قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلدى

2018-11-27 11:06:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئالتاي ۋىلايىتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار ئېكولوگىيەنى قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلدى.
بۇ يىل 9- ئايدا، دۆلەت كىلىمات مەركىزى ئالتاي شەھىرىگە «جۇڭگودىكى قار ماكانى» دېگەن دۆلەت كىلىمات بەلگىسىنى بەردى. بۇنىڭغا تاللىنىشتىكى بىر مۇھىم شەرت ئالتاي شەھىرىنىڭ يىللىق ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولۇش نىسبىتى 99 پىرسەنتتىن ئاشقان، PM2.5 ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 13.4 مىكروگرام ھەر كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن.
بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئالتاي ۋىلايىتى ئىزچىل يولغا قويغان تۈرلۈك ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق- ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتا ئىجرا قىلىش ۋە مەجبۇرلاش كۈچىنى ئۆستۈردى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەر پاكىز ئېنېرگىيەنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، كىچىك تىپتىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلىرىنى تاقىدى ۋە شاللىدى، نۇقتىلىق زاۋۇت ـ كان كارخانىلىرىغا گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، نىتراتسىزلاشتۇرۇش، چاڭ- توزان تازىلاش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتتى، كانچىلىق كارخانىلىرىدا كېرەكسىز سۇنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىپ، بۇلغىما چىقارماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى. 2015- يىلىدىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدە ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى ئايرىم ھالدا 99.2 پىرسەنت، 99.6 پىرسەنت، 100 پىرسەنتنى ئىگىلىدى. بۇرچىن ناھىيەسى 2017- يىلى 3- ئايدا ھاۋانى ئاپتوماتىك كۆزىتىش پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شەھەر- بازارلارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىش تورىنى تورلاشتۇرۇپ، ھاۋا سۈپىتىنى كېچە- كۈندۈز ئۇدا ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇرچىن ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ئەيشې مۇنداق دېدى: ھاۋا سۈپىتىنى ئاپتوماتىك كۈزىتىش پونكىتى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ چىققان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تېخىمۇ توغرا چىقىشى ئۈچۈن، بىز ھاۋا سۈپىتى بۇلغىنىشىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، ئەڭ تېز سۈرەتتە بۇلغىما مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا تۈزەپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، ھاۋاسىنىڭ تېخىمۇ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
شەھەر ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، قاقاس تاغلاردا 29 مىڭ مو دائىرىنى كۆكەرتتى. شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 38.68 پىرسەنتكە يەتكۈزدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020- يىلىغىچە 68 مىڭ مو دائىرىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن. ئالتاي شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاقاس تاغنى كۆكەرتىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى كې جۈن مۇنداق دېدى: ئالتاي شەھىرىدىكى قاقاس تاغنى كۆكەرتىشنى 9 چوڭ رايونغا بۆلدۇق، بىز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئالتاي تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركەپ، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، ھاۋاسىنى تېخىمۇ ساپ قىلىپ، ئالتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.
بۇلتۇر 5- ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتى دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاساسلىق دەريا- كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئۇلۇڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئۇلۇڭگۈر كۆلى، ھەر قايسى سۇ ئامبارلىرى، سۇ مەنبەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى مەركەزلىك چېقىپ، كۆل رايونى ئەتراپىدىكى بۇلغىنىش مەنبەلىرىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى ۋە تۈگەتتى. ئۆلۈڭگۈر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چارلىغۇچىسى ئىلجان نۇرسايىت مۇنداق دېدى: ھازىر بۇ يەردە قۇشلارنىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار بار، مەسىلەن قارا ئىبىس، قارا قورساق بېغىرداق، ئاققۇ بار.
بۇ يىل، ئالتاي ۋىلايىتى ۋادىسىنىڭ كۆلىمى 97 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان 272 دەريا ئېقىنى ۋە 16 كۆلنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى رېۋىزىيە تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما ليەندۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 15 دەريانى تۈزەش، 3 سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، 3 ئالاھىدە سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلەرنى مەركەزلىك يولغا قويدۇق. كۆپلىگەن تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دەريا ئېقىنى راۋان، سۇلار سۈزۈك، قىرغاقلار يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىدۇق.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى