قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاشلىق ماكانىدىكى شالچى دېھقانلاردىكى ئۆزگىرىش

2018-11-29 10:28:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «گۈرۈچ ماكانى» دېگەن نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى شالچى دېھقانلار ئىدىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شال تېرىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، گۈرۈچ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئۆزىگە خاس كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى تېپىپ چىقتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى «خۇالىن» شالچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشچىلار يېڭى شالنى پىششىقلاپ ئىشلەۋاتاتتى. مۇخبىر بىر ئىشچىدىن: «گۈرۈچنىڭ بىر خالتىسى قانچە كىلوگرام؟ كۈنىگە قانچىلىك پىششىقلاپ ئىشلەۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ئىشچى: «بىر خالتىسى 25 كىلوگرام كېلىدۇ، كۈنىگە 30 توننا پىششىقلاپ ئىشلەۋاتىمىز» دەپ جاۋاپ بەردى. شال ئاقلاش ماشىنىلىرى ئالتۇن سېرىق رەڭلىك شاللارنىڭ پوستىنى چىقىرىۋېتىپ ئاقلىغاندىن كېيىن خالتىلارغا قاچىلاپ ئاغزىنى تىكىۋاتاتتى. پۈتۈن جەريان ئاپتوماتىكلاشقان ئىدى. كوپىراتىپ ئەزاسى جياڭ تيەنفۇ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا كېلىپ، ئۆيىدە ئېشىنغان 100 توننا شالنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ، 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساپ كىرىم قىلدى. جياڭ تيەنفۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەن گۈرۈچلەرنى ۋېلىسپىت، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتقا بېسىپ، چوڭ-كىچىك كوچىلارنى ئارىلاپ ساتاتتىم. ھازىر بىزنىڭ گۈرۈچىمىز يىراقلارغا توشۇلۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ.
جياڭ تيەنفۇ 30 يىلغا يېقىن شال تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، بۇرۇن شالنى قول بىلەن تېرىغان بولسا ھازىر شال تېرىقچىلىقى ماشىنىلىشىپ كەتتى. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ تېرىقچىلىق بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى بارغانسېرى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قول بىلەن شاللىقتىكى ئوتنى ئوتايتتۇق، ئادەم كۈچى ئىشلىتىش نىسبىتى 90 پىرسەنت ئىدى. ھازىر شال تېرىقچىلىقى 90 پىرسەنت ماشىنىلىشىپ كەتتى، ئۆزۈم يالغۇز 400 مو يەرگە شال تېرىيالايمەن. ئىلگىرى شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئاز، ئاران 400 نەچچە كىلوگىرام چىقاتتى. ھازىر پەن- تېخنىكا سەۋىيەسى ئۆسۈپ، مو بېشى مەھسۇلاتى 700 كىلوگىرامغا يەتتى.
شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى. لېكىن، شال تېرىغان نۇرغۇن دېھقاننىڭ كىرىمى ھېچقانچە ئاشمىدى. بازار رىقابىتى كەسكىن بولغاچقا، 2008- يىلى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى بازار ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆلچەملىك يېشىل شال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى. شال تېرىيدىغان نۇرغۇن دېھقان ئىلگىرىكى مو بېشى مەھسۇلاتىغا قاراپ مول ھوسۇل ئېلىشتەك ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئورگانىك شال تېرىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بەزى شال تېرىغان دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ شاللىقىدا ئۆردەك، پاقا باقتى. يېڭى تېرىقچىلىق ئەندىزىسى، تەرەققىيات ئەندىزىسى دېھقانلارنى ناھايىتى تېزلا نەپكە ئېرىشتۈردى. ئەمما، جياڭ تيەنفۇ بۇ ئەندىزىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا مەبلەغ كۆپ كېتىدىكەن، ئەتراپنى قاشالاشقا توغرا كېلىدىكەن، مەھسۇلات مىقدارى سەل تۆۋەنلەپ كەتسە، باشقۇرۇش تەرتىپى مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ، كۆپ بولۇپ كەتسە باشقۇرغىلى بولمايدۇ.
جياڭ تيەنفۇ قاتارلىق 100 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 2016- يىلى شۇ جايدىكى شال پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، «خۇالىن» شالچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تۇپراق تەركىبىنى تەكشۈرۈشتىن پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە كارخانا باشلامچى بولدى. كوپىراتىپ ئەزالىرىنى ھەر مو يەردىكى يېشىل شالغا قاراپ، 100 ئۆردەك چۈجىسى بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئىككى يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 15 مىڭ مو شاللىقىدا يېشىل شال 10 مىڭ مو يەرنى ئىگىلىدى. جياڭ تيەنفۇمۇ 400 مو شاللىقىنىڭ 50 موسىغا يېشىل شال تېرىپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 400 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مو يەردىكى ئادەتتىكى شال 2 مىڭ يۈەن بولسا، يېشىل شال 4 مىڭ يۈەنگە سېتىلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى بىز يېشىل پاقا ۋە ئۆردەكلەرنى كۆپلەپ سېتىپ چىقىرىمىز. ھازىر ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى يەيدىغان بولدۇق. مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن سۈپەت ياخشى بولسا، باھاسى يۇقىرى بولىدىكەن، ھەميانىمىزنىمۇ تومپايتالايدىكەنمىز.
يېقىندا «خۇالىن» شالچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك شال سورتىنى ياخشىلاشنى مەسلىھەتلەشتى ھەمدە كوپىراتىپنىڭ ئورگانىك شال تېرىلغۇ كۆلىمىنى 800 مودىن 1 مىڭ 500 موغا يەتكۈزدى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ لى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شال تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش- چاپچال گۈرۈچىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالدى. شالچى دېھقانلار سورتقا، ئېتىز پەرۋىشىگە كۈچ سەرپ قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. بىز يېتىشتۈرۈپ چىققان ئورگانىك گۈرۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلاردا ئورۇن ئىگىلىدى

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى