قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاللاشقا ئامالسىز قېلىشنىڭ پايدىسى

2018-11-28 17:31:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىز ئادەتتە خېرىدارلارغا ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بەرسەك، ئۇلار بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز ۋە مۇلازىمىتىمىزدىن تېخىمۇ رازى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز، لېكىن كۆپ ھاللاردا دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئالما مەھسۇلاتى خېرىدارلارغا ھېچقانداق تاللاش تۈرلىرىنى بېكىتىپ بەرمىگەن، ئەمما ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى «ئالما مەستانىلىرى» نىڭ ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولالىغان. ئالما شىركىتىدىن بۇرۇن، يان تېلېفۇن سودىگەرلىرى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، نەچچە ئون خىل ھەتتا يۈز خىلدىن ئارتۇق يان تېلېفۇن ئىشلەپ چىقىراتتى، مەيلى «نوجىيا» ياكى «سامسۇڭ» بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق بولغاچقا ئابونتلار قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالاتتى. «قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ» دېگەندەك، ئەگەر ئۆزى A يان تېلېفون سېتىۋالغان بولسا، ھەمراھلىرىنىڭ B تىپلىق يان تېلېفون ئىشلەتكىنىنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىنىڭ بۇ ئىككى خىل يان تېلفوننىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇڭا ھەمىشە رازى بولمايتتى. «خۇاۋېي» شىركىتىنىڭ مۇدىرى خې تىڭبو خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «سامسۇڭ» شىركىتى ئالما يان تېلېفونى ئۈچىنچى ئەۋلادقا چىققاندا، تۇيۇقسىزلا بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، يۈز خىلدىن ئارتۇق يان تېلېفوننى سانىۋالغۇدەكلا نەچچە خىلغا ئازايتقان، نەتىجىدە ئاران بىر نەچچە خىللا يان تېلېفونغا تايانغان «سامسۇڭ» شىركىتى بازار ئۈلۈشىنىڭ بىرىنچى ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىگىلىگەن.
ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ بالدۇر ھېس قىلغىنى، «سامسۇڭ»، «ئالما» شىركىتى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ يالغۇز كۈچى بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ سائەتچىلىك كەسپىنى قۇتۇلدۇرغان نىكولاس جورجى خايېك. ئۇ ئىلگىرى «ئومىگا» قول سائىتىنىڭ تۈرىنى مىڭدىن 100 گە ئازايتقان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
بەزىلەر: «بىر قانچە خىل مەھسۇلاتنى ئاز ئىشلەشتە تەننەرخنى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خېرىدارلارنىڭ تاللاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ئەگەر «ئالما» شىركىتى بەش خىل ئوخشىمىغان نۇسقىدىكى يان تېلېفون چىقارسا، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى سېتىلىشى مۇمكىن» دىيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، «ئالما» شىركىتى راستتىنلا مۇشۇنداق سىناپ باققان. ئۇلار ئىلگىرى 5- ئەۋلاد «ئالما» تېلېفونىنى بازارغا سالغاندا، 5C دەپ ئاتالغان بىر يان تېلېفوننىمۇ بازارغا سالغان. C بولسا «رەڭ» گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنگلىزچە سۆزلۈكنىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاشقا بولىدىغان نۇرغۇن رەڭگى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن نەتىجىدە «ئالما» تېلېفونىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن. كېيىن، «ئالما» شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان.
تەننەرخ ئۆزگىرىشىگە چېتىلمايدىغان مۇلازىمەت ساھەسىدە، بۇ پىرىنسىپ ئوخشاشلا تەتبىقلىنىدۇ. گوگىل ئىزدەش كۆزنىكى ۋە نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلىگەندە خېرىدارلارغا تاللاش ھوقۇقى بەرمەيدۇ. گەرچە گوگىلنىڭ مەھسۇلاتلىرى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش ناھايىتى تەس، كەسپىي ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەر ئەزەلدىن چېقىلمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر پەقەتلا ئەسلىدىكى تەڭشەكنى ئىشلىتەلەيدۇ. لېكىن تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، خېرىدارلار ئەكسىچە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن تېخىمۇ رازى بولغان.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال سودا جەھەتتىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ياپونىيەنىڭ «خوندا» ئاپتوموبىل شىركىتى ئادەتتىكى بىر كىچىك موتوسېكىلت ئىشلەپچىقىرىشتىن باشلاپ، بۈگۈنكىدەك كۆلەمگە يەتكۈچە پەقەت بىر ئەۋلات كىشىنىڭ ۋاقتى كەتكەن. «خوندا» نىڭ ئالاھىدىلىكى خېرىدارلارنى ھېچقانداق تاللاش بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. تەدبىرى ناھايىتى ئاددىي، ئالدى بىلەن مەھسۇلاتنىڭ تۈرى بەك ئاز، پەقەت «ياگېر»، «سىيۈ» قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئاپتوموبىللا بار؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ھەر بىر خىل ئاپتوموبىلىنىڭ پەقەت بىر نەچچە خىل ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بار، تاللاش بەلگىسى يوق، بۇ ئەكسىچە ئۇنىڭ ھەر بىر خىل ئاپتوموبىل تىپىنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك قىلغان. ئەلۋەتتە، خېرىدارلارغا تاللاش ئىمكانىيىتى بەرمىسىمۇ تەننەرخى تەبىئىيلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىنىڭ «ھەممىۋىباپ» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ قارمىقىدىكى باشقا ئىككى خىل ماركىلىق ئاپتوموبىل ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى ئايرىيالمايدۇ.
تاشقى تىجارەت جەھەتتە شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئىچكى باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ تاللاش بېرىلمىسە، باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە خادىملارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. شىركەتنىڭ بىر پاراۋانلىقى بار، ھەر يىلى ھەر قايسى تارماقلار پۇل چىقىرىپ كۆپچىلىكنى بىر قېتىم ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەيدۇ. كاتىپلار ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان، ھەر بىر خىزمەتچىنى رازى قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر يىلى، مەلۇم تارماقنىڭ كاتىپى چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ مېنىڭ پىكرىمنى ئالدى. ئۇ ياخشى نىيەت بىلەن كۆپچىلىكنى ئىككى تاللاش بىلەن تەمىنلىگەن. بىرى خوككايدو ئارىلىدا قار تېيىلىش، يەنە بىرى پۇجى ئارىلىغا بېرىپ قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىش. مەن ئۇنىڭغا بىرلا نىشاننى بەلگىلەشنى ئېيتتىم ھەمدە «ياخشى ئىشنى يامان ئىش قىلىپ قويساق بولمايدۇ» دېدىم. ئەگەر پەقەت بىرلا تاللاشقا توغرا كەلسە، مەسىلەن: خوككايدۇ ئارىلىغا قار تېيىلغىلى بارغاندا، شېنجىندىكى كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەر ئەزەلدىن قار تېيىلىپ باقمىغان، ھەتتا بەزى كىشىلەر قارنى كۆرۈپ باقمىغان، خوككايدوغا بارغاندا قار تېيىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقىقىي ياپونىيە تائاملىرى ۋە ئارشاڭلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئويناپ كەلسە چوقۇم خۇشال بولىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىركەتنىڭ ياخشىلىقىدىن مىننەتدار بولىدۇ، خىزمەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئىككى تاللاش بەرسە، ئۇنداقتا يامان ئىش بولىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىغا بارىدىغان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر چاڭغا تېيىلىشنى بىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە چاڭغا تېيىلىشنىڭ خۇشاللىقىدىن ھەقىقىي ھۇزۇرلانغىلى بولمايدۇ، تۇنجى قېتىم چاڭغا تېيىلغان كىشىلەر چاڭغا ئۈستىدە يېرىم كۈن تۇرغاندىلا پۇتى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوككايدۇ ئارىلى قىشتا سوغۇق ھەم نەم بولغاچقا، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە قاراڭغۇ چۈشىدۇ. كۆپچىلىك ئەمدىلا بارغان ئىككى كۈندە بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىلەن، كېيىن ناچار ھاۋارايىدىن ئاغرىنىشقا باشلايدۇ، ئاندىن پۇجى ئارىلىغا بارغان خىزمەتداشلارنىڭ قۇملۇقتا يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ.
ئەكسىچە، پۇجى ئارىلىغا بارغانلارمۇ شۇنداق. ئىسسىق بەلۋاغ ئارىلىغا ئەمدىلا يېتىپ كېلىپ، چىرايلىق قۇملۇق ساھىلىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ، بىر مەزگىل خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەيلا، زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى، پۇجى ئارىلىدا ئادىمىيەت مەنزىرسى يوق، ئۇ بىر توپ كىشىلەر يىراق ياپونىيەدىكى خىزمەتداشلىرىنى ئارىشاڭ ۋە مەززىلىك تائاملاردىن ھوزۇرلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، پۇشايمان قىلىدۇ. ئاخىرىدا، ئىككىلا تەرەپ رازى بولمايدۇ. كاتىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تاللاشنى چىقىرىۋەتتى. ھازىرغىچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇ قېتىملىق چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشتىن تولىمۇ رازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق تەجرىبىسى بولۇشى مۇمكىن، كونا ساۋاقداشلار يىغىلماقچى بولسا، مۇۋاپىق ۋاقىت تاپالمايدۇ. تەشكىللىگۈچى كۆپچىلىكنىڭ تاللىشىغا 10 ۋاقىت بۆلىكى بەرگەن تەقدىردىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى بار ۋاقىت بۆلىكىنى تېپىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇل: بىر قانچە يادرولۇق تەشكىللىگۈچى بىر ۋاقىتنى بېكىتىپ، ئاندىن كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇش قىلسىلا بولىدۇ. بەزى ساۋاقداشلار قاتنىشالمىغان ياكى باشقا ئىشلارنى قۇربان قىلىمەن دەپ ئاغرىنغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىلىشنى يەنىلا ئۇيۇشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر قارار چىقىرىدىغان ئادەم بولمىسا، يىغىلىش مەڭگۈ ئۈندىدار توپىدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن.
تاللاش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلىمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە پاسسىپ نەتىجە بەلكىم بەزى خېرىدارلارغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەسلىك ياكى شىركەت %100 ئىشچى- خىزمەتچىنى رازى قىلالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى بىزدە ھەممە ئادەمنى رازى قىلغۇدەك ئىقتىدار يوق. سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقىدىغان ئادەملەر ئەزەلدىن سىزنىڭ يوشۇرۇن خېرىدارىڭىز ئەمەس. ئوخشاشلا، كوللېكتىپتىكى بەزى شەخسلەرنىڭ قىزىقىشى مەڭگۈ كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلەن بىردەك بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭدا باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان ئىقتىدار بولۇشى كېرەك، بولمىسا، بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشى، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە كوللېكتىپى ئۈچۈن بىر خىل قۇتۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.
شۇڭا، ياخشى مەھسۇلات لايىھىلىگۈچىلەر ھەر بىر خېرىدارنى رازى قىلىشىنى ئەمەس، بەلكى ئامال قىلىپ خېرىدارلارنى يېتەكلەشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا، ياخشى باشقۇرغۇچى ئاددىي، ئۈنۈملۈك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى رازى قىلىدىغان تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. لېكىن، ھەر بىر ئىشتا ھەربىر خىزمەتچىنى خۇشال قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىق تاللاش بىزگە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ، زىيادە كۆپ تاللاش دەل ئەكسىچە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى