قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر دېھقاننىڭ پەن- تېخنىكا ئارزۇسى

2018-11-28 12:23:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئون يىل ئىچىدە 4 ئەۋلاد «تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش» ماشىنىسىنى كەشپ قىلغان شىخو شەھىرى خاتۇبۇخ بازىرى ئۇسۇن چاس كەنتىدىكى دېھقان يۈەن چىڭلۇڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، «دېھقان كەشپىياتچى» دەپ نام ئالدى.
ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن كېۋەزلىكتىكى تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ھەم كۈچ سەرپ قىلىناتتى، ئادەم كۈچى بىلەن مەشغۇلات قىلىشنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى زور ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇسۇن چاس كەنتىدە يۈەن چىڭلوڭ كەشپ قىلغان تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى ماختىمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. كەنت ئاھالىسى ياڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق، ئىلگىرى ئون ئادەم قىلىدىغان ئىشنى ھازىر ئىككىلا ئادەم قىلىدىغان بولدى.
يۈەن چىڭلۇڭ ئۇسۇن چاس كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولۇپ، يەر تېرىغاندىن باشقا، ماشىنا رېمونت قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆيىدە كەپشەرلەش دۇكىنى ئېچىپ، مەخسۇس دېھقانلار ئۈچۈن دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلىپ بەرگەن، كەنتتىكى داڭلىق «تۆمۈرچى» ئىدى.
ئۇسۇن چاس كەنتىدە ئاساسلىقى كېۋەز تېرىلاتتى. يۈەن چىڭلوڭ ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ئويى پەيدا بولدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش ۋە قايتا- قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق،   2008-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى ئەۋلاد «چىڭلوڭ» ماركىلىق تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىدا تېخنىكىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەسلىك، ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى تۆۋەن، ماسلىشىشچانلىقى ناچار، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى. يۈەن چىڭلۇڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ماتىرىيال كۆرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىش، ماشىنىسازلىق زاۋۇتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئارقىلىق، تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتتى. بۇ يىل ئۇنىڭ 4- ئەۋلات «چىڭلوڭ» ماركىلىق تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئۇلىغۇچ بولمىغان ۋاقىتتا ماشىنا بەك تېز مېڭىپ كەتكەچكە، تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتەتتى. ھازىر ئۇلىغۇچ قوشۇلۇپ، ماشىنا بەك تېز مېڭىپ كەتمەيدىغان، تاسما ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان بولدى. بۇ-- ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ماشىنىنى ئېتىراپ قىلدى.
ھازىر يۈەن چىڭلوڭ ئىجاد قىلغان4- ئەۋلات «چىڭلوڭ» ماركىلىق تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى 200 مو يەردىكى تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋالغىلى بولاتتى. بۇ ئۈسكۈنە يەنە بىڭتۈەن 8-شىسى 132- تۈەن مەيدانى قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى. يۈەن چىڭلۇڭ مۇنداق دېدى: تامچىلىتىپ سۇغۇرۇش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ھازىر دېھقانلارنىڭ تاسما يىغىشى قىيىن بولۇش، ئادەم تېپىش تەس بولۇشتەك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. بۇ يەنە تامچىلىتىپ سۇغۇرۇش تاسمىسى زاۋۇتلىرىغىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلدى. تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىپ، تەكرار پىششىقلاپ ئىشلىسە بولىدۇ. كېلەر يىلى تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى تېخىمۇ نەپىس ۋە مۇكەممەل قىلىپ ئىشلەپ، خېرىدارلارنى خاتىرجەم قىلىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى