قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۇڭ سۇلالىسى رەسىملىرىنىڭ گۈزەللىكى

2018-11-28 17:21:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سۇڭ سۇلالىسىنىڭ رەسىملىرى، جۇڭگو رەسساملىق تارىخىدىكى بىر يۇقىرى پەللە. بۇ ئەسەرلەر، تەبىئەت بىلەن سەنئەتنىڭ مۇكەممەل تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغان. سەنئەتكار گاۋ جۈخەن سۇڭ سۇلالىسى رەسىملىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئاپىرىن ئوقۇپ: «ئۇلار ئاجايىپ ماھارەتلەرنى ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق رەسىم سىزىش ئۈنۈمىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن يالغۇز ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرمىگەن؛ بىر خىل كلاسسىك ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىپادىنى كونترول قىلىپ، ھىسسياتنى زىيادە ئارتۇقچە تەسۋىرلىمىگەن» دېگەن.
سۇڭ سۇلالسى رەسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۈرىتى چوڭ ئەمەس، لېكىن بۇ رەسسامنىڭ رەسىم قەلىمىنى ئىشلىتىش ۋە قىزىقارلىق ھىسسياتىنى ئىپادىلەشكە ئازراقمۇ تەسىر كۆرسەتمىگەن. بىز بۇ رەسىملەرنى چوڭايتىپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرگىنىمىزدە، بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى تەبىئىي پەيدا بولىدۇ.
ئوردا رەسسامى ما يۈەننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «يۈكسەكلىك» تېمىسىدىكى ئەسەرلەر. مەسىلەن: پادىشاھ زىياپىتىگە قاتناشقان «پانۇس زىياپىتى رەسىمى»، ئەدىبلەر بىلەن جەم بولغان «جياڭتىڭدىكى ياۋا غاز رەسىمى» قاتارلىقلار. ئۇ بەزىدە «دېھقانلار شادلىقى» تېمىسىدىكى «ناخشا ئېيتىش رەسىمى» گە ئوخشاش بىر نەچچە پارچە رەسىمنى سىزغان، رەسىمنىڭ باش تېمىسى «قەدەم ئېلىش ناخشىسى» بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن ئۇلار پۈتۈن رەسىمدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئېتىز قىرىدا مەست بولۇپ قالغان تۆت دېھقان «گۈل ناخشىسى» دىن ئىبارەت قەدىمىي ناخشا- ئۇسسۇل شەكلىنى تولۇق ئىپادىلىگەن.
رەسسام مۇنداق قەلەم تەۋرىتىپلا، دېھقانلارنى ناھايىتى جانلىق ئىپادىلىگەن. تۆت دېھقان ئوخشاش رىتىمدا خۇشال- خۇرام ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندەك ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن.
ما يۈەننىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە «خەنجياڭ دەرياسىنىڭ يالغۇز بېلىق تۇتۇش خەرىتىسى» ئەڭ داڭلىق. يېرىم مېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ ئەسەرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئازراق دولقۇندىن باشقا، پۈتۈنلەي دېگۈدەك قۇرۇق. ئەمما، بۇ بوشلۇق دەريا سۈيى بىلەن ئىنتايىن كۈچلۈك بىرىكىش تۇيغۇسىنى نامايان قىلغان ھەمدە «يالغۇز» دېگەن ئۇقۇمنى گەۋدىلەندۈرگەن. بىز كۆرۈنۈش مەركىزىدىكى ھېلىقى قولۋاقنى چوڭايتقاندا، تەپسىلاتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
رەسىمدە، ئۇزۇن كىيىم كىيگەن بېلىقچى تۈگۈلۈپ كېمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرغان. دەريادىكى سوغۇق ھاۋا، يىراقتىكى غۇۋالىق ۋە تەسەۋۋۇر قەغەز يۈزىدە ئەكس ئەتكەن. بېلىقچىنىڭ تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان مۇشۇ ھالىتىلا «سوغۇق» دېگەن ئۇقۇمنى شۇنچىلىك ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن.  
بېلىقچى كېمىنىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرغانلىقتىن، كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى سەل- پەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان. گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن بېلىقچى يەنىلا ئېھتىياتچان كۆرۈنەتتى. مايۈەننىڭ تەسۋىرلىگىنى بېلىقچىنىڭ يان تەرىپى بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈش چوڭايغاندىن كېيىن، بىز يەنىلا ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنىنى يىغىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
«جياڭفەن شەھىرى خەرىتىسى» ناملىق رەسىمگە ئىمزا قويۇلمىغان بولغاچقا، ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماق تەس. ئەمما، قەلەم، سىياھ، رەسىم ئۇسلۇبى ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە يېقىن ئەسەر بولۇشى مۈمكىن. پۈتۈن رەسىمنىڭ رەڭگى كۆركەم، ئىككى تەرىپىدە ئىگىز چوققىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، تاغدىكى ئىبادەتخانا، دۇكان غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئىبادەتخانا تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان، جىلغا ئارىسىدىكى بۇلۇتلار لەپلەپ تۇرغان، قۇشلار قانات قېقىپ ئۇچۇپ يۈرگەن ئاۋات بىر مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەسەر ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن رەسىمدىكى مەنزىرە تەسۋىرى ئىنتايىن نەپىس، سىزىلغان. كېمە قۇرۇلمىسى، تاغدىكى بۇتخانا، دۇكان قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە جانلىق تەسۋىرلەنگەن.
«جىلغا سەپىرى خەرىتىسى» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن رەسسام فەن كوەننىڭ ئەسىرى. بۇ رەسىم ئۇنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا قالدۇرغان بىردىنبىر ھەقىقىي سىزمىسى، شۇنداقلا تەيبېي گۇگۇڭ مۇزېينىڭ ئالاھىدە قىممەتلىك گۆھىرى.
«جىلغا سەپىرى خەرىتىسى» ناملىق رەسىمنى ئاچقاندا، كۆز ئالدىمىزدا بىر چوڭ تاغ نامايەن بولىدۇ. تاغ- دەريالار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ بېغىشلىمىلىرىمۇ بار، بۇ بېغىشلىمىلار داڭلىق رەسىملەرنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيانقى سىرىنى ئېچىپ بىرىدىغان بىردىنبىر يىپ ئۇچى بولۇپ قالغان.
بۇ رەسىمنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق يېرى رەسسامنىڭ ئىمزاسى. فەن كۇەننىڭ ئىمزاسى ناھايىتى يوشۇرۇن بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەسەرنى 10 ھەسسە چوڭايتمىغان بولسا، ئۇنداقتا «توشۇغۇچى» نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دەرەخزارلىققا قويۇلغان ئىمزانى باشقىلار بايقىمىغان بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، چوڭايتقاندىن كېيىنكى «جىلغا سەپىرى خەرىتىسى» گە تەپسىلى قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلەك رەسىمىنى بىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، «جىلغا سەپىرى خەرىتىسى» نى سىزغان فەن كۈەن بىر ئادەملا ئەمەس، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى جۇ رۈيمۇ 30 سانتىمېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ خىل تېما ئاساس قىلىنغان بىر پارچە كىچىك رەسىمىنى سىزغان. جۇ رۇينىڭ «شىشەن سەپىرى خەرىتىسى» ناملىق ئەسىرى فەن كۈەننىڭ ھەيۋەتلىك رەسىملىرىدەك بولمىسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ نەپىس.
بۇ كىچىك رەسىمدە پېرسوناژلارنىڭ تۇرقى، ھەرىكىتى ناھايىتى نازۇك سۈرەتلەپ بېرىلگەن. فەن كۈەننىڭ ئەسىرگە ئوخشىمايدىغىنى، جۇ رۇينىڭ ئەسىرىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغىنى سەپەر جەريانىدىكى ھارغىنلىق، ئېشەككە مىنگەن ئەدىبلەرنىڭ بەدىنى بوشىشىپ كەتكەن، كۆزلىرى نۇرسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەپەردىكى جاپالىرى ئېنىق ئەكس ئەتكەن.
سۈي بەي گۈل- گىياھ ۋە قۇشلارنى سىزىشقا ماھىر. ئۇ ئاجايىپ ماھارىتى بىلەن ئەينى چاغدىكى گۈل- قۇشلار رەسىمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گەرچە ئوردا رەسسامى بولسىمۇ، ئەمما سۈي بەينىڭ خاراكتېرى چېچىلاڭغۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئوردىدا يارلىقنى كۈتۈپ تۇرۇشنى خالىماي، خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشنى ئويلىغان. سۇڭ شېنزۇڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ يارلىقى بولمىسىلا، باشقا بۇيرۇقلارغا بويسۇنماسلىققا ئىجازەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى «لاغايلاپ يۈرىدىغان» سۈي بەي چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلغان.
«سوغۇقتىكى قۇشقاچ سۈرىتى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ رەسىمىدە زىمىستان قىش، گۇگۇم، بىر توپ قۇشقاچ قەدىمىي دەرەختە ئۇيقۇغا كەتكەن مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن. رەسسام رەسىم سىزىشتا قۇشقاچلارنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن: سول تەرەپتىكى ئۈچ قۇشقاچ تىنچ ھالەتتە؛ ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىنچى قۇشقاچ كېچىكىپ قالغان بولۇپ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان؛ ئوتتۇرىدىكى تۆت قۇشقاچ بۇ رەسىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، يۇقىرى- تۆۋەنگە ماسلىشىپ، ھەرىكەتتىن جىمجىتلىققا ئۆتۈپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشنى بىر گەۋدە قىلغان. رەسىمدىكى يەتتە قۇشقاچنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ناھايىتى جانلىق.
بۇنداق تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى تىنچ ھالەتتە كۆزەتكىلى بولمايدۇ. رەسسام چوقۇم كامالەتكە يەتكەن رەسىم سىزىش تەسۋىرلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم دالىغا بېرىپ كۆزىتىشى، تاسادىپىي بۇ خىل جانلىق، قىزىقارلىق مەنزىرىنى كۆرگىنىدە، كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى بىلەن، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇنداق مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەلىشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، چوڭايتقىلى بولىدىغان سۇڭ سۇلالىسى رەسىملىرى بۇ بىرنەچچە پارچە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ رەسىملىرى تەبىئەتنى ئىنچىكە كۆزىتىشتىن كەلگەن، ئۇلار ھەر قېتىم قەلەمنى قولىغا ئالغىنىدا، خۇددى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولغان. ئۇلار ھەيران قېلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش كەيپىياتى بىلەن تەبىئەتكە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇلارنىڭ نەزەرىنىڭ ساپلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېيىنكىلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى