قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن سۇنى قانداق ئىچىش كېرەك؟

2018-11-29 18:39:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاۋۋال، سۇنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. سەھەردە سۇ ئىچكەندە بىراقلا ئىچمەي، بىر يۇتۇمدىن ئىچىش لازىم. سۇنى بىراقلا ئىچىۋەتكەندە ياشانغانلاردا بىئاراملىق كۆرۈلىشى مۇمكىن.
سۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك: سۇ مىقدارى 300 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق، بەك كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەي ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يەنە بەدەندە ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.
ئىلمان سۇ ئىچىش لازىم. ئەگەر سۇ بەك سوغۇق بولۇپ كەتسە ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ، بەك قىززىق بولۇپ كەتسە شىللىق پەردىنى كۆيدۈرۈپ زەخمىلەندۈرۈىدۇ. شۇڭا، سەھەردە ئىچكەن بىرىنچى ئىستاكان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتمەسلىكى، ئىلمان بولۇشى كېرەك.
كۆپچىلىكنىڭ سەھەردىكى بىرىنچى ئىستاكان سۇنى ۋاقتىدا ئىچىپ، ھەر ۋاقىت ساغلام، جۇشقۇن ھالەتنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى