قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامىن شەھىرىدىكى پىنسىيەگە چىققان ساقچى ياڭ ۋېيدوڭ بىلەن جاڭ زۇروڭنىڭ مۇرەسسە ماھىرى بولۇشتەك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدە

2018-11-26 19:10:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

فۇجيەن ئۆلكىسى شىيامىن شەھىرى خۇلى رايونىنىڭ جياڭتۇ كوچىسىدا پىنسىيەگە چىققان ساقچى ياڭ ۋېيدوڭ بىلەن جاڭ زۇروڭ ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدۇ. ئىككى ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم «كانىيى چوڭ» دىن بىرقانچىسى ئۇلارنى ئورىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولۇققان پىشكەللىكلىرىنى، بىر بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى  سۆزلىشىدۇ. ياڭ ۋېيدوڭ بىلەن جاڭ زۇروڭ بولسا ئالدىرىماي تېنىمەي ياخشى گەپ سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ، يەنە ئىككەيلەننىڭ گېپىگە قارىتا مۇرەسسە قىلىدۇ. ئۇلار پىنسىيەگە چىققان ساقچى بولغاندىن باشقا، يەنە بىر سالاھىيەتكە يەنى: جياڭتۇ كوچا ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلەشمە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ خەلق مۇرەسسەچىلىرى سالاھىيىتىگە ئىگە.
شيامىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇلى شۆبە ئىدارىسى جياڭتۇ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى سەي جىدوڭ مۇنداق دىدى: «ئۇلار گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارتۇق ئېنىرگىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، ماجرالارنى ھەل قىلىشقا ئەڭ ماھىر. زىددىيەتلەرنى مەھەللىدە بىخ ھالىتىدىلا ھەل قىلىدىغان  < فېڭ چياۋ تەجرىبىسى > نى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پېشقەدەم خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە ئۈلگە بولدى».
 تەۋەلىك رايونىنىڭ كۆپ قىسىمى شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن سىرتتىن كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر، زىددىيەت، ماجىرا تۈرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ نىسبەتەن چوڭ بولۇشتەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، 2016 - يىلىنىڭ بېشىدا، جياڭتۇ ساقچىخانىسى جياڭتۇ كوچا باشقارمىسى بىلەن بىرلىشىپ ساقچى ـ خەلق بىرلەشمە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى قۇردى. بۇ مۇرەسسە ھەيئىتى ئاساسلىقى ساقچىخانا تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانا ئارلاشمىسىمۇ بولىدىغان زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. سەي جىدۇڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مۇرەسسەچىلەرنى ئىزدەشكە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق، ئۇلار ھەم مۇرەسسە تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، ھەم قانۇن بىلىملىرىنى بىلىشى، ھەم ساقچى خىزمىتىنى پىششىق بىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىسى ياڭ ۋېيدۇڭنى تاللىدۇق». 
ياڭ ۋېيدۇڭ 2013 - يىلى 6 - ئايدا خۇلى ساقچىخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئىزچىل مۇرەسسە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. «نۇرغۇن زىددىيەت ـ ماجىرالار كۆپ تەرەپلىك دەۋالاشقۇچىلارغا چېتىلىدىغان ياكى كونا ئۆچ-ئاداۋەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مۇرەسسەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ». لاۋ ياڭنىڭ تەجرىبىسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە نامايان قىلىپلا قالماي، خەلق ساقچىلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشىپ كەسىپنى قەدىرلەش، بېرىلىپ ئىشلەش دەرىجىسىنىمۇ ئۆلچەپ چىقالايدىكەن. 
لاۋ ياڭ ھەمىشە يۈگۈر ـ يېتىم ئىشلارنى قىلىپ، ئاجىز ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بىر قېتىم، سىرتتىن كەلگەن بىر توپ ئىشلەمچى ئىش ھەققىنى ئالالماي خوجايىننىڭ ئۆيىنى ئورىۋالغاچقا، خوجايىن ساقچىغا مەلۇم قىلدى.
لاۋ ياڭ ئەھۋالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كۆڭلىدە بەلگىلىك چۈشەنچە بولدى. ئۇ  ئاۋۋال دېھقان ئىشلەمچىلەرگە تەسەللى بەردى. «بۇ ئىشنى قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ، سىلەر بىر مەھەل ھاياجانلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلماڭلار، ئىقتىسادىي ھېسابات قىلغان ۋاقىتتا قانۇن ھېساباتىمۇ قىلىنىدۇ». لاۋ ياڭنىڭ سەمىمىيلىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەسىرلەندۈردى.
ئارقىدىنلا ئۇ خوجايىن بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتى، «قىيىنچىلىق بولسا دوستلىرىڭىزدىن ياردەم سوراپ، قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، ھەرگىز كارى بولماسلىق پوزىتىسىيەسىدە بولماڭ، ئەگەر ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش بېكىتىلسە، سىز چوڭ زىيان تارتىسىز». لاۋ ياڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن، قانۇن ئارقىلىق ئۇ خوجايىننى قايىل قىلدى.
ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى 24 سائەت ئىچىدە تارقىتىلىپ بولۇندى. دېھقان ئىشلەمچىلەر ھاياجانلانغىنىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، خوجايىنمۇ غەمدىن قۇتۇلۇپ ئاخىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولدى.
ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ قارىشىچە، «قەلبتە خەلق بولسا، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان ماجىرا بولمايدۇ». پەقەت قەلبىدە خەلق، قانۇن، قائىدە، مېھىر ـ مۇھەببەت بولغانلارلا قولىدىكى مۇرەسسە تارازىسىنى توغرا تۇتالايدۇ، پۇقرالارمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، لاۋ ياڭ ھەر ئايدا 60 ماجىرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشتۈرگەن.
 زىددىيەت، ماجىرالار بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، بىر مۇرەسسەچى يېتىشىپ بولالمىغاچقا، ساقچىخانىدىكىلەر ئىككىنچى مۇرەسسەچىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، 2016 - يىلى 10 - ئايدا خۇلى ساقچىخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ساقچى جاڭ زۇرۇڭمۇ خەلق مۇرەسسەچىلىرى قوشۇنىغا قوشۇلدى. جاڭ زۇروڭ مۇنداق دېدى: «گەرچە ساقچى فورمىسىدىن ئايرىلغان بولساممۇ، ئارتۇق ئېنىرگىيەمنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايمەن، خىزمەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق، مەھەللىنىڭ ئامانلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن». زىددىيەت ـ ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشنىڭ سىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇرەسسە خىزمىتىدە ھۇرۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، پۇتى چاققان، كاللىسى ئۆتكۈر، ئېغىزى تاتلىق بولۇش كېرەك. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكى ئالدىغىچە بېرىپ ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلەپ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، پايدىلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان، ئادىل بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى قوزغاتقاندىلا، ئىككىلا تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى يوقاتقىلى بولىدۇ».
يېقىندا سەيتاڭ مەھەللىسىدىكى سىرتتىن كەلگەن ئىجارىگە ئالغۇچىلار كارىدورنىڭ ئىچىدىكى توكلۇق ۋېلىسپىتنى زەرەتلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن ماجرالىشىپ، توختىماي جىدەللىشىدىغان بولۇپ قالدى. دەسلەپتە ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار ئۇرۇشتى، كېيىن ئۆي ئىگىسىمۇ ئارىلىشىپ قالدى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ئىگىسىنى قارشى تەرەپكە يان باستى دەپ قارىدى.
ساقچىغا مەلۇم قىلىش بارغانسېرى كۆپەيدى،  مەھەللە ساقچىلىرى زور دەرىجىدە زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئىزچىل ھەل بولمىدى. بۇ ئىش جاڭ زۇروڭغا تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ زۇرۇڭ ئۇلارنىڭ جېدەل چىقىرىشىنى كۈتمەستىن، ئۆي ئىگىسى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ  ئوي ـ پىكرى، ئېھتىياجىنى ئاڭلاپ، ئاندىن ھەممەيلەننى يىغىپ، قانۇن -قائىدىلەر، قوشنىدارچىلىق ھېسسىياتى ھەققىدە سۆزلىدى، ئاخىرىدا ئۈچ تەرەپ قول ئېلىشىپ يارىشىپ، ياخشى ئۆي ئىگىسى، ياخشى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى، ياخشى قوشنىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
سەي جىدۇڭ مۇنداق دېدى: «سوۋۇتۇش ئۈچۈن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى، تەقدىرلەپ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى، قارشى تەرەپ نۇقتىسىدىن ئويلىنىش ئۇسۇلى .....لاۋ ياڭ بىلەن لاۋ جاڭنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، ياش ساقچىلار زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى، ئاممىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىنىپ، تەۋەلىكنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلاندى».
نۆۋەتتە، جياڭتۇ كوچا باشقارمىسى ساقچى -خەلق بىرلەشمە خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىدە ئالتە خەلق مۇرەسسەچىسى بار، لېكىن ياڭ ۋېيدۇڭ بىلەن جاڭ زۇروڭ يەنىلا تايانچ بولۇپ، زىددىيەت - ماجىرا يۈز بەرگەندە ئامما ئۇلارنى ئىزدەشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار «مۇرەسسە قىلىش ماھىرلىرى»، ئۇلارنى ئىزدىسە چوقۇم تېز ھەل قىلغىلى بولىدۇ. «ئۇلار قانۇن -قائىدە سۆزلەيدۇ، مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ بەكرەك سۆزلەيدۇ، ھەممىمىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز ۋە قايىل بولىمىز»! ئىككى پېشقەدەم خەلق ساقچىسى تىلغا ئېلىنسا، جياڭتۇ كوچىسىدىكى ئامما بەس ـ بەستە باشمالتىقىنى چىقىرىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى