قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماتېماتېكا مۇزىكىغا يولۇققاندا

2018-11-27 18:29:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا «چەمبەر تۇراقلىقى» نى نوتا قىلغان بىر پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاڭلىدىم، گەرچە غەلىتە بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى گۈزەل ئىدى. مىلادىيە 5- ئەسىردە، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ـ شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ماتېماتىكا ئالىمى زۇ چۇڭجى ئالدى بىلەن «چەمبەر تۇراقلىقى» نىڭ ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى يەتتە خانىلىق قىممەتنى ھېسابلاپ چىققان. ماتېماتىكا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىلادىدىن بۇرۇنقى 20- ئەسىردە چېكىتتىن كېيىنكى بىرخانىلىق ساننى ھېسابلاپ چىققاندىن تارتىپ، مىلادىيە 20- ئەسىرگىچە، چېكىتتىن كېيىنكى يۈز مىليون خانىلىق سانغىچە ھېسابلاپ چىقىلغان. «چەمبەر تۇراقلىقى» نىڭ سېھرىي كۈچى چەكسىز بولۇپ، سەنەتكارلارنىمۇ مەپتۇن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە خانىلىق ساننى نوتا بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇشتەك غەلىتە ئوي پەيدا بولغان.
ماتېماتىكا مۇزىكىغا يولۇققاندا، قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ بىۋاستە كۆرۈشكە بولۇدىغىنى، مۇزىكىنى خاتىرىلەيدىغان نوتا ساننى ئاساس قىلغان: يەنى بەش سىزىقلىق نوتا يۇقىرى ـ تۆۋەن نوتىلاردىن شەكىللەنگەن بولۇپ، خۇددى رەقەملىك سانلارنىڭ دەرىجە بويىچە تىزىلىشىگە ئوخشايدۇ؛ ئاددىي نوتا ئىشلەتكەن ئەرەب رەقىمى بىردىن يەتتىگىچە بولۇپ، مۇزىكىنىڭ سان جەھەتتىكى ئاجايىپ تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
«چەمبەر تۇراقلىقى» نىڭ مۇزىكا ساداسى ئۈزۈلمەي تۇرۇپ، كۆز ئالدىمدا يەنە قەدىمكى يۇنان ماتېماتىكا ئالىمى، پەيلاسوپ پىفاگورنىڭ سىماسى نامايان بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: «ھەممە مەۋجۇداتلار سان بولىدۇ»، «سان شەيىلەرنىڭ ماھىيىتى». ئۇ ئالتۇن بۆلۈش فورمۇلاسىنى «بارلىق مەۋجۇداتلار» ئىچىگە قويغان ھەمدە بىر مۇزىكىلاشقان باياننى ئىپادىلىگەن: قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسى يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈچ خىل تەڭكەش ئاھاڭغا، يەنى سەككىز ئۆلچەملىك ئاۋاز، بەش ئۆلچەملىك ئاۋاز، تۆت ئۆلچەملىك ئاۋازغا باراۋەر بولىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئۇ سانلىق مەلۇمات تۈرىنىڭ فىزىلىق ئۇسۇلى بىلەن بىر تار ئۈستىگە بىر ئاۋاز ئۇرۇپ، ئاندىن ئىككى تال تارىنىڭ 5- ۋە 8- ئاۋازىنى ياڭراتتى. خۇلاسىسى: ئۈچ تارىنىڭ ئۇزۇنلۇق نىسبىتى 6:4:3 بولغان. پىفاگور ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ھادىسىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئارقىلىق، ئاۋاز تەڭلىمىسىنىڭ ئىناقلىقى ئالەملەرنىڭ پلانېتىلار ئارا تەرتىپىگە ماس كېلىدۇ، مۇزىكا «بارلىق مەۋجۇداتلار سان بولىدۇ» كاتېگورىيىسىدە تەۋە بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ماتېماتىكا ئالىمى چالغۇ تارىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئاھاڭ ئارىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھېسابلاپ، كېيىنكى مۇزىكىنىڭ «بەشتىن بىرلىك ئاھاڭنىڭ بىر بىرىنى تۇغدۇرۇش قائىدىسى» ئۈچۈن ئاساس سالدى.
17- ئەسىردە، غەربنىڭ بارلوك دەۋرىدە، باخنىڭ داڭلىق ئىجادىيىتى «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز پىئانىنو مۇزىكىسى توپلىمى» دا يېڭى بىر ئاھاڭ ئىشلىتىلگەن. بۇ ئاھاڭ تەبىئىي مەۋجۇت بولغان يېرىم تون مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلغان. فىزىكا ئىلمىدىن قارىغاندا، چاستوتىدا بەلگىلەنگەن يۇقىرى ئاۋاز، ھەر بىر ئۆرلىگەندە 8 گىرادۇس بولۇپ، چاستوتىسى بىر ھەسسە ئاشىدۇ. مەسىلەن: 1975- يىلى ئەڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەن خەلقارا ئۆلچەملىك ئاۋاز A نىڭ تەۋرىنىشى 440 ھېرتس بولۇپ، 8 گىرادۇس ئۆرلىگەن بولسا 880 ھېرتس بولىدۇ. ئاندىن ماتېماتىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 8 گىرادۇسلۇق ئاۋاز ئارىلىقىنى 12 گە تەڭ بۆلگەن، شۇنىڭ بىلەن يېرىم تونلۇق ئاۋاز بارلىققا كەلگەن.
بۇ ھېسابلار ماتېماتىكا ئالىملىرىغا نىسبەتەن قىيىن بولۇشى ناتايىن، لېكىن سەنئەتكارلارغا نىسبەتەن بەك مۇرەككەپ. ئەلۋەتتە، مۇزىكانت ھېسابلاپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ماتېماتىكىلىق مۇرەككەپلىككە ئىگە يېرىم تونلۇق ئاۋازنىڭ مۇزىكىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى موللاشتۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئېھتىياتچان گېرمانىيىلىك باخ «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» نىڭ پەن ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، 1722- يىلىدىن 1744- يىلىغىچە، ئۇ 24 پىئانىنو مۇزىكىسى يېزىپ، ئىككى توم «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋازلىق قائىدىسى پىئانىنو مۇزىكىسى توپلىمى» نى تۈزۈپ چىقتى.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەنلى كالېندارىنىڭ 23- يىلى يەنى 1595- يىلى قانۇن ئالىمى، تارىخشۇناس، مۇزىكانت جۇ زەييۈ ئۆزىنىڭ «مۇزىكا قامۇسى» نى تاماملىغان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» بايان قىلىنغان. يەنىلا ۋەنلىنىڭ 11- يىلى يەنى 1584- يىلى، 100 يىلدىن كېيىن باخ دۇنياغا كەلگەن. بۇ مۇزىكا تارىخىدىكى بىر چوڭ بايقاش. جۇ زەييۈنىڭ «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» بىر مەھەل غەربتە كەڭ تارالغان.
باخنىڭ بۇ جۇڭگولۇق شاھزادىنى بىلىشى ناتايىن. ئەمما، بۇ ئاھاڭنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن غەرب مۇزىكا ساھەسىدە نۇر چېچىپ، ھەتتا ھېلىقى «مۇزىكا دەرسلىكى» نى يازغان باخنىڭ جۇڭگودىكى جۇ زەيدىنمۇ داڭقى چىققان. شۇ تاپتا، ھەتتا باخنىڭ يۇرتدىشى، گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گېلمھولتس ئادىل سۆز قىلىپ، جۇڭگو شاھزادىسى جۇ زەييۈ: «كونا ئېقىمدىكى مۇزىكانتلارنىڭ قارشى تۇرۇشىدا، گېپتاكوردنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ سەككىز ئۆلچەملىك ئاۋازنى 12 يېرىم تونلۇق ئاۋازغا بۆلۈش ۋە ئاھاڭنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى، تالانت ۋە ماھارەتكە ئىگە كەشپىيات» دېدى. بۈگۈنكى كۈندە، «چالغۇ شاھى» پىئانىنو-- دۇنياغا داڭلىق بولسىمۇ، ئەمما غەربنىڭ پىئانىنو ياساش پىرىنسىپى «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» نى بايقىغان بۇ شەرق ئالىمىدىن كەلگەن.
ئۇنداقتا، جۇ زەييۈ «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» نى قانداق بايقىغان؟ ئۇنىڭ جاۋاپى: ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش. ئۇ 81 لىق ئالاھىدە چوڭ سۈەنپەن بىلەن كۋادرات يىلتىزى چىقىرىش، كۇب يىلتىزى چىقىرىش ھىسابى ئىشلىگەن. ئۇ «ئوخشىمىغان كالبېرلىق نەيچە تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تار ۋە لۈگۈەننى لايىھەلەپ ۋە ياساپ، 12 مۇزىكا ئاۋازىغا قوشنا ئىككى ئاۋازنىڭ ئېشىش نىسبىتى ياكى كېمىيىش نىسبىتىنىڭ تەڭلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى. جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇزىكا تارىخىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۇنيا داڭلىق ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» غا ئۇل سالدى. جۇ زەييۈ ماتېماتىكا ساھەسى ۋە مۇزىكا ساھەسىدە بىر ئابىدە تىكلىدى.
جۇڭگونىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسى خۇاڭ شياڭپېڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» بىر يەككە تۈردىكى پەن تەتقىقات نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۆلچەش ئىلمى، ماتېماتىكا، فىزىكا ئىلمىدىكى مۇزىكىلىق ئاكۇستىكا، جۇڭگو مۇزىكا قانۇنى تارىخى، ئاسترونومىيە كالېندارى ھەمدە مۇزىكا- سەنئەت ئەمەلىيىتى توغرىسىدىكى مول ۋە چوڭقۇر نەتىجىلەرگە چېتىلىدۇ، دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخى ۋە سەنئەت تارىخىدىكى بىر چوڭ كەشپىيات». ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئالىم جوسېف مۇنداق دەپ قارىدى: « جۇ زەييۈ دۇنيادىكى تۇنجى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قانۇنىيىتى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى»، «جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىنى پارلىققا كەلتۈرگۈچى  ئەۋلىيا».
ماتېماتىكا مۇزىكىغا يولۇققاندا، سان ساناقسىز تەرتىپسىز تەبىئىي ئاۋازلار تەرتىپلىك مۇزىكا ئاۋازىغا ئايلىنىپ، ئىپتىدائىي ئاۋاز رىتىمغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرلىق ماتېماتىكا دۇنياسىدىن گۈزەل سەنئەت دۇنياسىغا بارغاندا، ماتېماتىكا مۇزىكىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.
بىز شۇنى بايقىدۇقكى، زېرىكىشلىك ھېسابلاشتىن ھاسىل بولغان «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى» نىڭ كلاسسىك فورمۇلاسى نۇرغۇن گۈزەل مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. باخنىڭ «ئون ئىككى تەڭ ئارىلىقلىق ئاۋاز قائىدىسى پىئانىنو مۇزىكىسى توپلىمى» نى بىر ئىلمىي رەقەم تەرتىپى دېگەندىن كۆرە، بىر قېتىملىق مۇتلەق ماتېماتىكا سەنئىتىنىڭ دېدۇكسىيەسى دېگەن تۈزۈك.
ئادەمنى مەست قىلىدىغان مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىغان شۇ دەقىقىدە، ماتېماتىكا بىلەن مۇزىكا بىرىكىپ شانلىق نۇر ھاسىل قىلغان، مانا بۇ ماتېماتىكا مۇزىكىغا يولۇققاندا، ئىككى ساھەنىڭ ئورتاق ئۇرغۇپ تۇرغان بارلىق سېھرىي كۈچى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى