قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشقا قايتىدىن ئۈمىد باغلاش

2018-11-29 10:59:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جىڭليەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئوغۇلخان ئىسمائىل بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوپىراتسىيە ھەققى ئۈچۈن، كۆپ تەرەپتىن ئىزدىنىپ مەبلەغ توپلىدى. ئوپىراتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
يېقىندا، خو جىڭليەن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاۋبىسەن يېزا ئاراسۇ كەنتىگە بېرىپ، تۇغقىنى ئوغۇلخان ئىسمايىلنى يوقلاپ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشنى تاپىلىدى. بىر يىلنىڭ ئالدىدا، ئوغۇلخان ئىسمايىل بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. خۇ جىڭليەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئوغۇلخان ئىسمايىلنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى غەملەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئوغۇلخان ئىسمايىلنىڭ سول بىلىكى ئاساسىي جەھەتتىن سېزىمىنى يوقىتىپ، پۇت- قولى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالدى، يولدىشىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئوغۇلخان ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بۇ ئىشلار ماڭا ئېغىر كېلىپ ياشىغۇم كەلمىدى. لېكىن، ئاچام مېنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇل يىغىپ، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى. ئاچامنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويسام بولمايدۇ. شۇڭا، مەن قەيسەرلىك بىلەن ياشاش نىيىتىگە كەلدىم.
خۇ جىڭليەن ئوغۇلخان ئىسمايىلنىڭ بۇ قايغۇلۇق كۈنلەردىن بالدۇراق قۇتۇلىشى ئۈچۈن، ۋاقتى چىقسىلا ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغاچ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى. بۇنىڭدىن باشقا، خۇ جىڭليەن يەنە ئوغۇلخان ئىسمايىلغا قاتناش ھادىسىسى سۇغۇرتا تۆلىمى بېجىرىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئوغۇلخان ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئاچامنىڭ ياردىمىدە، كەيپىياتىم خېلى تۇراقلىشىپ قالدى، سالامەتلىكىممۇ ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى. ئاچامغا كۆپ رەھمەت.
خۇ جىڭليەن ئوغۇلخان ئىسمايىلنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر بىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ چىن ھىسسىياتى بىلەن بەدەل تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئوغۇلخاننىڭ چىرايىدا بەخت جىلۋىلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇنچىلىك خوش بولدۇم.

تەرجىمان:ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى