قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باھارگۈل نىغمەت 18 يىلدىن بۇيان ئىگە- چاقىسىز 11 ياشانغان كىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىپ، مېھرى- مۇھەببىتى، سەمىمىيىتى، سەۋرىچانلىقى بىلەن ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

2018-11-27 16:14:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى مەنچېڭ يولى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى باھارگۈل نىغمەت 18 يىلدىن بۇيان ئىگە- چاقىسىز 11 ياشانغان كىشىگە سەمىمىي ياردەم بېرىپ، مېھرى- مۇھەببىتى، سەمىمىيىتى، سەۋرىچانلىقى بىلەن ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
يېقىندا، باھارگۈل نىغمەت مەنچېڭ يولى مەھەللىسىدىكى ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: «ئۆيۈڭلار ئىككى كۈندىن بۇيان ئىسسىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ليۇ گوچۈن: «ئىسسىمىدى، بۈگۈن رېمونت قىلغىلى كەلگەنلەر تۇرۇبا يولىدا چاتاق باركەن، دىيىشتى»، دېدى. باھارگۈل: «بىز ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئىشنى داۋاملىق ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىمىز، سىلەر ئۇچاڭلارغا قېلىنراق كىيىڭلار، زۇكام بولۇپ قالماڭلار» دەپ، ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ يېقىندىن بۇيان، پار بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ نورمال بولغان- بولمىغانلىقىنى سورۈشتۈردى.
  باھارگۈل نېغمەتنىڭ مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ئارقىلىق مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزىۋاتقانلىقىغا 18 يىل بولدى. 2000- يىلى ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالنىڭ ئوغلى توي قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كۈتۈلمىگەن ۋەقە بۇ بوۋاي- موماينى بىراقلا ئۆرىۋەتتى. باھارگۈل نىغمەت بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى. ليۇ گوچۈن مۇنداق دېدى: ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا باھارگۈل: «مەن ئاھالىلەر كومىتېتىدىن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم» دېدى. ئايالىم ئۇنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتى. باھارگۈل: «ھامما بولدى يىغلىماڭ، ئوغلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز يەنە بىر قىزىڭىز بار» دېدى. ئايالىم: «ئۇ مېنىڭ يالغۇز ئوغلۇم تۇرسا، نەدىمۇ قىزىم بولسۇن؟» دېدى. باھارگۈل: «مەن سىزنىڭ قىزىڭىز» دېدى.
شۇنداق قىلىپ ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالنىڭ بىر قىزى كۆپەيدى. ئادەتتە ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، باھارگۇل نېغمەت ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى يۇيۇپ، كىر- قاتلىرىنى تازىلاپ بېرەتتى ھەمدە ياشانغانلارغا ھەمراھ بولۇپ مۇڭدىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىراتتى. ليۇ گوچۈن مۇنداق دېدى: ئۇ مەيلى قەيەرگە بېرىپ يىغىن ئېچىشتىن قەتئىينەزەر ئۆيىگە قايتماي ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى ھەمدە ئۆيۈمگە كىرىپلا گۈرۈچ، ياغ بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. تۇرمۇشتا ئۆينىڭ نەرىدىن چاتاق چىقسا ئۇنى ئىزدەيتتۇق. سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالسىمۇ ئۇنى ئىزدەيتتۇق، ئىشقىلىپ چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئۇ قىلاتتى.
باھارگۈل نىغمەت 18 يىلدىن بۇيان، ليۇ گوچۈن ئەر- ئايالدىن باشقا، يەنە ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان 10 ئىگە- چاقىسىز بوۋاي-مومايغا ياردەم بەردى. 2017- يىلى 5- ئايدا، جىمىسار ناھىيەسى باھارگۈل ئىشخانىسى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مېھرى- شەپقەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. ھازىر ئىشخانىدا داۋالاش، سەھىيە، قانۇن تەشۋىقاتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خالىسانە خىزمەت قىلىشى قاتارلىق سەككىز پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بار بولۇپ، ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن 521 پىدائىي بۇنىڭغا قاتناشتى. ھازىرغىچە ئىشخانىدا 700 قېتىمغا يېقىن ياردەم بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. باھارگۈل نىغمەت مۇنداق دېدى: مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاندىن كېيىن بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، ئىناق- ئىجىل ئۆتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ خىل مېھىر- مۇھەببەتنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، چوڭ- كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن. تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى