قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىن مۇھەببىتى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

2018-11-29 18:46:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1990- يىلى تۇغۇلغان ئەخمەت ئەسەيدىن «داتاڭ» شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى دەپتەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ بۇنچە ياشلىقىغا قارىماڭ، ئۇ ھازىر ئىككى يىل كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە پېشقەدەم كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى. ئۇ ياش بولغىنغا قارىماي بۇرچ ۋە مەسئولىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سەپداشلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دەپتەر كەنتىدە ياشلىق باھارىنى ئۆتكۈزمەكتە.
«ئەخمەت بارمۇ؟». كەنت كومىتېتىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەخمەتنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلىغىلى بولىدۇ، ئىش بولسا ئەخمەتنى ئىزدەش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەخمەت، تۇراخان ئەخەتنىڭ «ئوغلۇم كۆيۈپ قالدى، ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىڭ» دىگەن تېلېفونىنى ئېلىپ، گەپ قىلمايلا دەرھال ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ تۇراخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بىلىكى ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان ئابدۇخالىقنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبىلغا سېلىپ، يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا، دوختۇرخانا ئاددىي بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى تەۋسىيە قىلدى، ئەخمەت دەرھال ئۇنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئەخمەت دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئابدۇخالىققا بالنىستا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى ھەم دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققى ئۈچۈن 2 مىڭ يۈەن تۆلىدى، ئۇ سەھەر سائەت 3 تىن ئاشقىچە ئالدىراش بولدى.
ئىككىنجى كۈنى، ئەخمەت كەنتتىكىلەر ئىئانە قىلغان 5 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كېلىپ، پۇلنى تۇراخانغا سۇنۇپ: «بۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى، بۇنى سىز ئېلىپ تۇرۇڭ، يەتمىسە بىز يەنە ئامالىنى قىلىمىز» دېدى. تۇراخان 5 مىڭ يۈەن پۇلنى قولىغا ئېلىپ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ: «كۆپچىلىكنىڭ بالىغا قۇتقۇزۇش پۇلى ئەۋەتكىنىگە رەھمەت» دېدى. ئابدۇخالىق دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدە، ئەخمەت ۋاقتى بولسىلا تۇراخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ قوي- كالىلىرىغا يەم- خەشەك بېرىپ، ھويلا- ئاراملارنى تازىلىدى. ئۈچ ئاي داۋالىنىش ئارقىلىق ئابدۇخالىقنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، كۈلكىسى يەنە جىلۋىلەندى.
ئەخمەتنىڭ ئىشلىرى سەپداشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، سەپدىشى سۇڭ دى مۇنداق بىر تىزىملىكنى كۆرسەتتى: ئەخمەت كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن 73 نى ھەل قىلىپ بەردى، داۋالىنىش ھەققى، تېلفون سۆزلىشىش ھەققى قاتارلىقلارغا 8 مىڭ 400 يۈەن خەجلىدى، 5 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
ئەخمەت كەنتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، دائىم كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلاتتى. ئۇ بارا- بارا بەزى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى توپلىدى. مەسىلەن، دېلو مىسالى سۆزلەش، ئىشلارنى قانۇن بويىچە سۆزلەش، سوۋغا تەقدىم قىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.
2016- يىلى ئەتىيازدا تۇنىياز ئۆزىنىڭ 20 مو يېرىنى توختىنىيازنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا ئىجارە بېرىپ، ھەر يىلى كۈزدە ئىجارە ئېلىشنى پۈتۈشتى. مۇشۇ ئىككى يىلدا ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن، توختىنىياز تېرىغان چىلىنىنىڭ پايدىسى ئانچە ياخشى بولماي، ئىككى يىللىق ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرالمىدى، تۇنىياز بىر نەچچە قېتىم سۈيلىسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى، ئەسلىدىكى ئىناق- ئىجىل ئۆتىدىغان ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئارازلىشىپ قالدى.
ئەخمەت ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە قوشنىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەتنى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزى پۇل چىقىرىپ ئۇن بىلەن ياغ ئېلىپ، توختىنىيازنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ، توختىنىيازغا سەۋرچانلىق بىلەن: «تۇنىياز ياشىنىپ قالدى، كىرىمىمۇ يوق، سالامەتلىكىممۇ ياخشى ئەمەس، شۇ ئىجارە ھەققىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، مۇشۇنداق چاغدا سىزدەك ياخشى قوشنىسىغا تايانماي قانداق قىلىدۇ؟» دېدى. توختىنىياز ئىزا تارتىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا 4 مىڭ يۈەن ئىجارە پۇلىنى تۇنىيازغا قايتۇرۇپ بېرىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن يېرىڭىزنى مەن داۋاملىق تېرىيمەن، ئىجارە ھەققىنى چوقۇم ۋاقتىدا تاپشۇرىمەن» دېدى. ئىككىسىنىڭ قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەخمەت خۇشال بولۇپ قايتتى.
ھازىر ئەخمەتنى ئىزدەپ مەسلىھەت سورايدىغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ قائىدە بىلەن ئادەم قايىل قىلىپ، يالقۇن ياسىن بىلەن ئەمەت سەمەتنىڭ 1 مو 5 پۇڭ كۆممىقوناق تۆلىمى مەسىلىسىنى مۇرەسسە قىلدى؛ ئۇ مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ بۇۋىخان ئىبراھىم بىلەن كېلىنى رەناگۈل ئەمەتنىياز ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىقنى ماسلاشتۇردى؛ ئۇ دېلونى مىسال قىلىپ قانۇن سۆزلەپ، تۇنىياز توختى بىلەن قۇۋانشىخان بەكرى ئوتتۇرىسىدىكى يەر ماجراسىنى ھەل قىلدى. ئەخمەت كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان ئاممىنىڭ زىددىيەت ماجرالىرىدىن 102 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى. كەنت كادىرى ئوبۇلقاسىم ياسىن مۇنداق دېدى: «ئەخمەت دېھقانلارنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئۇلارنى رازى قىلدى، يەنە بىزگە ئىدىيەۋى خىزمەتنى قانداق ئىشلەشنى ئۆگىتىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى».
ئەخمەت زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا يەر ماجىرالىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەخمەت يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان كەنتتە يۈز بەرگەن يەر ماجىراسى دېلولىرىنى توپلاپ، سەۋەبىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئاجىز، يەر ئوبوروتىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئاغزاكى كېلىشىمىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ زىددىيەت- ماجىرالارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئەخمەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچى شۇجى، خىزمەت ئەترەت باشلىقى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» غا «مىكرو دەرسخانا» تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئەخمەت دەرھال كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە لايىھە تەييارلاپ، «مىكرو دەرسخانىدا ئۆگىنىش تۈزۈمى» نى تۈزۈپ چىقىپ، ماتېرىيال ۋە ئالاقىدار دېلو مىساللىرىنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «ئاددىي تىزىملىك» شەكلىدە دەرس ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىساد پونكىتى، تۇپراق باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق تارماقلاردىن ياردەم سوراپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىگە ئالاقىدار قانۇن ئاساسلىرىنى توپلاپ، يەر ئوبوروتىنىڭ كۆرسەتمە خەرىتىسىنى سىزىپ، «مىكرو دەرسخانىدا» زاغرا تىلدا سۆزلەش ئۇسۇلى بىلەن، ھەقىقىي دېلو مىسالىغا بىرلەشتۈرۈپ كەنت ئاھالىلىرىگە دەرس سۆزلىدى. كەنت ئاھالىسى داۋۇت ساۋۇت مۇنداق دېدى: «ئەخمەت ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ، چۈشۈنىشىمىز ئايدىڭ بولدى. شۇنچە كۆپ ياخشى سىياسەتلەر، مۇشۇنداق سىردىشىمىز بولسا كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ».
نۆۋەتتە، ئۇ «مىكرو دەرسخانىدا» 28 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇنىڭدىن 1 مىڭ 240 ئادەم قېتىم نەپكە ئېرىشتى. قانۇن بىلىملىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇن ئىشلىتىدىغان كىشىلەر كۆپەيدى، زىددىيەت، ماجىرالار ئازايدى، قوشنىلار تېخىمۇ ئىناق ئۆتتى. ئەخمەت كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاپالىق ئەمگىكىنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇپ، چىن قەلبىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرنىڭ مەسئولىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى