قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۆ شيۇشيا 18 يىلدىن بۇيان بورتالا شەھىرىنىڭ بىنخې باغچىسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئاققۇنى بېقىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاققۇ ئانا» دەپ ئاتالدى

2018-11-29 11:02:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بورتالا شەھىرىدىن پىنسىيەگە چىققان خىزمەتچى يۆ شيۇشيا 18 يىلدىن بۇيان بورتالا شەھىرىنىڭ بىنخې باغچىسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئاققۇنى بېقىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاققۇ ئانا» دەپ ئاتالدى.
يۆ شيۇشيا يولدىشى بىلەن تاڭ سەھەردىلا، بورتالا شەھىرىدىكى بىنخې باغچىسىغا بېرىپ، بىر سېۋەت كۆكتات يوپۇرمىقىنى ئېلىپ دەريا بويىغا بېرىپ، ئاققۇلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا يەم بەردى.
يۆ شيۇشيا-- بورتالا شەھىرىدىكى بىر ئۆي- زېمىن شىركىتىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى. ھەر يىلى قىش كىرگەندىن كېيىن بىنخې باغچىسىغا يۈزدىن ئارتۇق ئاققۇ ئۇچۇپ كېلىپ تاكى كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە ياشايدۇ. يۆ شيۇشيا ھەر كۈنى ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ بۇنى 18 يىل داۋاملاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2000- يىلى بىنخې باغچىسىنى ئايلىنىۋاتقىنىمىدا، باغچىغا ئون نەچچە ئاققۇ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇم. بۇ بورتالاغا نىسبەتەن بىر گۈزەل مەنزىرە بولدى. ئۇ چاغدا مەن ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ ئۇلارغا بەرگەن ئىدىم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆنۈپ قالدىم، بۇنى ئۆزەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قارىدىم.
  بىر ئاققۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 7 كىلوگرامدىن 10 كىلوگرامغىچە بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 3 كىلوگرام ئوزۇقلۇق كېتىدۇ. يۆ شيۇشيا ئاققۇلارنى كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2007- يىلىدىن باشلاپ، يېقىن ئەتراپتىكى كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات يوپۇرمىقى تېپىپ ئاققۇلارنى بېقىشقا باشلىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆكتات دۇكانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى خېرىدارلار تاللاپ ئېشىپ قالغان كۆكتاتلارنى يىغىپ، يۆ شيۇشيانىڭ ئېلىپ كېتىشىگە تەييارلاپ قويىدىغان بولدى. بەزىدە يۆ شيۇشيا ئۆيىدە موما پىشۇرۇپ ئاققۇلارغا موما بېرەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم مومىنى كۆپرەك پىشۇرۇپ، ئاققۇلارغا ئالغاچ بارىمەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا قۇۋۋەت تولۇقلايمەن. بۇنىڭدا ھەم ئېنېرگىيەنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يۆ شيۇشيا ھەر كۈنى ئاققۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقنى تالىشىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، خۇددى بالىلىرى تاماق يەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولاتتى. بەزىدە قار يېغىپ يول تېيىلغاق بولۇپ كەتكەندە، يولدىشى ئۇنىڭغا ئاققۇلارنىڭ يېنىغا بارماسلىقنى ئېيتسىمۇ، يۆ شيۇشيا يەنىلا باراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا ئاققۇغا يەم بېرەلمەيمەن، بۇنداق چاغلاردا ئىچىم تىتىلداپ كېتىدۇ. يولدىشىمغا ئاققۇلارغا ئۇزۇقلۇق بېرىشنى تاپىلايمەن، مەن ئاققۇلارنىڭ ئاچ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
يۆ شيۇشيانىڭ تۈرتكىسىدە، بورتالا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق نۇرغۇن ئامما ئاققۇ بېقىش سېپىگە قوشۇلدى. پىنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ما دۇڭمېيمۇ شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن نان، موما سېتىۋېلىپ ئاققۇلارغا بېرىمەن. مەن يەنە نەۋرە قىزىمنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاققۇغا يەم بېرىمەن. ھازىر كىشىلەر ئاققۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ھەم بۇ يەرنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بورتالا شەھىرىنىڭ بىنخې باغچىسىدا قىشنى ئۆتكۈزگەن ئاققۇلار ئەينى چاغدىكى ئون نەچچە ئاققۇدىن ھازىرقى 160 نەچچە ئاققۇغا كۆپەيدى. ئاققۇنىڭ كېلىشى بىلەن بورتالالىقلار «ئاققۇ كۆلى» گە ئىگە بولدى. يۆ شيۇشيا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاققۇ ئانا» دەپ ئاتالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاققۇغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن ھەم بۇ ئىشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، ھەر كۈنى ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بورتالادا ماكانلىشىپ قىشنى ئۆتكۈزۈپ، بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى