قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋارىسلىق قىلىنغان ئورتاق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ

2018-11-29 18:53:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىراس قالدۇرغۇچى تېڭ x نىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆز نامىدا تېزىملاتقان بىر يۈرۈش ئۆيى ھەمدە ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ، ئۇلار تېڭ a، تېڭ b، تېڭ C لار ئىدى. ئۆينى بۆلۈشۈشتە ۋارسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش كۆرۈلگەچكە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، تېڭ a ۋەسىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش باھانىسى بىلەن، تېڭ B، تېڭ C لار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. سوت قىلىش ئارقىلىق، سوت مەھكىمىسى تېڭ a، تېڭ b، تېڭ C لار مىراس قالدۇرغۇچى تېڭ x نامىدىكى ئۆينىڭ ئايرىم ھالدا  %50، %30، %20 ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىرىشسە بولىدىغانلىق توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.
ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلاردا بۇنداق بۆلۈشۈشكە نىسبەتەن پىكىر بىردەكلىكى بولمىغاچقا، ئۈچەيلەن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تارمىقىغا بېرىپ، ئۆينىڭ نامىنى ئۈچەيلەننىڭ نامىدا تىزىملاتماقچى بولدى. كېڭىشىش نەتىجىسىز بولغان ئەھۋالدا، تېڭ a يەنە ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينى بۆلۈشۈشنى باھانە قىلىپ، تېڭ B، تېڭ C ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى. ئۇنداقتا تېڭ a نىڭ تەلىپى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەمدۇ؟
شىنجاڭ «زېبىن» ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن ئادۋوكات جاڭ شۇبىڭ بۇ سۇئالغا جاۋابەن مۇنداق چۈشەندۈردى: بۇ دېلودا، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەننىڭ ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش دەۋاسى قىلىشى پەقەتلا ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۈلۈشىنى بېكىتش. بىراق، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن كۆچمەس مۈلۈك تىزىملاش تارمىقىغا بېرىپ، قانۇن بويىچە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشنى تىزىملاتمىغان بولغاچقا، ئۆي يەنىلا مىراس قالدۇرغۇچى تېڭ x نىڭ نامىدا تېزىملانغان بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن سوت مەھكىمىسىدىن ئۆينى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. شۇڭا، تېڭ a نىڭ دەۋاسىنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىش كېرەك.
ئالدى بىلەن، كۈچكە ئىگە ھۆكۈمگە ئاساسەن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن تېڭ x نىڭ نامىدىكى ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۈلۈشىنى بېكىتىدۇ، بۇ نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى قانۇنىي ھەرىكەت ئاساسىدا بولماي تۇرۇپ يۈز بەرگەن بولسا، تىزىمغا ئالدۇرمىسىمۇ نەرسە ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەمدە قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىراق، 3- كىشىنىڭ مەنپەئىتى ۋە سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، نەرسە ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 29- ۋە 31- ماددىلىرىدا: «ۋارىسلىق قىلىش سەۋەبلىك كۆچمەس مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر شۇ كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تارمىقىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك، تىزىملاتمىسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
تېڭ a ئۆينى بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن ئارسىدىكى ئۆز ئارا يۆتكەش ياكى ئۆينىڭ ئۆز ئىگدارلىقىدىكى قىسمىنى سىرتقا يۆتكەش بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىگە تەۋە بولىدۇ. «تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن يۇقارقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەننىڭ ئۆز ئۈلۈشلىرى بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئۆينى بۆلۈشۈشىگە بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن ئۆيگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، كۆچمەس مۈلۈك تىزىملاش تارمىقىغا بېرىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، قانۇن بويىچە مۇناسىپ باج تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەمما، ئۆينى تىزىملاتقاندا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۈچەيلەن ئۆز ئۈلۈشى بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئۆينىڭ نامى ۋارىسلىق قىلغۇچى بۇ ئۈچەيلەن ئارىسىدا ئۆز ئارا يۆتكەلگەن ياكى سىرتقا يۆتكەلگەن بولسا، ئاۋۋالقىدەكلا قانۇن بويىچە مۇناسىپ باج تاپشۇرۇشى لازىم.
بۇ دېلودا، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئۈلۈشى بېكىتىلگەندىن كېيىن، تېڭ a قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرماي تۇرۇپلا، ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى بۇ ئۆينى بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان، مەيلى كېلىشىم بويىچە بۆلۈش، رىقابەت باھاسى بويىچە بۆلۈش ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ بۆلۈش بولسۇن مەسىلەن، سوت مەھكىمىسى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئۆينى بىۋاسىتە مىراس قالدۇرغۇچى تېڭ x نىڭ نامىدىن باشقا ۋارسلىق قىلغۇچىلارنىڭ نامىغا يۆتكەپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ياكى باشقا كىشىلەرگە يۆتكەپ تىزىمغا ئالدۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارسا، ھەممىسىدە دۆلەتكە باج تاپشۇرۇشتىن قېچىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ.شۇڭلاشقا، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە دەۋالاشقۇچىلارغا يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا ئاۋۋال مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ناۋادا تېڭ a ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى نەرسىنى بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرسا، ئۇنىڭ دەۋاسىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىشقا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى