قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا سۈپەت مەسئۇلىيىتى ئۆمۈرلۈك بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى

2018-11-28 17:49:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۈپەت مەسئۇلىيىتى جەھەتتە-- يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا سۈپەت مەسئۇلىيىتى ئۆمۈرلۈك بولۇش تۈزۈمى؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى جەھەتتە-- دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى- تۆۋەن ماسلاشقان، ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىدىغان، ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ سۈپەتنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش جەھەتتە-- يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا ئاساسەن، لايىھەلەش ئۆتكىلى، ماتېرىيال ئۆتكىلى، قۇرۇلۇش قىلىشتىكى تۇنجى ئۆتكەل، سۈپەتنى ئاشكارىلاش ئۆتكىلى، جەرياننى تىزگىنلەش ئۆتكىلى، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلى، سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، ئىناۋەت باھالاش ئۆتكىلى قاتارلىق سەككىز چوڭ ئۆتكەل چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىق كۈچەيتىلدى؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى جەھەتتە-- شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سۈپەت نازارەتچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سۈپەت كېلىشىمى تۈزۈش ۋە ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، يېزا تاشيولىنىڭ سۈپەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چۈنگېڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈپەتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا تاشيول سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولغان. لېكىن، يېزا تاشيول سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سۈپەت تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە يەنە ناھايىتى چوڭ بوشلۇق بار دېيىشكە بولىدۇ.نۆۋەتتە، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4 مىليون 10 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، تاشيول تورى ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ %84 نى ئىگىلەپلا قالماي، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلغان يېزا- بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا %99.4 ۋە %98.4 كە يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى