قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ مادرىدقا يېتىپ بېرىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2018-11-29 18:38:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدقا يېتىپ بېرىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىقماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 11- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار فېڭ جۈنۋېي، لى جيەنمىن). شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مادرىدقا يېتىپ بېرىپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئىسپانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، ئىسپانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى. شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان مادرىد باراخاس خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئىسپانىيە ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ تارتىپ تۇردى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئىسپانىيە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، قەدىمىي قۇرۇقلۇق يىپەك يولى قەدىمىي پايتەخت چاڭئەن بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تارراگونانى تۇتاشتۇرغان. 400 نەچچە يىل بۇرۇن، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئارقىلىق قويۇق سودا ئالاقىسى ئورناتقان. 1973- يىلى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2005- يىلى، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان. نۆۋەتتە، جۇڭگو- ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زىيارەت مەزگىلىدە، مەن پادىشاھ فىلىپ Ⅵ ۋە باش ۋەزىر سانچېز قاتارلىق ئىسپانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە كەڭ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو- ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى دەۋر مۇساپىسىنى باشلاشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۈ فەنمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  ئىسپانىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە ئارگېنتىنا، پاناما، پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى. 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى فىلىپ Ⅵ، ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكرى، پاناما جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بارېرا، پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دې سوزانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يۇقىرىقى تۆت دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى؛ ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى