قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىز بىلەن تونۇشقىنىم مېنىڭ بەختىم

2018-11-27 18:24:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋېي فاڭ بىلەن شۇ فېڭ تۇنجى قېتىم ۋېي فاڭ تاغامنىڭ تويىدا كۆرۈشكەن ئىدى. ئەينى چاغدا، 25 ياشلىق شۇ فېڭ ئەمدىلا شاڭخەي قاتناش داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ، يېنىك سانائەت ماشىنىلىرىنى لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانىۋاتقان، ئۇ قوش ئۇنۋان ئالغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىسكىرىپكىنى ناھايىتى ياخشى چالاتتى. 24 ياشلىق ۋېي فاڭ داتۇڭ داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، شاڭخەي لۇۋەن رايونىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى. تاغامنىڭ تويىدا، شۇ فېڭ كېلىنچەكنى يۆلەپ زالغا كىردى، بارلىق كىشىلەرنىڭ نەزىرى كىلىنچەككە مەركەزلەشتى، پەقەت ۋېي فاڭنىڭ نەزىرى شۇ فېڭغا چۈشتى.
ۋېي فاڭ شۇ چاغدا «بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىش» دېگەن سۆزنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆز ئالدىدىكى شۇ فېڭنىڭ قىياپىتى سالاپەتلىك، مۇلايىم بولۇپ، يۈرۈش- تۇرۇشىدىن بىلىملىك ۋە مەدەنىيلىكى چىقىپ تۇراتتى. ۋېي فاڭ ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىن، پەقەت بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ «ئۆمۈرلۈك ھەمراھى» ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇنى ئويلاۋېتىپ، ئىختىيارسىز خىجىل بولۇپ يۈزى قىزاردى. بۇنى يېنىدىكى ئانىسى ھىس قىلغان ئىدى.
توي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاپىسى كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يىگىتنىڭ كېلىنچەكنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكى، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك، ئىقتىدارلىق يىگىت ئىكەنلىكى، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغى ئۇنىڭ لايىقى بار ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئانىسى بۇ خەۋەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ۋېي فاڭغا ئېيتتى، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئۇ تەمكىن كۆرۈنگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئاللىقاچان ياش تۆككەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. ۋېي فاڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئادەمنى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سالدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، شۇ فېڭ بولغۇسى ئايالى بىلەن توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋېي فاڭ شۇ فېڭدىن يىراق تۇرۇپ، قايتا ئالاقىلاشمىدى. شۇ فېڭ توي قىلغاندىن كېيىن ناھايىتى بەختلىك بولۇپ، بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال- خۇرام ئۆتتى.
ۋېي فاڭ پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە سەرپ قىلىپ، كۆپ قېتىم شاڭخەي شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالاندى ھەمدە رايونلۇق مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولدى.
كېيىن شۇ فېڭنىڭ ئايالى بەختكە قارشى تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. شۇ مەزگىلدە، شۇ فېڭ ئېغىر روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەم كېسىلى ئېغىر ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىككى كىچىك بالىسىنىڭ غېمىنى يىدى، ئۇ ھايات يولىنىڭ قارا ھاڭغا چۈشۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى، قانداق تىركىشىشىدىن قەتىينەزەر چىقىش ئېغىزىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
ئايالى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمىدى، شۇ فېڭ تەقدىرنىڭ ئۆزىگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. بىراق، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، شۇ فېڭنىڭ قىزىنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپارغاندا قۇتقۇزغىلى بولمىدى. شۇ كۈنلەردە، شۇ فېڭ يېمەي- ئىچمەي قىزىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ: «ئەگەر مېنىڭ سەۋەبىم بولمىغان بولسا، ئايالىم بىلەن قىزىم ئارقا- ئارقىدىن كېتىپ قالمىغان بولاتتى» دەپ  ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلىدى. ئىككى قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ فېڭ ياشاش جاسارىتىنى يوقاتتى، ھېلىمۇ ياخشى ئوغلى ئىش ئۇقىدىغان بولغاچقا، ئۈن- تىنسىز دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى.
  تاغىسى تاساددىپىي ۋېي فاڭنىڭ ئاپىسىدىن ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا شۇ فېڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قىلغانلىقىنى بىلىپ قالدى. بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدا، تاغىسى شۇ فېڭنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن ياش تۆكتى. تاغىسى: «شۇ فېڭنىڭ ئائىلىسى بىر ئايالغا موھتاج، سىزمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە يىل بويتاق يۈردىڭىز، بولمىسا ئىككىڭلار بىللە ئۆتۈڭلار» دېدى. شۇ فېڭ قوللاشقا ۋە ياردەم بېرىشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا، ۋېي فاڭ قانداقمۇ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرالايدۇ. ئۇ شۇ فېڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئورۇق چىرايى ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئاق چاچلىرىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ يەنە بىر قېتىم ياش تۆكتى.
  لېكىن ۋېي فاڭنىڭ ئۆيدىكىلىرى قەتىي قوشۇلمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ۋېي فاڭ كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىستىقپالى بار، لېكىن شۇ فېڭنىڭ بىر بالىس بولغاچقا، ۋېي فاڭ ئۆيگە كىرىپلا ئۆگەي ئانا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ فېڭنىڭ ئىستىقبالى يوق، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن ۋېي فاڭ ئىنتايىن قەتىي بولدى. ئۈزۈك، توي كۆينىكى يوق، ئاددىي ـ ساددا بىر ۋاخ تاماق يەپلا، ئىككىسى بىللە تۇرمۇش كەچۈردى.
  نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەردىن كېيىن، ۋېي فاڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بىلەن ئاخىرى بىللە ئۆتۈپ، ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى. ئۇ 20 يىللىق مۇھەببىتىنى ئازراقمۇ ئاياپ قالماي شۇ فېڭغا بەردى. شۇ فېڭنىڭ ئوغلىنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، مەيلى تۇرمۇش ياكى تەربىيەلەش جەھەتتە بولسۇن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى. شۇ فېڭ بىلەن بالىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇ بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلدى. ۋېي فاڭ شۇ فېڭغا: «سىزنىڭ ئوغلىڭىز مېنىڭ ئوغلۇم» دېدى. شۇ فېڭ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ: «سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، كېيىنكى ئۆمرۈمدە مەن پۈتۈن ھۇجۇدىم بىلەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېدى.
  ئەمما، شېرىن تۇرمۇش بىر يىلغا بامىدى، شۇ فېڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىن ناھىيىسىگە يېزا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى، مۇشۇ كەتكەن پېتى 10 يىل ئىشلىدى. شۇ فېڭ ماڭىدىغان چاغدا ۋېي فاڭغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، لېكىن ۋېي فاڭ ئۆيىدىكى يىغقان پۇلىنى ئېلىپ، شۇ فېڭنىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: «سىز بۇ پۇللارنى ئېلىۋېلىڭ، گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما سىرتقا چىققاندا جىددىي ئىشلاردا ئەسقاتىدۇ. سىز خاتىرجەم خىزمەت قىلىڭ، مەن بالىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن، بىز سىزنىڭ قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمىز» دېدى. بىر خىل ئىللىق ئېقىم شۇ فېڭنىڭ قەلبىگە ئۇرۇلدى: «بۇ ئۆمرۈمدە سىزنى ئۇچرىتىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ تەلىيىم» دېدى. كېيىنكى ئون يىلدا، ئۇلار نۇرغۇن خەتلەرنى يېزىشتى، خەتتىكى ھەر بىر قۇرغا سېغىنىش ھېسسىياتى تولغان ئىدى.
  قايتا جەم بولغاندا، ئوغلى چوڭ بولۇپ، شۇ فېڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئادەم بولغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى تېزلا چەتئەلگە چىقىپ كەتتى. ئىككىيلەن ئىككى كىشىلىك دۇنيانى ئالاھىدە قەدىرلەپ، بىرلىكتە كۆكتات سېتىۋالغىلى، باغچا ئايلانغىلى باراتتى. دوستلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ياخشىلىقىغا ھەۋەس قىلاتتى، شۇ فېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «توي قىلغىلى شۇنچە يىل بولدى، ئاخىرى مۇھەببەتلىشىشكە ۋاقتىم چىقتى» دىسە، بۇ گەپتىن ۋېي فاڭ كۈلۈپ كېتىپ: «مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، يەنە مۇشۇنداق گەپ قىلامدۇ» دەيتتى. شۇ فېڭ ۋېي فاڭنىڭ خىجىللىق چىقىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.
  شۇ فېڭ ۋېي فاڭنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەتدار ئىدى، ئۇ شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا ئالدى. ۋېي فاڭ تاماق ئەتمەكچى بولسا، شۇ فېڭ دائىم ئۇنى ئاشخانىدىن چىقىرۋېتەتتى. ئۆيگە مېھمان كەلسە، شۇ فېڭ پەرتۇقىنى تارتىپ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، ۋېي فاڭ بولسا مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ چاي ئىچىپ پاراڭلىشىشقا مەسۇل بولاتتى. مېھمانلار مەسخىرە قىلىپ، شۇ فېڭ خوتۇنىنى بەك ئەركە قىلىۋېتىپتۇ، دېسە، شۇ فېڭ: «خوتۇنۇمنى، قانداق ئەركىلەتكۈم كەلسە شۇنداق ئەركىلىتىمەن» دەيتتى. شۇ فېڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئىنتايىن پەخىرلىك ھىس قىلاتتى، لېكىن ۋېي فاڭ بەكلا خىجىل بولۇپ كېتەتتى.
  بەختلىك كۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتۈۋېرىپ، بىلىپ- بىلمەيلا ۋېي فاڭ 88 ياشقا كىرىپ قالدى. بىر كۈنى شۇ فېڭ ئالدىراش تاماق ئېتىۋاتقاندا، ۋېڭ فاڭ ئۇنىڭغا: «سىرتقا چىقىپ چاچ ياساتقۇم بار» دېدى، شۇ فېڭ: «بولىدۇ، سىز بېرىڭ، بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ تامىقىڭىزنى يەڭ» دېدى. ۋېي فاڭ ماقۇل بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. شۇ فېڭ تاماقنى ئېتىپ، ۋېي فاڭنى ساقلىدى، لېكىن ۋېي فاڭ قايتىپ كەلمىگەچكە ئۇ دەرھال سىرتقا چىقىپ ۋېي فاڭنى ئىزدىدى. ئەتراپتىكى ساتىراشخانىلارنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدى، ئۇ يەنە ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا تېلېفون قىلدى، كۆپچىلىك كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇ فېڭنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتتى.
  قاراڭغۇ چۈشكەندە، ساقچىلار ۋىي فاڭنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇ سىرتتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ، ئۆيىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەسلىيەلمىگەن ئىكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ بىلەن يېرىم كۈن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇ بىر كوچىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن، ساقچىلار بۇ ئارقىلىق ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگەن. ۋېي فاڭ شۇ فېڭنى كۆرگەندىن كېيىن خۇشال بولۇپ دەرھال ئۇنى تارتىپ ساقچىغا تونۇشتۇرۇپ: «بۇ ئادەمنى تونۇيمەن، ئۇ مېنىڭ ئېرىم شۇ فېڭ» دېدى. ۋېي فاڭ ئۆيىگە بىخەتەر قايتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇ فېڭ ناھايىتى ئەنسىرىدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ ۋىي فاڭنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتى، دوختۇر ئۇنى ئالتسخېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ دېدى.
  ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەقلى تۆت ياشلىق بالىنىڭكىدەك بولۇپ قالدى، ھەممە ئىشتا شۇ فېڭغا تايىناتتى، ئۇ شۇ فېڭغا ئەگىشىپلا يۈرەتتى. ئىلگىرىكى نازاكەتلىك، مۇلايىم، يېقىملىق ۋېي فاڭ يوقاپ كەتكەن ئىدى. شۇ فېڭ ھەر كۈنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تاماق يىگۈزۈپ، كىيمىنى كىيدۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، پۇتۇنى يۇيۇپ قوياتتى لېكىن شۇ فېڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال ئىدى.
  چەتئەلدىكى ئوغلى ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ئالايىتەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. ئەمما، ۋېي فاڭ ئوغلىنى تونۇمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇ فىڭنى بىر چەتكە تارتىپ: «بۈگۈن ئۆيگە مېھمان كەلدى، چوقۇم ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىڭ» دېدى. ئوغلى بىر چەتتە تۇرۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. شۇ فېڭ ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ: «ئەنسىرىمەڭ، ئاپىڭىز مېنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا بولدى» دېدى.
  90 ياشلىق شۇ فېڭنىڭ سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى، ۋېي فاڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئامال تېپىپ، ئىككىسى بىللە ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە بېرىپ تۇردى. دەسلەپتە ۋېي فاڭ قوشۇلماي، كۈن بويى ئۆيگە قايتىمەن دەپ غەلۋە قىلدى، كېيىن ئاستا- ئاستا كۆنۈپ قالدى. ياشانغانلار ساناتورىيىسىدە كارىۋات قىس بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ بىرسى ئۈستىنكى قەۋەتتە، بىرسى ئاستىنقى قەۋەتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇ فېڭ ھەر كۈنى كەچتە، ۋېي فاڭ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ياتىقىغا كىرىپ كېتەتتى؛ ئەتىگەندە يەنە پەسكە چۈشۈپ، ۋېي فاڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇ ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، يۈز- كۆزىنى يۇيۇپ، ئاشخانىغا ئاپىرىپ تاماق يېگۈزەتتى.  2017- يىللىق چۇڭياڭ بايرىمىدا، شۇ فېڭ بىلەن ۋىي فاڭنىڭ مۇھەببىتى سۆزلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «مەن پەقەت سىزنىلا تونۇيمەن» شاڭخەيدە قويۇلدى. شۇ فېڭ ۋېي فاڭغا ئالاھىدە بىر قۇر چىرايلىق كىيىم تەييارلىدى، ئىككەيلەن قول تۇتۇشۇپ شاڭخەي كىنو شەھەرچىسىگە كەلدى. كىشىلەر بۇ ياشانغان بىر جۈپلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلەندى، ۋېي فاڭ بۈگۈن ئۆزىنىڭ باش پېرسوناژ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن كۆپرەك ئۇخلىدى. كىنو ئاخىرلاشقاندا، شۇ فېڭ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندا، كۆرۈرمەنلەر ئۇلارغا قىزغىن چاۋاك چالدى، ۋېي فاڭمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۆپچىلىككە چاۋاك چالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى