قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داڭ يەنجۈن ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋىئاتسىيە مودېلى ياساشقا يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى

2018-11-27 16:24:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ماناس ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن- تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى داڭ يەنجۈن 10 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋىئاتسىيە مودېلى ياساشقا يېتەكلەپ، بالىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
ماناس ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن- تېخنىكا پائالىيەت رايونىدىكى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىدىي ئۇچۇش ئۆيىدە، داڭ يەنجۈن پەن- تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەقلىدىي ئۇچقۇ تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئوقۇغۇچىلار ماناس ناھىيەسىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ بويىچە ئايروپىلان مودېلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن داڭ يەنجۈن كىچىكىدىنلا قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى. 2009- يىلى داڭ يەنجۈن ماناس ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن- تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئاۋىئاتسىيە مودېلى، ئاپتوموبىل مودېلى، پەن- تېخنىكىلىق قوراشتۇرۇش قاتارلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى داڭ يەنجۈن رەسمىي پەن- تېخنىكا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغاچقا، بۇ دەرسنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە كۆپ قېتىم ئىزدەندى ۋە ئۆز كۆچىگە تايىنىپ تىرىشتى. داڭ يەنجۈن مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، پۇختا، چىداملىق، مۇقىم بولغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان مودىلى ياساش ئۈستىدە ئىزدەندىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ مەشق ئۇسۇلىنى يەنى قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدىم. مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ قايتا- قايتا تەتقىق قىلدىم.
 دەسلەپتە داڭ يەنجۈن ئاۋىئاتسىيە مودېلى قىزىقىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەندە، نۇرغۇن ئاتا- ئانا بالىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى سىنىپىغا قاتنىشىشىنى قوشۇمچە دەرس دەپ قاراپ، ئۆگىنىشكە دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلغاچقا، مەكتەپ بويىچە ئاران ئون نەچچە ئوقۇغۇچى قاتناشتى. داڭ يەنجۈن ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ قوشۇمچە دەرسلىكىنى قۇبۇل قىلالمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ بۇ نىيىتىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدى. ئۇ 2010- يىلى «ماناس ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەن- تېخنىكا تەربىيەسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نى يېزىپ، ئالتە تۈرلۈك پەن- تېخنىكا تەربىيەسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. داڭ يەنجۈن مۇنداق دېدى: ئايروپىلان مودېلى، ئاپتوموبىل مودىلى، ئىستانوك، مىكروسكوپ، يەنە كومپيۇتېر ئارقىلىق تەقلىدىي ئۇچىدىغان ئايروپىلان، يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلان، يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تىزىملىتىپ قاتنىشىدۇ.
 ئوقۇغۇچى جاۋ يەنجې مۇنداق دېدى: ئاۋىئاتسىيە مودېلىنىڭ ئۆگىنىشكە زور ياردىمى بار، مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ۋاقتىمىزدا، بىز تۇنجى بولۇپ ئوقۇتقۇچىمىزنى ئويلىدۇق.
ئوقۇتۇش جەريانىدا، داڭ يەنجۈن يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايرۇپىلان مودېلىنىڭ ئاسان چېقىلىپ كېتىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا يېڭى ئايرۇپىلان مودىلى ئېلىپ بېرىشنى خالىماي، بىر قىسىم بالىلارنىڭ بۇ قىزىقىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بايقىدى. داڭ يەنجۈن بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سوقۇلۇشقا چىداملىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان ۋە بىرىكمە شەكىللىك كۆپ ئىقتىدارلىق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئايروپىلان مودېلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە دۆلەتنىڭ تۆت تۈرلۈك ئەمەلىي يېڭى پاتېنتىغا ئېرىشتى، بۇ داڭ يەنجۈن ۋە بالىلارنىڭ پەن- تېخنىكا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. 10 يىلدىن بۇيان، داڭ يەنجۈن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى يېتەكلەپ، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئايرۇپىلان مودىلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ياساپ چىققان 130 نەچچە پەن- تېخنىكا ئەسىرىنىڭ 90 نەچچىسى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 19 تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىندى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا مەكتەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك 3، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 46 مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ يىل مەكتەپ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پەن- تېخنىكا پائالىيىتى ئالاھىدە مەكتىپى بولۇپ باھالاندى. داڭ يەنجۈن مۇنداق دېدى: ھەرقانداق بىر خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك، بۇ تىرىشىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، شۇڭا تىرىشىش جەريانى بىر خىل بەخت.
تەرجىمان:ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى