قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە تەشۋىق قىلىندى

2018-11-30 12:29:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك سودا يەرمەنكىسىدە، «جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك قار-مۇز» شىنجاڭ ئالتاي مۇنبىرى، ساياھەتچىلىك پۇل-مۇئامىلە تەمىناتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ساياھەتچىلىك كەسىپكارلىرى، تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ۋە قار-مۇز تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ئالتاينىڭ قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى ھىس قىلىشى قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە تەشۋىق قىلىندى.
13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مىھمانلار ئالتاينىڭ ئۆزگىچە چاڭغا تېيىلىش تاختىسىنى كۆردى، ئاتقا سۆرىتىلگەن چانىغا ئولتۇرۇپ قارلىق دالىنى ساياھەت قىلدى، مەملىكەت بويىچە ئىگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، چاڭغا تېيىلىشنىڭ ئاجايىپ سىھرىي كۈچىنى ھىس قىلدى. قار شەھىرى ئالتاي ئۇلاردا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى. مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئايقىن جاسان مۇنداق دېدى: ئالتاي-- ئىنسانلارنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەنبەسى. ئالتايدا ياققان قارنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ.
بۇ يىل قىشتا، ئالتاي ۋىلايىتى قۇمقاناس كەنتى ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى، ئالتاي چاڭغا تېيىلىش ساياھەت ئارامگاھى، كۆكتوقاي قارلىق تاغ جىلغىسى ساياھەت-ئىستىراھەت رايونى، ئۇلۇڭگۈر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش رايونى قاتارلىق تۆت رايوننى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا چىقاردى.
خاربىندىن كەلگەن ساياھەتچى شياۋجىڭ مەملىكەت بويىچە ئىگىزلىك پەرقى ئەڭ چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولغان كۆكتوقاي خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يەردىن كەتكىم كەلمەي قالدى. بۇ يەردە چاڭغا تېيىلىش بەك راھەت، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، ئادەملىرى تېخىمۇ قىزغىن ئىكەن.
ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىشتا ئالتايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، شېنجېن-جېڭجۇ-ئالتاي، نەنجىڭ- لەنجۇ- ئالتاي قاتارلىق بىۋاسىتە ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالتاي ۋىلايىتى مەملىكەتنىڭ تۆمۈر يول تورىغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، بېيتۈن شەھىرى ۋە ئالتاي شەھىرىگە پويىز قاتنايدۇ.
13-نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەتچىلىك سودا يەرمەنكىسىنىڭ ساياھەتچىلىك پۇل- مۇئامىلە تەمىناتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، پۇل- مۇئامىلىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 پۇل- مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن «ساياھەتچىلىك بىلەن پۇل- مۇئامىلىنى بىرلەشتۈرۈش» ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش ئۇنىۋېرسال پۇل- مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. بانكىلارنىڭ يېڭىدىن ئاشقان ئىناۋەت نورمىسى 45 مىليارد يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدىكى 8 پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن 6 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى. خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى گو جيەنۋىي مۇنداق دېدى: بىز 37 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى يېتەكلەپ، قىشلىق ساياھەتچىلىك سودا يەرمەنكىسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلىك پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يولىنى تېپىپ چىقىپ، ساياھەتچىلىكنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى