قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئەخمىقەنە ئىشلىرى

2018-11-29 18:49:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قورشاۋ شاھمات ئوينىغانلارنىڭ ھەممىسى كورىيە شاھمات ماھىرى لى چاڭخاۋنى بىلىدۇ. ئۇ 16 يېشىدىلا دۇنيا چېمپىيونى بولغان، ھازىرقى زاماندىكى ۋۇ چىڭيۈەندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قورشاۋ شاھمات ماھىرى دەپ قارالغان، تېخنىكىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلىدە جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ شاھمات ماھىرىنى تولۇق يېڭىپ، «تاش بۇت» دەپ نام ئالغان، قورشاۋ شاھمات ساھەسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ماھىر.
لى چاڭخاۋنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ناھايىتى ئاز ئۇستىلىق قىلىدۇ.
 ئۇستىلىق دېگىنىمىز شاھماتتىكى ئەپچىل ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە، بىر ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلغىلى ياكى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ۋەزىيەتنى ئوڭشىغىلى ھەتتا بىر ئۇرۇق بىلەن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. «تيەنلوڭنىڭ 8- قىسمى» دا شۈ جۇن جېنلوڭ شاخمات ئويۇنىدا قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ يېڭىپ، ھاياتىنى ئۆزگەرتىپ، ۋۇلىندىكى ئىچكى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئادەمگە ئايلانغان. ئۇنداقتا لى چاڭخاۋدەك شاھماتقا ئۇستا تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇستىلىق قىلمايدۇ؟
بىر مۇخبىر بۇرۇن ئۇنىڭدىن مۇشۇ سوئالنى سورىغاندا، ئۇ ئۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن قارىغاندىن كېيىن: «مەن ئەزەلدىن ئۇستىلىق قىلىشنى قوغلاشمەيمەن» دېگەن.
مۇخبىر: «نېمىشقا؟ ئەپچىل چارە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك شاھمات ئويناش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدىغۇ! دەپ سۇرىغاندا، ئۇ: «ھەر بىر قول شاھماتتا مەن پەقەت %51 ئۈنۈمنىلا قوغلىشىمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
مۇخبىر بۇنى ئاڭلاپ ھاڭ- تاڭ قالغان، پەقەت %51 لىك ئۈنۈمىنىلا قوغلىشىش؟ ھەممىگە ئايان، شاھمات ئويناش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شاھمات ئويناش ئۇسۇلى ئەزەلدىن شاھمات ماھىرلىرى قوغلىشىدىغان نىشان.
لى چاڭخاۋ يەنە: «مەن ئەزەلدىن رەقىبىمنى بىر ھۇجۇم بىلەنلا مەغلۇپ قىلىشنى خالىمايمەن» دىگەن.
مۇخبىر قايتا سورىغاندا، ئۇ جىمىپ قالغان.
نېمە ئۈچۈن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شاھمات ماھىرى %51 لىك ئۈنۈمنى قوغلىشىدۇ؟
كەسپىي قورشاۋ شاھمات ماھىرلىرى ئارىسىدا، دەرىجە پەرقى بولغان تەقدىردىمۇ، يېڭىش ۋە يېڭىلىش ئىككى ئۈچ رەت ئارىسىدا بولىدۇ. ئادەتتە شاخمات ئوينىغاندا شاخمات ئۇرۇقى 200- 300 قېتىم يۆتكىلىدۇ، ھەر بىر يۆتكەلگەن ئۇرۇقتا %51 لىك ئۈنۈم بولسا، يېرىمدىن ئارتۇق ئۇتۇش نىسبىتى بولغان بولىدۇ، 150 قېتىم يۆتكەلگەن ئۇرۇقنىڭ %51 لىك ئۈنۈمى يىغىلىپ ئاخىرىغا بارغاندا شاخمات ئوينىغۇچىنى مۇقىم غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ. لى چاڭخاۋنىڭ رەقىبلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى دەل ئۇنىڭ «يېرىم مەيداندا غەلىبە قىلىشى» بولۇپ، بىر مەيدان شاھماتتا نەچچە يۈز ئۇرۇق يۆتكەلگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىم مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلەيتتى.
ئۇستىلىق قىلىش بەك گۈزەل، يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ بىر قىلتاق. ئادەمنىڭ ئەجەللىك زەربە بېرىشكە ئىنتىلگەن ۋاقتى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىراقسان ۋاقتى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، مەغلۇپ بولسا روھى تەۋرىنىدۇ. شۇڭا، كېيىنكى قەدەمدە ئاسانلا پۇتلىشىدۇ. پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشقاندىن كېيىن بوشىشىش بولىدۇ؛ يورۇقلۇقتىن كېيىن چوقۇم قاراڭغۇلۇق بولىدۇ.
ئەكسىچە %51 ئۈنۈم بولسا، پۇختا قەدەم بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇستىلىق قىلىشتا بىر چوڭ نۇقسان بار، ئۇ بولسىمۇ: ئەتىراپلىق تەھلىل قىلغىلى، باش قاتۇرۇپ مەشىق قىلغىلى بولمايدۇ.
چۈنكى، ھەر قېتىملىق شاھمات ئويۇنى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ھەر قېتىملىق ئۇستىلىق تۇيۇقسىز كەلگەن ئىلھام بولۇپ، بۇنداق بولغاندا سىز مەڭگۈ ھۈنەرنى سىلىقلاشقا ئامالسىز قالىسىز، پەقەت «ئىلھامنىڭ كېلىشىنى ساقلايسىز». بىرەر كۈنى ئىلھامىڭىز تۈگىسە، شاھمات ساھەسىدىكى ئىستىقبالىڭىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ.
ئىلھامنى قەستەن مەشىق قىلىشقا، ھۈنەرنى سىلىقلاشقا بولمايدۇ. ئىلھامنىڭ چەك- چىەىرىسى يوق.
بەزىلەر گو دېگاڭدىن: «سىزنىڭ شاڭشېڭ ئېيتىشىڭىزدا، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت تالانتىڭىز تۆگەپ قالسا قانداق قىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «بىز شاڭشېڭ ئېيتىشتا، تېخنىكا ئۆگىنىمىز، ھۈنەر مەشىق قىلىمىز. بۇ پىلتە قۇيماق پىشۇرغانغا ئوخشاش، بىر پىلتە قۇيماق پىشۇرغۇچى ئۆزىنىڭ تالانتىنىڭ تۆگەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ بىز شاڭشېڭنى ھۈنەر دەپ قارايمىز، تالانت ئەمەس؛ تالانت تۈگەيدۇ، ھۈنەر بارغانسېرى كامالەتكە يېتىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ بىرىنچى كىتابى ياخشى يېزىلىدۇ، كېيىن قايتا نادىر ئەسەر يارىتالمايدۇ؛ بەزى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، كېيىن كۈندىن- كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
لى زۇڭشېڭ، جوۋ جېلۈن قاتارلىق ناخشا ئىجادىيىتى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ناخشىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەسلىدىنلا كۆپ مىقداردا مۇزىكا ئىشلەشكە توغرا كەلگەچكە، ئىلھامغا تايىنىشقا بولمايتتى. شۇڭا، ئۇلار داۋاملىق يېڭى ناخشا ساھەسىدە ئۇزۇنغىچە ياشنىدى.
لى چاڭخاۋنىڭ «قورشاۋ شاھماتنىڭ ئون قائىدىسى» نىڭ بىرىنچىسى شۇكى، ئاچكۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ.
پەزىلەتلىك ماھىر، ئۇستىلىق قىلىشنىڭ قىزىقتۇرۇشنىڭ تېگىگە يەتكەندىن كېيىن، سالماقلىق بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ماھارىتىگە تايىنىپ رەقىبىنى يېڭەلەيدۇ. ھازىرقى جەمىيەتتە، سىز ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر ھۈنەرنى تاۋلاشنى خالىسىڭىزلا، سېپىل خەندىكىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلەيسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى