قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇزاڭ كەنتنىڭ ھەممە يېرىدە <خەيرىگۈل> نىڭ گۈزەل سىماسى بار

2018-11-29 18:44:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«خەيرىگۈلنىڭ يېشى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ھەر بىر سۆز- ھەرىكىتى بىلەن بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى». خې چيەن تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «خەيرىگۈل» دەپ چاقىرىدۇ. خې چيەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەلىك بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ نۇر يېزىسى بۇزاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى، بۇ يىل ئۇنىڭ كەنتتە تۇرغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى.
خې چيەن كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئۇ كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىغا ھەقىقىي يېقىنلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا بەختنىڭ سىمۋولى بولغان «خەيرىگۈل» دىگەن چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ قويدى.
ھەر كۈنى كەچتە بۇزاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، ئۇلار دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىگە بالدۇرلا كېلىپ، ئەڭ ياخشى ئورۇننى تالىشىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنەتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۆمۈر كېرەم مۇنداق دېدى: «يىل بېشىدا كەچلىك مەكتەپتە بۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى خې چيەننىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولدى». بۇ يىل 2- ئايدا، خې چيەن دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىدە دەرس ئۆتۈش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. خې چيەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئامال قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە خۇشاللىق ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. ئۇ بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى ئۆگەتكەندىن باشقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، ھەر خىل مەنزىرە دىئالوگى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قىزىل ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە مەشرەپ ئۆتكۈزدى. ھەمدە تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىشقا سىڭدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
 كەنت ئاھالىسى ئالمىخان تۇرسۇنتوختى: «بىز خەيرىگۈلنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇ دەرسنى بەك قىزىقارلىق سۆزلەيدۇ، بىز ھەممىمىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز» دېدى خۇشال ھالدا. خې چيەننىڭ تىرىشچانلىقىدا بۇزاڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. 8- ئايدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سىنىقىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %88 كە يەتتى، ئۈچ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، كەنت دەرىجىلىك زاپاس ياش كادىرلار قوشۇنىغا كىرگۈزۈلدى.
 6- ئايدىكى بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە، خې چيەن كەنت ئاھالىسى كېرەم قادىرنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، بوۋاينىڭ ئازابلىق نالە- پەريادىنى ئاڭلىدى، ئۇ دەرھال ئۆيگە كىرىپ، بوۋاينىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. خې چيەن بوۋاينىڭ پېشانىسىنى سىلاپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. خې چيەن دەرھال 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقىغا دوكلات قىلىپ، ئاپتوموبىل ئالاقىلىشىپ، بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلدى.
 ئەسلىدە كېرەم بوۋاي كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، قېلىن كەيمەي ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغان بولۇپ، داۋالىنىش ۋاقتىدا بولغاچقا، بوۋاينىڭ كېسىلى ياخشىلاندى. كېرەم بۇۋاي سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، مەخسۇس ئۆزى ياققان ناننى ئېلىپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ خې چيەنگە رەھمەت ئېيتىپ: «خەيرىگۈل قىزىم، سىزگە كۆپ رەھمەت، ئەگەر سىز ۋاقتىدا كەلمىگەن بولسىڭىز، كېسىلىم بۇنداق تېز ساقايمايتتى» دېدى.
بۇنداق باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان «كۆرۈنۈشلەر» بەك كۆپ. خې چيەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئىبادەت ئابدۇقارىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقى، لىكىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ يۈريدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. خې چيەن ئۇنىڭ ئىمتىھان بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بىكار ۋاقتى بولسىلا، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋە پىسخىكا ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىپ، مەدەت بەردى. خې چيەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بىر كۈن بۇرۇن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ئىبادەتكە ئىمتىھانغا كېرەكلىك بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ قويۇپ، ئۇنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ قويدى، يەنە ئۇنىڭغا 200 يۈەن پۇل بەردى.
كېيىن ئىبادەت شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۇسىگە قۇبۇل قىلىندى. ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا ئىبادەت خې چيەننى قۇچاقلاپ ھاياجانلانغان ھالدا: «رەھمەت ئاچا، ماڭا ياردەم قىلمىغان بولسىڭىز، بۇنداق ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولاتتىم» دېدى. كەنتتە، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر خې چيەن كۆرۈپ، ئاڭلاپلا قالسا، بېرىپ سوراپ، ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بېرەتتى. شۇڭا، كۆپچىلىك ئۇنى «غوجىدار» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ خۇشال ھالدا: «مەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ <كىچىك خوجىدارى>» دەيتتى.
خې چيەن كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1- شۇجىغا ياردەملىشىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىشلەشتە، ئەزەلدىن قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلمىدى. گەرچە بۇ يىل بۇ خىزمەت بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئەمما بەل قويۇۋەتمىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ھەر كۈنى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ئېتىزلارغا بېرىپ، توغرا ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
خې چيەن رەتكە تۇرغۇزۇش جەريانىدا، كەنتتىكى بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىرىمىنى قالايمىقان ھېسابلايدىغانلىقى چىقىم سوممىسىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقى، كىرىم- چىقىمنى ھېسابلىمايدىغانلىقى، ئۇزاق مۇددەتلىك كىرىم ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى. شۇڭا، خې چيەن مەخسۇس ماتېرىيال كۆرۈپ، باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراپ، كىرىم- چىقىم ھېساباتىنى ھېسابلاشنى ئۆگەندى ھەمدە زىيارەت جەريانىدا كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىم ۋە ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت چىقىمىنى قانداق ھېسابلاشنى چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھېساب خاتىرىلەشنى ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كىرىم پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بەردى.
نامرات ئائىلە مەمەت ئەيسا ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دىدى: «ھازىر خەيرىگۈلنىڭ ياردىمىدە، ئىقتىسادىي ھېساباتنى قانداق ھېسابلاشنى ئۆگىنىۋالدىم، ئائىلەمنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى ئېنىق بىلدىم، ئۇ يەنە ماڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ بەردى، بۇ يىل مەن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا چاتاق يوق».
خې چيەن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، 87 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشى، 15 كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. «ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن» دېگەندەك ئۇنىڭ قىلغان ئەمگىكى ئامما ۋە تەشكىلنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. ئەمما، ئۇ مۇنداق دېدى: «شان- شەرەپ ئىلگىرىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھازىرغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مەن تېخىمۇ تىرىشىمەن، كەنتتە تۇرۇش مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىمىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قىممەتلىك مەزگىلىم، مەن چوقۇم ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن خەيرىگۈلى بولىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى