قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توختاۋسىز ئۆگىنىش داۋامىدا خۇشاللىققا ئېرىشىش

2018-11-30 12:24:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل1- ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 610 ئەمگەكچى بورتالا ئوبلاستىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە زاڭگۇي يېزا كۆلئېرىق كەنتىدىن كەلگەن گۈلجەننەت يۈسۈپ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. ئۇ مەخسۇس تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ھازىر ئالاتاۋ شەھىرى «خۇاماۋ» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئۇ تېخنىكا ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، بۇ بىر يىلنى مەنىلىك ھەم بەختلىك ئۆتكۈزدى.
يىل ئاخىرىغا ئاز قالدى، گۈلجەننەت يۈسۈپنىڭ خىزمەتتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، شىركەت تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى. ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت ھەر قايسى ئىش تەرتىپلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئەمما، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە، ئەڭ ئاددىي يىپ ئۇلاش ئىشىمۇ ئۇنى غەمگە سالاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە يىپ ئۇلاشتا ناھايىتى قىينالغاچقا، يىپ ئۇلاش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، خىزمەتكە بالدۇرراق كۆنۈشكە تىرىشتىم.
كارخانا كۆپچىلىكنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمگە بىردىن پىشقان ئىشچى ئورۇنلاشتۇردى. گۈلجەننەت يۈسۈپنىڭ ئۇستازى ۋاڭ خوڭمېي ئۇنىڭ خىزمەتتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى. ۋاڭ خوڭمېي مۇنداق دېدى: گۈلجەننەت يۈسۈپ بەك ئەقىللىق ھەم تىرىشچان ئىكەن، شۇڭا ئۇ ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى.
ۋاڭ خوڭمېينىڭ توختىماي ئىلھاملاندۇرۇشى نەتىجىسىدە، گۈلجەننەت يۈسۈپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ ھەر كۈنى خىزمەت ۋاقتىدا ۋاڭ خوڭمېيدىن بىلمىگەن جايلىرىنى سوراپ تۇردى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ، خاتىرىسىنى ئېچىپ ئۆگىنىش قىلدى، ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا دەرھال ئۇستازى ۋاڭ خوڭمېينىڭ ياتىقىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىدى.
مەشغۇلات تېخنىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈلجەننەت يۈسۈپ يەنە دەم ئېلىش ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ياتاقدىشى مىن يۈمېيغا ئەگىشىپ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەندى. مىن يۈمېي مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم تاماق ۋاقتىدا، ئۇ مەندىن تامىقىمىزدىكى ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە ئاتىلىشىنى سورايدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىمەن. ئۇ بەكلا تىرىشچان.  
  گۈلجەننەت يۈسۈپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشق قىلغاچقا، توقۇمىچىلىققا ئالاقىدار تېخنىكىنى ناھايىتى تېزلا پىششىق ئىگىلەپ، پىشقان يىپ ئىگىرىش ئىشچىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايدا قىلىدىغان كىرىمىمۇ 3 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. يېقىندا، كارخانا ئۇنى يەنە گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا ئۆستۈردى. گۈلجەننەت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە تاماق ۋە ياتاق ھەقسىز بولۇپلا قالماي، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى شارائىتمۇ ناھايىتى ياخشى. بۇ يەردە نۇرغۇن بىلىم ۋە تېخنىكا ئۆگەندىم. مەن يۇرتۇمدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى