قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يېيىش ئاشقازان- ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2018-11-29 18:41:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاماقنى زىيادە تويۇنۇپ يېيىش ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ھەر2، 3 كۈندە بىر قېتىم ئەسلىگە كېلىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى ۋاق تاماق تېخى ھەزىم بولمىغان ئەھۋالدا، كېيىنكى ۋاق تاماق يەنە ئاشقازانغا كىرسە، ئاشقازان باشتىن-ئاخىر  كۆپۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئەسلىگە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاشقازان كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ياللۇغى، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملىشىۋەرسە، يەنە ئاشقازان شەلۋەرەش، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېيىش، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. قورساق تويغاندىن كېيىن، بەدەندىكى قان ئاشقازان- ئۈچەي سىستېمىسىغا بېرىپ «خىزمەت قىلىدۇ»، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇزاق مۇددەت چارچاش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى ئاچالمايدۇ. دائىم بەك تويۇنۇپ تاماق يېگەندە، سۆڭەك ھەددىدىن زىيادە كالتسىيسىزلىنىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.
شۇڭا، ھەرقانداق ئىشنىڭ  چېكى بولىدۇ، تاماق يېيىشمۇ ئوخشاش. بەك تويۇنۇپ تاماق يېسە بەدەندە  كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، بەك ئاز يېسە قورساق تويمايدۇ، ئۇنداقتا تاماقنى زادى قانچىلىك يېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: تاماقنى يەتمىش پىرسەنت تويۇنۇپ يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا قورساقمۇ ئاچ قالمايدۇ، بەك كۆپ يەۋېلىپ بىئارام بولۇشنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يەتمىش پىرسەنت تويۇنۇپ تاماق يېگەندە بەدەننى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى ھەمدە ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بىز تاماق يېگەندە يەتمىش پىرسەنت تويۇنۇپ يېيىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىمىز لازىم.
ئۇنداقتا، يەتمىش پىرسەنت تويۇنغاندا ئادەم قانداق تۇيغۇدا بولىدۇ؟ بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەك تويۇپ كەتمىگەندەك، لېكىن يېمەكلىككە بولغان قىزغىنلىقى سەل تۆۋەنلىگەندەك، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق يېيىش سۈرئىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ئادەتتە ئادەت خاراكتېرلىك كۆپرەك يېگۈسى كەلسىمۇ، لېكىن يېمىسىمۇ ھېچقىسى يوقتەك بىلىنىدۇ.
سەكسەن پىرسەنت تويۇنغاندا، ئاشقازان لىقلانغاندەك، ئەمما يەنە بىر نەچچە قوشۇق تاماقنى گەپ- سۆز يوق يەۋېتەلەيدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. توقسەن پىرسەنت تويۇنغاندا، يەنە بىر نەچچە قوشۇق تاماق يەۋېتەلەيدىغاندەك، ئەمما ئاشقازان كۆپىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. يۈز پىرسەنت تويۇنغاندا بولسا، بىر قوشۇق تاماقمۇ گالدىن ئۆتمەيدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. دوستلار، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىڭلارنى ئۆزگەرتىپ باقساڭلار، بەلكىم سالامەتلىكىڭلارغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى