قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي ناھىيە ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا تىجارەت باشلاندى

2018-11-28 12:24:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
كۆكتوقاي ناھىيە ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى تىجارەت باشلاندى. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئېگىزلىق پەرقى مىڭ مېتىر كېلىدىغان چاڭغا تېيىلىش يولى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چاڭغا تېيىلىش يولى بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باب كېلىپلا قالماي، ئېلىمىزدىكى چاڭغا تېيىلىش ئەزىمەتلىرىنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغان مەشىق بازىسىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار. 
مەملىكەت بويىچە ئېگىزلىق پەرقى ئەڭ چوڭ بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلاپ، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۇنيا چاڭغا تېيىلىش چېمپىيونى گو دەندەن قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىنى جەلپ قىلدى. كۆپچىلىك ئېگىزلىق پەرقى مىڭ مېتىر كېلىدىغان چاڭغا تېيىلىش يولىدا چاڭغا تېيىلىش ماھارىتى كۆرسىتىشتى. بېيجىڭدىن ئالاھىتەن بۇ يەرگە كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى جاڭ يۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چاڭغا تېيىلىش يولى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، بەكلا ھاياجانلاندىم. باشقا چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا چاڭغا تېيىلىش يولىغا چىققۇچە 10 مىنۇت ۋاقىت كەتسە، پەسكە ئون نەچچە سىكۇنتتىلا تېيىلىپ چۈشۈپ بولاتتۇق. ئەمما، بۇ يەرنىڭ چاڭغا تېيىلىش يولى ئۇزۇن بولغاچقا، 7 مىنۇتتتىن 8 مىنۇتقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت تېيىلدۇق. بۇ يەردە چاڭغا تېيىلىش يولىدىن باشقا يەنە كۆپ قىسىم دالا چاڭغا تېيىلىش رايونى بولۇپ، بىز تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن شۇنداقلا دالىدا چاڭغا تېيىلىش ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇق. بۇ باشقا جايلاردا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.   
كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۆكتوقاي «شېنجوڭشەن» مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆكتوقاي بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3 مىڭ 100 مېتىر، چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ ئېگىزلىق پەرقى 1 مىڭ 200 مېتىر كېلىدۇ. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ قورشاپ تۇرغان. پىلاندىكى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 18 كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 43 چاڭغا تېيىلىش يولى ياسالماقچى. چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 58 كىلومېتىر بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2019- يىلى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆپ چاڭغا تېيىلىش يولىغا ئىگە چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ قالىدىكەن.
كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانى ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەيداندا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئىگىز تاغدا چاڭغا تېيلىشتىن ئىبارەت تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان 1- نومۇرلۇق چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.5 كىلومېتىر قىلىپ ياسىلىدىغان بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېگىز تاغدىن تېز سۈرئەتتە چۈشۈش تۈرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ.
كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، «قىشتا چاڭغا تېيىلىش، يازدا سەگىدەش» تىن ئىبارەت 4 پەسىلدە تىجارەتنى توختاتماسلىق، قىش ۋە يازدىمۇ ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتەك تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم يۈ گۇاڭپۇ مۇنداق دېدى: بۇ چاڭغا تېيىلىش يولىنى ياساپ، شىنجاڭنى دۇنياۋى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىدىغان مەيدانغا ئىگە قىلىمىز. كېلەر يىلى بىز تۆت فۇنىكۇليورنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى زالى سېلىپ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزنى 5 مىڭ كىشىنى كۈتۈۋالالايدىغان كۆلەمگە ئىگە قىلىمىز. ھازىر، بىز ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنھەركەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن پائال ماسلىشىپ، 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان دۆلىتىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزدا مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى مەشىق ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز بۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ناھايىتى ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. 

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى