قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىشلىق قار- مۇز سەيلىسى نادام پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2018-11-29 11:05:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
«بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىشلىق قار- مۇز سەيلىسى نادام پائالىيىتى» 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بورتالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ھەم بورتالا شەھىرىنىڭ بۇ يىل قىشلىق ساياھىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ناخشا- ئۇسسۇل، ئېسىل تائاملارنى باھالاش، ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش، بورتالا سوۋغاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئېسىل پائالىيەتلەر شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بورتالا شەھىرى ئاھالىسى شەھىدە مۇنداق دېدى: مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېسىل تائاملارنى تېتىپلا قالماي، يەنە ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، يېقىملىق ناخشىلارنى ئاڭلىدىم، بورتالانىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قالدىم.
خۇبېيلىك ساياھەتچى ياۋ جياجۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ قار مەنزىرىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، شىنجاڭلىقلار تۇلىمۇ مېھماندوست ئىكەن. مەن دوستلىرىمغا بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىشنى تەشۋىق قىلىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، «بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قىشلىق قار- مۇز سەيلىسى نادام پائالىيىتى» باش تېما قىلىنغان قىشلىق ساياھەت پائالىيىتى كېلەر يىلى 4- ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەت قار ئۈستىدىكى ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، سايرام كۆلى قارلىق دالىدا موتسىكلىت چاپتۇرۇش، بورتالا دەرياسىنى سەيلە قىلىش، ئاققۇ تاماشا قىلىش، سوغۇق سۇ بېلىقى بازىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، سوغۇق سۇ بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى تىتىش، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدىكى قار - مۇز ساياھەتچىلىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەن لىپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرى، مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نوقتىلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە پائال تەييارلىق كۆرۈپ ۋە تۈرلۈك قار- مۇز ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، بۇ پائالىيەتلەر بورتالا ئوبلاستىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك سۇس پەسلىنى ساياھەتچىلىك ئاۋات پەسلىگە ئايلاندۇرىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى