قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بوۋاي ۋە دېڭىز چايكىلىرى

2018-11-27 18:28:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ ئادەتتىكى بىر كۈنى ئىدى. دوستۇم ئىككىمىز سۈيخۇ كۆلى بويىغا كەلگەن چېغىمىزدا، دېڭىز چايكىلىرى ئۇياقتىن- بۇياققا ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى.
دېڭىز چايكىسىغا دان بېرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئاسانلا تونىۋالغىلى بولىدىغان بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىملىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ھەم ئۆڭۈپ كەتكەن كۆك رەڭلىك رەخت سومكا ئېسىۋالغان، ھەتتا قولىدىكى دان سالىدىغان سولياۋ خالتىسىنىڭمۇ رەڭگى ئۆچكەن ئىدى.
دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بوۋاي ھەر كۈنى شەھەر سىرتىدىن 20 نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈپ، بۇ يەرگە كېلىپ، دېڭىز چايكىلىرىغا يېمەكلىك بېرىدىكەن ھەم ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىكەن.
بوۋاي ئادەم شالاڭ جايغا كېلىپ، پىچىنە ئۇۋاقلىرىنى كۆل بويىدىكى رېشاتكىغا تۆكتى ۋە بىر قەدەم چېكىنىپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ دېڭىز چايكىلىرىنى چاقىرىدى. بۇنىڭ بىلەن دەرھال بىر توپ دېڭىز چايكىلىرى ئۇچۇپ كېلىپ، بىردەمدىلا پاك- پاكىزە يەۋەتتى. ئاندىن بوۋاي رىشاتكىنى بويلاپ دان چېچىپ ماڭدى. دېڭىز چايكىلىرى ئۇنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ھېلى قونۇپ، ھېلى ئۇچۇپ سايراشلىرى بىلەن خۇددى ئاق رەڭلىك مۇزىكا نوتىلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
بوۋايمۇ دېڭىز چايكىلىرىنىڭ سايراشلىرىغا قوشۇلۇپ، جاراڭلىق ئاۋازدا قانداقتۇر بىر ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدى. تازا زەن سېلىپ ئاڭلىساق ئەسلىدە ئۇنىڭ سۆزلىرى يەرلىك تىل بولۇپ، ئۇنىڭ «يالغۇز پۇت»، «كۈلرەڭ باش»، «قىزىل ئېغىز»، «لاۋشا»، «مەلىكە» دىگىنى ئىكەن.
   «سىز دېڭىز چايكىلىرىغا ئىسىم قويۇپ قويدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ.
  بوۋاي ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ قويۇپ يەنە ئېڭىشىپ چايكىلارغا قارىدى ۋە: «شۇنداق ھەممىسىنىڭ ئىسمى بار» دېدى.
ئوپمۇ ئوخشاش ئاق قاناتلىق چايكىلار قۇياش نۇرىدا ئۇچۇپ ئۆتكىنىدە، مەن بوۋاينىڭ ئۇلارنى پەرىقلەندۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىپ: «سىز ئۇلارنى تونۇيالامسىز؟» دەپ سورىدىم.
 «قاراڭ، ئاۋۇ پۇتىغا ھالقا ئۆتكۈزۈلگىنى لاۋشا بولىدۇ» دېدى بوۋاي ھەۋەس بىلەن ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ يەنە سۇ يۈزىنى كۆرسىتىپ: «يالغۇز پۇت، لاۋشا، كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىككى دېڭىز چايكىسى دەرھال بوۋاي تەرەپكە ئۇچۇپ كەلدى. بىر دېڭىز چايكىسىنىڭ پۇتىدا ھەقىقەتەن مېتال ھالقا پارقىرايتتى. يەنە بىرسى ئۇچۇپ كەلگىنىچە بوۋاينىڭ ئالقىنىغا قونۇپ، دانلارنى چوقۇپ يەۋاتاتتى. ئۇنىڭ پەقەت بىرلا پۇتى بار ئىدى، شۇڭا قونغاندا قاناتلىرىنى قېقىپ تۇرۇپ تەڭپۇڭلىقىنى ئاران ساقلىۋالدى. قارىغاندا ئۇ بوۋاي ئېيتقان يالغۇز پۇتتەك قىلاتتى. بوۋاي  ئۇنىڭغا دان بەرگەچ مېھرى بىلەن سۆزلەيتتى. دېڭىز چايكىلىرىنىڭ گېپى چىقسىلا، بوۋاينىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى.
«دېڭىز چايكىسى مېھىر- مۇھەببەتنى چوڭ بىلىدۇ، كۆڭلى نازۇك. ئالدىنقى يىلى بىر دېڭىز چايكىسى كۈنمىندىن ئايرىلىدىغان كۈنىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بۆكۈمگە بەش قېتىم قونۇپ بىردەم تۇردى. مەن تېخى ئۇنى مەن بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن. كېيىن ئۇنىڭ مەن بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. ئۇ بۇلتۇر كەلمىدى. بۇ يىلمۇ يوق. دېڭىز چايكىسى يەنە خەيرىلىك قۇش، بەخت قۇشى. كونىلار: «ئاق چايكا شېئىرى ئىلھام ئاتا قىلىدۇ» دەيدىغان. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى دېڭىز چايكىلىرى كەلگەندىلا مەن ئۇلارنىڭ بىزگە بەخت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. قاراڭ ئۇلارنىڭ ئوماق تۇرقىغا...» دېدى بوۋاي. چايكىلار بوۋاينىڭ چاقىرىشى بىلەن دەرھال ئۇچۇپ كېلىشتى- دە، توپ- توپ بولۇپ ئۇنى ئورۇۋېلىشتى، يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەرمۇ توختىشىپ ئۇلارغا قاراشتى.
قۇياش غەربكە قېيسايدى. بوۋاينىڭ سۇلياۋ خالتىسىمۇ  قۇرۇقدالدى. «جىق ۋاقىت قالمىدى. يەنە ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارمۇ بۇ يەردىن قايتىدۇ. ئاڭلىشىمچە، ئۇلار ئەمدى دىيەنچى كۆلىگە بېرىپ ئارام ئالىدىكەن. ئەمما، مەن ئۇ يەرگە بارالمايمەن» دېدى بوۋاي ئاسماندا ئايلىنىۋاتقان چايكىلارغا ئۈمىد بىلەن بېقىپ.
دوستۇم ماڭا ئون يىلدىن بۇيان بوۋاينىڭ قىش پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا خۇددى تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندەك ھەر كۈنى كېلىپ چايكىلارنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئون نەچچە كۈندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز بىرىدىن بوۋاينىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بوۋاينىڭ سۈيخۇ كۆلى بويىدا چايكىلارغا دان بېرىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
بىز بوۋاينىڭ چايكىلارغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دان بېرىۋاتقان سۈرىتىنى چوڭايتىپ، سۈيخۇ دېڭىزى بويىغا ئېلىپ باردۇق. ئويلىمىغان يەردىن بىر توپ چايكىلار تۇيۇقسىزلا ئۇچۇپ كەلدى- دە، بوۋاينىڭ سۈرىتىنى ئايلىنىپ ئۇچۇشتى ۋە سايراپمۇ كېتىشتى. خۇددى بىر ئىش يۈز بەرگەندەك ئۇلارنىڭ سايراشلىرى ۋە ئۇچۇش ھالەتلىرى باشقا ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايتتى. بىزمۇ ئىنتايىن ھەيران قېلشتۇق ۋە دەرھال بوۋاينىڭ سۈرىتىدىن يىراقلىشىپ، ئۇلارغا بىر بوشلۇق ھازىرلاپ بەردۇق.
چايكىلار قاناتلىرىنى جىددىي قېقىشىپ، خۇددى مەرھۇم بىلەن خوشلىشىۋاتقان ئۇرۇق- تۇغقانلاردەك ئارقا-ئارقىدىن بوۋاينىڭ سۈرىتى تەرەپكە قاراپ  ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى. سۈرىتىدە بوۋاي ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن دېڭىز چايكىلىرىغا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قىشتا ئۆزىگە ھەمراھ بولغان قىز- ئوغۇللىرىغا قاراپ تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن، دېڭىز چايكىلىرى ئارقا- ئارقىدىن بوۋاينىڭ سۈرىتىنىڭ ئالدى كەينىگە ئىككى رەتتىن بولۇپ قونۇشتى. ئۇلار بوۋاينىڭ روھىنى قوغداۋاتقان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردەك سۈكۈتتە تۇرۇشاتتى.
 بىز سۈرىتىنى يىغىشتۇرماقچى بولغاندا، دېڭىز چايكىلىرى خۇددى گازارمىنى پارتىلىتىدىغاندەك سۈرەتگە قاراپ ئۆزىنى ئېتىشتى. ئۇلار بار ئاۋازى بىلەن سايرىشاتتى. قاناتلىرىنى سۈرەتگە قارىتىپ ئۇرىشاتتى. بىز بۇ قاينامدىن ناھايىتى تەستە قۇتۇلدۇق.
 بوۋاينىڭ دەپنە مۇراسىمىدا، بىز سۈرىتىنى  كۆتۈرۈپ ئاستا تەزىيە زالىغا قاراپ ماڭدۇق. بوۋاي كۆك سومكىسىنى ئېسىپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلىغىنىچە چايكىلارنى چاقىرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئۇچىۋاتقان چايكىلار توپى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى