قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018-11-30 16:15:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىندا چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سادىق، قەتئىي بولۇپ، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىگەن ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلىشىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شانلىق يېتەكچىلىكىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ، جەزمەن دائىم ئۆگىنىپ، قايتا - قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قان تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، روھقا كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، بىر يۈرۈش مۇھىم سۆز قىلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئالاھىدە كۆيۈنۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مىزان ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل يەتكۈزۈشكە، ئۆگىنىشكە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرمۇبىر ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرمۇبىر نەتىجە- ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بىرمۇبىر نەتىجە قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، بىزارلىق كەيپىياتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىكمە مۇشت»نى داۋاملىق ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىغان ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەل»گە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ- خەتىرى كۆرۈلمەسلىك ۋە سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە قاتتىق چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، 2020- يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم موتورىنى بەرپا قىلىش كېرەك، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى پورتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، مائارىپ مەركىزى، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا- كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش كېرەك. ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياخشى جاي» يارقىن نام كارتىسىنى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي مەنزىرە ۋە گۇمانىتار مەنزىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم مول يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە خاس ماركا، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغان نوپۇزلۇق ساياھەت تاۋارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ماركېتىڭ شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئازادىلىك ھېس قىلىش دەرىجىسى، مەمنۇن بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ ئىنتىلىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ھالقىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەت ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئىسپاتلىغان تەدبىر ۋە مېخانىزمنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق تۈگىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ كەسىپلەرنى يۆتكىشىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش ۋە مەدەت بېرىش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدا كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللاپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازار مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنما باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2- كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3- كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سودا، ئەشيا ئوبوروت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىنى قوللاپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قوللايدىغان پىكىرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىيات داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ساپ، يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەر مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، مالىيە، باج، كىرىم- چىقىم خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ «ئاز ئارقىلىق كۆپكە ئېرىشىش» پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتال ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا سېلىشقا يېتەكلەش؛ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىكى باش ۋەزىپە قىلىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا باشتىن- ئاخىر يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادروغا زىچ ئەگىشىش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 10- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياچېيكا خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بېسىمىنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ، پاك، دۇرۇس سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى چەكلەش»، يەنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، لەيلىمىچىلىك، شەكىلۋازلىقنى قاتتىق چەكلەش، ئىنچىكە- ئىخچام تەكشۈرۈپ، شەكىلنىلا ئۆزگەرتىشنى قاتتىق چەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، خالىغانچە ئىش قىلىشنى قاتتىق چەكلەش، ئىز قالدۇرۇشنى ئازايتىپ، ھەممە ئىشتا ئارخىپ تەكشۈرۈشنى قاتتىق چەكلەش، يوللايدىغان جەدۋەللەرنى ئازايتىپ، ھەددىدىن ئارتۇق بولۇش، قالايمىقان بولۇشنى قاتتىق چەكلەش، ھۆججەتلەرنى ئىخچام قىلىپ، يىغىنلارنى قىسقا ئېچىپ، ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كېلىش، دوراشنى قەتئىي چەكلەش، ئوبيېكتىپقا ھۆرمەت قىلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نى قاتتىق چەكلەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ساختا- يالغان سانلارنى قاتتىق چەكلەش، ئادىل- دۇرۇس بولۇپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يېقىنلىرىغا يان بېسىشنى قاتتىق چەكلەش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، پارىخورلۇق، چىرىكلىكنى قاتتىق چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى ئىنتايىن ئېنىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن ئېنىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئورۇنسىز ئىش قىلماسلىقتا، قەتئىي تەۋرەنمەي، قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى قوللاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  11- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى