قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى «قار- مۇز مەنزىرىسى، كۆك مۇزلۇقتىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنى يولغا قويدى

2018-11-27 16:27:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل قىشتا، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى «قار- مۇز مەنزىرىسى، كۆك مۇزلۇقتىكى ئۇچرىشىش» ساياھەت پەسلى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە قار- مۇز ساياھىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.
قىشتىكى سايرام كۆلى كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيگەن بولۇپ، ياپيېشىل قارىغايلار بىلەن ئاپئاق قارلىق تاغلار گىرەلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. كۆل سۈيى خۇددى كۆك ياقۇتقا ئوخشاش تىيانشان ئېتىكىدە سۈزۈك، تىنچ، شۇنچە گۈزەل كۆرۈنەتتى. فۇجيەنلىك ساياھەتچى لى شيا كۆل بويىغا كېلىپلا، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنداق چوڭ كۆلنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، يىراقتىن قارىسا خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدىكەن، ئاندىن كۆك بىلەن ئاق ئارىلىشىپ، ئىنتايىن پاكىز ھەم سۈزۈك كۆرىنىدىكەن.
كۆل بويىدا تۇرغاندا، كۆل سۈيى، ئاپئاق قار، كۆك ئاسمان، بۇلۇت ۋە تۇمان ئاجايىپ گۈزەل بىر رەسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. خۇنەنلىك ساياھەتچى جېڭ رۈيفېن مۇنداق دېدى: بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ گۈزەل مەنزىرە، بىر قېتىم كەلگەندىن كېيىن يەنە 2-، 3- قېتىم كەلگىڭىز كېلىدىكەن، ھەتتا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىڭىز كېلىدىكەن.
سايرام كۆلىنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتچىلەرگە قار- مۇز ساياھىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا مول، رەڭدار قار- مۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مەنزىرە رايونىدا بىلەت باھاسىدا يېرىم نىسبەت ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويىدۇ. بورتالا ئوبلاستلىق سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جى خۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز سايرام كۆلىنىڭ كۆك مۇزدىن ئىبارەت تەبىئىي بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇز ھەيكەل ياسىدۇق، بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، قار- مۇز باغچىسى قۇردۇق، يەنە مۇز تېيىلىش ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسى، قارلىق دالىدا موتسىكلىت چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىمىز، بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنى قار- مۇز تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھىرلەندۈرىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى