قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېجىرگەن ھەر بىر دېلوسى بىلەن قانۇن ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان-- ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى تاڭ نەن

2018-11-29 18:54:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 3- سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى تاڭ نەننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز چاقماق، ئۈزۈم ھارىقى، ياڭاق سۈتى دىگەندەك بىر دۆۋە ئۇششاق- چۈششەكلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، بىلمىگەنلەر ئىشخانىغا خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپمۇ قېلىشى مۈمكىن. ئەمەلىيەتتە، تاڭ نەن بېجىرگەن نۇرغۇن دېلولار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجراسىغا چېتىلغاچقا، ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دەۋالاشقۇچىلار تاپشۇرغان ماددىي ئىسپاتلار.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 9- ئايدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى مەلۇم ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىدىكى 16 سودىگەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىپ، چاقماق ساتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ يۈرۈشلۈك دېلو ئىچىدە 64 دېلو تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئالاقىدار توپ تارقىتىش سودىگەرلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىدىن ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە ئوخشاشمىغان سوممىدا تۆلەم بېرىش تەلەپ قىلىنغانىدى.
تاڭ نەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىلەن دائىم ئالاقلىشىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىجارەت ئادىتىنى چۈشىنەتتى. بۇنداق سودىگەرلەر ئادەتتە ئىشىك ئالدىغىچە كىلىپ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساتىدىغان توپ سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ، مۇۋاپىق باھادىكى ماللىرىنى كىرگۈزۈپ ساتىدىغان بولغاچقا، قانۇن خەۋپ- خەتىرىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. دەۋالاشقۇچىلار سودىيەگە ئۆزلىرىنىڭ قانۇن جەھەتتە گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ: «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى دېگەننى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمىز، بۇ شىركەتنىڭ بىزدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى بەكلا ئادالەتسىزلىك» بولدى دېيىشتى.
تاڭ نەن دەۋالاشقۇچىلارغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ: «سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن، لېكىن قانۇندا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپ» دېدى.
تاڭ نەن 2011- يىلى 3- سوت كوللېگىيىسىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئىزچىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىنى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىر يۈرۈش تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى: بىرىنچى قەدەمدە ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئىككىنچى قەدەمدە دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارغا ئايرىم- ئايرىم خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ يارىشىشىغا تۈرتكە بولدى. دەرۋەقە، تاڭ نەننىڭ بىر سائەتكە يېقىن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن، بۇ ئىككى جاۋابكار چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.
تاڭ نەن دېلو بېجىرىش جەريانىدا، قانۇنغا ئىزاھات بېرىپ مۇرەسسە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر دېلونى بېجىرگەندە بىر قاتار قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم سودا شەھەرچىسى قانۇن ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى شۆ خۇا تىجارەتچىلەرنى ئەسكەرتىپ: «ئالدىنقى قېتىم سوت ئېچىلغاندا، تاڭ سودىيە مالنى مۇنتىزىم يول بىلەن كىرگۈزۈپ، ھوقۇققا چېقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دېدى. دەرۋەقە، شۆ خۇا تىلغا ئالغان سوت دەل بۇ يىل 4- ئايدىكى تاڭ نەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قاراپ چىققان بۇ سودا شەھەرچىسىنىڭ قېرىنداش قەلەم ھوقوقىغا چېقىلىش ماجراسىدىن كېلىپ چىققان بىلىم مۈلۈك ھوقوقىنى تۈركۈملەپ قوغداش دېلوسى ئىدى.
ئوخشاش بىر دەۋاگەر ئوخشاش ھوقۇقنى ئاساس قىلىپ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئوخشاش بولمىغان جاۋابكار ئۈستىدىن ئەرز قىلسا، ھوقۇقنى قوغداش ئۇسۇلى، دەۋا تەلىپى قاتارلىق مەزمۇنلار ئاساسەن ئوخشاش بولغاچقا مۇنداق دەۋا تۈركۈملەپ ھوقۇقنى قوغداش دېلوسى دەپ ئاتىلاتتى. تاڭ نەن بۇ ھەقتە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈركۈملەپ ھوقۇقنى قوغداش دېلوسىغا چېتىشلىق ئوبيېكتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق تىجارەتچىلەر، ئۇلارنىڭ تاۋارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھاراق، كۈندىلىك بۇيۇم، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سودا شەھەرچىسىدىكى تىجارەتچىلەر بۇ تۈردىكى دەۋانىڭ نوقتىلىق ئوبيېكتلىرى. شۇڭا، بىز سوتنى سودا شەھەرچىسىدە ئېچىشنى قارار قىلدۇق».
سوتنى ئادەملەر توختىماستىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سودا شەھەرچىسىدە ئېچىش ئۇنچە ئاددىي ئىش ئەمەس. سوتنىڭ كەسكىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەم سوت تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلەتتى. تاڭ نەن خىزمەتداشلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سودا شەھەرچىسىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىپ، مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ، سوتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا تولۇق تەييارلىق قىلدى.
-«ناۋادا بۇ قېتىمقى سوتنى سوت مەھكىمىسىدە ئاچقان بولساق، نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشقا ۋاقتى چىقماسلىقى تۇرغانلا گەپ ئىدى. دەرۋەقە، شۇ كۈنى بۇ سوت سودا شەھەرچىسىدە ئېچىلىۋىدى، يۈزگە يېقىن سودىگەر سىرتتىن قاتناشتى»،-- دېدى شۆخۇا ئەسلەپ. شۆخۇا يەنە مۇنداق دېدى: «دېلو ئۇلارنىڭ يېنىدا يۈز بەردى، سوتمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېچىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قانۇن بىلىملىرىنى چۈشىنىشىمۇ چوڭقۇرلاشتى».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى