكەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بىر ئايلىق سىناق ۋاقتىنى تولۇقلاش ھوقوقى بار». بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى: ئاتالمىش داۋالىنىش مەزگىلى دېگىنىمىز، پەقەت كارخانا ئىشچى -خىزمەتچىلىرى كېسەل بولۇپ قالسا ياكى ئىش سىرتىدا يارىلىنىپ خىزمەتتىن توختاپ، كېسەل داۋالىتىپ دەم ئالسا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلمايدىغان ۋاقىت چېكىنى كۆرسىتىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇمدۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى