قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زەنجىر

2018-11-29 18:50:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە: «يالغاننى راس دېسە راسمۇ يالغان بولۇپ قالىدۇ» دېيىلگەن. ئۇنداقتا، ئەگەر ھەقىقەتەن يالغان دەپ قارالسا، يالغانمۇ راست بولۇپ قالىدۇ. نەرسىنىڭ راست-يالغانلىقى، ئىشنىڭ ھەق-ناھەقلىقى بولىدۇ، چېتىلىدىغان ئادەمنىڭ راستنى يالغان، يالغاننى راست دەپ قېلىشتىن خالىي بولۇشى تەس. بەزىلەر چۈشىنىدۇ، بەزىلەر ئۆزىنى چۈشىنىمەن دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر ھاماقەت بولىدۇ، بەزىلەر ھاماقەت بولىۋالىدۇ. بۇنى ھەقىقەتەن بىر ئېغىز گەپ بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
ئۇستازى ئېمما بوۋارىغا ئوخشاش، ماتىلدا روسساۋېلمۇ بىر «شۆھرەتپەرەس» ئايال ئىدى. ئۇ يېقىن دوستى فۇرېستىي خانىمدىن بىر زەنجىرنى ئارىيەت ئېلىپ تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ ياش ھەم چىرايلىق بولۇپ، ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتتى. لېكىن، خۇشاللىققى ھەسرەتكە ئايلىنىپ، تانسا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ زەنجىرنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ماتېلدا ئۇنى تۆلەش ئۈچۈن، جاپالىق ئىشلەپ، تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ، توپتوغرا ئون يىل ياشلىق باھارىنى سەرپ قىلىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دوستىنىڭ ئاغزىدىن، قارىماققا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدىغان ئالماس مېدالىئونلۇق زەنجىرنىڭ ئەمەلىيەتتە ساختا ئىكەنلىكى، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز فرانكقا يارايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
بۇ دەل موپاسساننىڭ «زەنجىر» ناملىق رومانىدىكى ھېكايە.
 موپاسساننىڭ يەنە بىر پارچە «ئۈنچە- مەرۋايىت» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى بار. ئۇمۇ زەنجىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەھۋالى روسساۋېل خانىمغا ئوخشاپ كېتىدىغان لاڭدەن خانىممۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالمايدىغان بىر خىزمەتچىگە ياتلىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى چوڭ قىزىقىشى بار بولۇپ، بىرى ئويۇن كۆرۈش، يەنە بىرى ساختا ئۈنچە- مەرۋايىت يىغىش ئىدى. كېيىنكىسى ئالدىنقىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. چۈنكى، تىياتىرخانا ئاممىۋى سورۇن بولۇپ، كىيىم- كېچەك ۋە زىببۇ- زىننەتكە بولغان تەلىپى بار ئىدى. «سۇغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىللارنى ئەسلەش» دېگەن كىتابتىكى گېرمانت كىنەز خانىم ۋە گېرمانت خانىشنىڭ ئويۇن كۆرىدىغان بابىنى كۆرگەن بولسىڭىز، بۇ خىل ھەشەمەتلىك «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا» دا، ئەڭ ئەقەللىي غۇرۇرى بار، ئېرىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ شان- شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ئاياللار، ياسىنىشتىكى كىچىك نۇقسانلار تۈپەيلىدىن رەقىبىگە يېڭىلىپ قېلىشقا ھەرگىز يول قويمايدۇ. كونىلاردا «ساھىپجاماللار شور پىشانە كېلىدۇ، ھەم ساھىبجامال ھەم كۆڭلى ئۈستۈنلەر تېخىمۇ ئاسان شور پىشانە بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىر قېتىم ئويۇن كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لاڭدەن خانىمغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ، تېنى ئاجىزلاپ ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. كۆڭلى يېرىم بولغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقتا قالغان لاڭدەن ئەپەندى ئايالىنىڭ «ساختا ئۈنچە- مەرۋايىت» لىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئايالى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان چوڭ زەنجىرنى تاللايدۇ، گەرچە ساختا بولسىمۇ، ئىشلىنىشى ناھايىتى نەپىس بولغاچقا، ھىچ بولمىغاندا ئالتە- يەتتە فرانكقا يارايدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. ئۇ زەنجىرنى دۇكانغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، دۇكاندارنىڭ جاۋابى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ، زەنجىرنى دەل ئۇلار ساتقان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى سېتىلىش باھاسى 25 مىڭ فرانك ئىكەن. لاڭدەن ئەپەندى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاڭ- تاڭ قالىدۇ. مال ساتقۇچى ھېسابات دەپتىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، زەنجىرنى دەل مۇشۇ ئادرېسقا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى، يەنە سېتىۋالغان ۋاقتىنى تەپسىلىي ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا، ئەھۋالنى ئېنىق بىلگەن لاڭدەن ئەپەندى ئايالىنىڭ «ساختا ئۈنچە- مەرۋايىت» نىڭ ھەممىسىنى سېتىپ، 200 مىڭ فرانكقا ئېرىشىدۇ.
«ئۈنچە- مەرۋايىت» دېگەن بۇ ھىكايە بىزگە ياش ۋاقتىمىزدا سورىماقچى بولغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى: ئەگەر مارتېلدا روسساۋېلنىڭ ھېكايىسى ئۆز نۆۋىتىدە يالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە راست بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر مارتېلدا باشتىلا زەنجىرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، زەنجىر ۋەقەسى بەلكىم پەقەت بىر كىچىك قىستۇرما كۈي بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مىنىستىرنىڭ ئۆيىدىكى تانسا كېچىلىكىدىن كېيىن، يەنە باشقا تانسا كېچىلىكلىرى بولۇشى، ئۇ بەلكىم ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئادەمگە ئۇچراپ قېلىشى، ئۇ ئادەم يەنە ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق ئۈنچە- مەرۋايىتلارنى سوۋغا قىلىشى مۈمكىن ئىدى..... ئۇ  بىر لاڭدەن خانىمغا ئايلىنىپ قالامتى تېخى؟
ماگھامنىڭ «ھەممىدىن خەۋەردار ئەپەندى» ناملىق ھېكايىسىدىمۇ ئۈنچە- مەرۋايىتلارنىڭ راست- يالغانلىقىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ھاماقەت ئەردىن بىرسى بار. كراندان تىنچ ئوكياندىن يىراققا قاتنايدىغان يولۇچىلار پاراخوتىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان لامۇچ بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ. لامۇچ چەت ئەلگە خىزمەتكە چىقىپ، چىرايلىق خانىمنى ئۆيىدە قالدۇرۇپ، نيۇيوركتا بىر يىل يالغۇز تۇرىدۇ، بۇ قېتىم خانىمى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيەگە بارىدۇ. تاماق ئۈستىلىدە تاسادىپىي ئۈنچە- مەرۋايىت توغرىسدا پاراڭ بولۇپ قالىدۇ، كراندا دەل بىر ئۈنچە- مەرۋايىت مۇتەخەسسىس بولۇپ، لامۇچ خانىمنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇ تاقىغان مەرۋايىت زەنجىرنىڭ بەك قىممەت ئىكەنلىكى، ئاز دېگەندە 13 مىڭ دوللارغا يارايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لەمۇچ كراندانى خاتالاشتىڭىز دەپ مەسخىرە قىلىپ، ئايالىنىڭ نيۇيوركتىن بۇ زەنجىرنى ئاران 18 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن كراندا بىلەن 100 ئامېرىكا دوللىرى دو تىكىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كراندا لامۇچ خانىمنىڭ جىددىيلەشكىنىدىن ھوشىدىن كېتەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېغىزىنى يىغىپ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا تەن بەرەەنلىكىنى بۈلدۈرىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئىشىك يوچىقىدىن بىر پارچە كونۋېرت كىرگۈزلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۈز ئامېرىكا دوللىرى سېلىنغان ئىدى. كراندا بىلەن بىر بۆلۈمچىدە تۇرىدىغان ئاپتور ئۇنىڭدىن: «ئۇ مەرۋايىت زادى راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟» دەپ سورايدۇ، كراندا: «ئەگەر مېنىڭ بىر چىرايلىق ئايالىم بولغان بولسا، ئۇنىڭ يالغۇز نيۇيوركتا بىر يىل تۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايتتىم» دەيدۇ.
«خۇەينەنزى» دېگەن ئەسەردە يامان ئىشنىڭ ياخشى ئىشقا ئايلانغانلىق ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، كۆتۈلمىگەن ئۆزگۈرۈشلەر تەسۋىرلەنگەن: چېگرادىكىلەرنىڭ ئاتتىن ئايرىلىپ قېلىشى ئەسلىدە يامان ئىش ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن نەچچە ئايدىن كېيىن ئات ئۆزى قايتىپ كېلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ئېسىل ئېتىنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن؛ ئۆيدە ياخشى ئات بار ئىكەن، ئوغلى ئاتقا مىنىشكە ئامراق ئىكەن، نەتىجىدە ئاتقا مىنىپ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ؛ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇرۇش يۈز بېرىپ، ئوغلى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقتىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قاپتۇ. ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش بىر- بىرىگە باغلانسا، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ. ماگھامنىڭ يەنە بىر قىسقا ئەسىرى بار بولۇپ، ئوخشاشلا ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان كومىدىيەنى يېزىپ چىققان. يەنىلا زىياپەتتە، بەزىلەر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تاقىغان زەنجىرنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كۈلۈپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ قىممەت زىننەت بۇيۇملىرىنى ھەرگىز سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كۆپچىلىك بەس- مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندا، ئىككى ناتونۇش ئادەم كېلىپ ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ئەسلىدە ئۇ زەنجىرىنى دۇكانغا ئاپىرىپ ئوڭشىتىپ ئېلىپ كەلگەندە، دۇكاندار ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر زەنجىرنى خاتا بەرگەن ئىكەن. چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئايال ئوقۇتقۇچى ئۇ قىممەتلىك زەنجىرنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ. ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈنچە- مەرۋايىت دۇكىنى ئۇنىڭغا 300 فوندستېرلىڭ سوۋغا قىلىدۇ. قائىدە بويىچە بۇ ئىش ئاياغلىشىدۇ، ئەمما تېخىمۇ ئېسىل ۋەقەلىك داۋاملىشىدۇ. ياش ئايال ئوقۇتقۇچى بۇ پۇلغا ئېرىشىپ، رۇخسەت سوراپ ساياھەتكە چىققاندا، بىر باي ئۇنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئىككىسى توي قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ گۈزەل رۇخسارىغا تايىنىپ ئاقسۆڭەكلەر جەمىيىتىگە ئارىلىشىپ، ئاخىردا پۈتۈنلەي چۈشكۈنلىشىپ، يۇقۇرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئۇيۇنچۇق گۈلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئويلاپ باقسام، ماتىلدا روسساۋېل ۋە ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل ئېرى يەنىلا تەلەيلىككەن، ھېلىمۇ ياخشى زەنجىر ساختا ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى