قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

90- يىللاردا تۇغۇلغان ئەترەت ئەزاسىنىڭ ياشلىق ناخشىسى

2018-11-28 17:12:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇ «90- يىللاردا تۇغۇلغان» ئوچۇق- يورۇق قىز بولۇپ، بۇلتۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىچان ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى 1- ئەترىتىگە بېرىپ كەنتتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئاممىغا كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئۇ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشنى تاللىدى. كەنتتە تۇرغان 600 كۈندىن بۇيان، ئۇ يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ناخشىسىنى يېزىپ، ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇ دەل ــــ پىچان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ باغۋەنچىلىك مەيدانىنىڭ 1- ئەترىتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ياڭ ياتىڭ ئىدى.
  ياڭ ياتىڭ مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ ئىشى چوڭ- كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك». ياڭ ياتىڭ كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا، مەھەلىلەرگە، ئېتىز- ئېرىقلارغا بېرىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىگىلەپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئاھالە ساتتار ئابدۇل مېيىپ بولغانلىقتىن يىل بويى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، 3- ئايدا ئۇنىڭ ئوغلى تاسادىپىي يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ، تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ياڭ ياتىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا 500 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ساتتار  ياڭ ياتىڭغا: «ئۆيۈمنىڭ ئىشىغا بۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن، رەھمەت سىزگە» دېدى ھاياجانلانغان ھالدا. شۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى بوران چىقسۇن، يامغۇر ياغسۇن، ساتتار ھەر ھەپتىدە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئەترەتكە بېرىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە شۇ جايدا ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ياڭ ياتىڭ داۋاملىق ئاممىنىڭ غېمىنى يەيتتى. كەنت ئاھالىسى ليۇ چىڭفۇ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىغقان پۇلىنى خەجلەپ بولدى، ئۇ ئۈچ بالىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن، داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى. ليۇ چىڭفۇنىڭ ئايالى ياڭ ياتىڭغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ داۋاملىق داۋالىنىشىغا نەسىھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ياڭ ياتىڭ ليۇ چىڭفۇغا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى سۆزلەپ: «ليۇ ئاكا، سىز يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسىڭىز، سۇغۇرتا ياردىمىدىن بەھرىمەن بولالايسىز، مەن سىزگە يەنە خەلق ئىشلىرى ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېرىمەن، چوقۇم ئىشەنچىڭىز بولۇشى كېرەك، سىز بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى» دېدى. ليۇ چڭفۇ نەسىھەتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈن- تىنسىز كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، قايتىدىن داۋالىنىشنى قارار قىلدى. ياڭ ياتىڭ ليۇ چڭۇفۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «ئىككى خىل راك» كېسەللىكىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە خىمىيەلىك داۋالاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، يەنە قىزى ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلدى. ياڭ ياتىڭ يەنە نامرات ئائىلە قۇرنىسا ئابدۇلنىڭ نەۋرە قىزىنىڭ يەسلىگە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى؛ ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم قىلىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ياڭ ياتىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاھالىلەرگە 27 ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ، قىززىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىسىدىن 21 نى ھەل قىلىپ بەردى، زىددىيەت- ماجىرالاردىن ئىككىنى ھەل قىلىپ، ئامما ئىشىنىدىغان ياخشى كادىرغا ئايلاندى.
8- ئاينىڭ 15- كۈنى باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ياڭ ياتىڭنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا گېزىت ئوقۇغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ياڭ ياتىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بايقىدى، لېكىن سىياسەت، قانۇن- نىزام، زامانىۋى پەن- تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلارغا بولغان بىلىم ئېلىش ئېڭى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنجى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لاڭ جىيۇغا «كىچىك كاناي» رادىيو ئۇزېلىدىن پايدىلىنىپ ئاھالىلەرگە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى. قوللاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال تەييارلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى رەتلەپ، ئەتراپدا يۈز بەرگەن جانلىق ئىشلارنى توپلاپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا ئاھالىلەرگە لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەشۋىقات مەزمۇنىنى ۋاقتىدا يېڭىلىدى. كەنتتىكى رادىيو ئۇزېلى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاھالە تۇرسۇن ئەزىز باش بارمىقىنى چىقىرىپ: «بىز ھەر كۈنى تىڭ تىڭنىڭ رادىيودىكى ئاۋازىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتىمىز، ئۇنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمىز» دېدى.
بۇ يىل ياڭ ياتىڭ دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدا دەرس ئۆتۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ئاھالىلەرنىڭ  دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سۈرئەتكە بىرلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتۈش، كۆرۈش ۋە ئاڭلاشنى بىرلەشتۈرۈش بويىچە PPT دەرسلىكىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى. بۇ يىل ئۇ 20 مەيداندىن ئارتۇق دەرس ئۆتتى، دەرس ئاڭلىغانلار 800 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ياڭ ياتىڭ ئۆزىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەترەتنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى»، «پارتىيە بايرىمى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى» قاتارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى پىلانلاپ، 20 دىن ئارتۇق ئاھالىنى ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ياڭ ياتىڭ يەنە ئۈندىدار قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى دەۋر پۇرىقىغا باي يېڭى ئىشلار، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ئاھالىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، نۇرغۇن ئاھالە ئۇنىڭ مەستانىسى بولۇپ قالدى. بىرىنجى شۇجى لاڭ جىيۇ: «ئۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشۋىقات تايانچىسى، خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدۇ!» دېدى ئۇنى ماختاپ.
ياڭ ياتىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەيەرگە بارسا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى شۇ يەرگە چاچتى. كەنت ئاھالىسى خاسىيەت ئابدۇرېھىمنىڭ يولدىشى سىرتتا خىزمەت قىلاتتى، قىزى توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيىدە يالغۇز قالدى. 6- ئايدا ياڭ ياتىڭ خاسىيەتنىڭ ئۆيىدە قونغاندا ئۇنىڭ توختىماي يۆتىلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشكە دەۋەت قىلدى، خاسىيەت چوڭ ئىش يوق دىگەن بولسىمۇ، ياڭ ياتىڭ ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق خاسىيەتنىڭ زۇكام سەۋەبلىك يۆتەلگەنلىكى، چوڭ چاتاق يوقلىقى ئېنىقلانغاندىن كىيىن، ياڭ ياتىڭ خاتىرجەم بولدى. ياڭ ياتىڭ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كۆكتات سېتىۋېلىش، تاماق ئېتىش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق بارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن خاسىيەت ناھايىتى تېزلا ياخشىلاندى. ھەر قېتىم ئۇ، بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا قاتتىق تەسىرلىنەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تىڭ تىڭ بەك ئىنچىكە، ئادەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشنى بىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ قىزىمغا ئوخشاش، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى».
 8- ئاينىڭ 17- كۈنى ياڭ ياتىڭ سوۋغات ئېلىپ شېرىنگۈل يۈسۈپنى يوقلاپ كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپلا ئىككى بالا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ توختىمىدى. بالىلار خۇشال ھالدا: «ئاچا، يەنە كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىزنى بەك سېغىندۇق»دىيىشتى. شېرىنگۈل ياڭ ياتىڭنىڭ قوشماق تۇققىنى بولۇپ، تۇققان بولغاندىن بۇيان، ياڭ ياتىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەرنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، بوش ۋاقتى بولسىلا، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى. ياڭ ياتىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئاسراپ، كىچىك ئىشلاردىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئۇ باغۋەنچىلىك 1- مەيدانىنىڭ «ئىتتىپاقلىق باغۋەنى» ئىدى. ياڭ ياتىڭ دائىم ئۆزىنىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كىچىك ئىش دەيتى. ئەمما، ئاھالىلەر  گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چىن ۋە ھەقىقىي مۇھەببەت سىڭگەن دەيتتى. كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئۇ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئەمەلىي ھەركىتىدە نامايەن قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى