قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن شۇمىڭ ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ «نىجادكارى» غا ئايلاندى

2018-12-01 18:42:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ باشلىقى چېن شۇمىڭ ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، كۆپچىلىكنى غەم- قايغۇدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ «نىجادكارى» غا ئايلاندى.
 يېقىندا، چېن شۇمىڭ نەسىللىك كالا فېرمىسى يېزا ئىگىلىك 4- ئەترىتىگە بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئادالتاينى يوقلاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەھۋالىنى سورىدى. ئادىلتاي ئىلگىرى نامرات ئائىلە ئىدى، بىر ئائىلىدىكى تۆت جان ئىككى كالىسى ۋە يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تېخنىكىنى ئانچە بىلمىگەچكە، سۈت كالىسىنىڭ سۈت مىقدارى ئاز بولۇپ، كىرىمى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەنىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى، چېن شۇمىڭ ئادىلتاي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كالا باقمچىلىق ئىلمىي تېخنىكىسىنى قولمۇ- قول ئۆگەتتى. چېن شۇمىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇسۇلدا چارۋا بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويدۇم، ھازىر يەنە ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسسۇللىرىنى ئۆگىتىۋاتىمەن.
 چېن شۇمىڭنىڭ ياردىمىدە ئادالتاي بېقىۋاتقان قوڭۇر كالىسىنىڭ سۈت مىقدارى بارغانسېرى ئاشتى. بۇلتۇر، چېن شۇمىڭ يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، كالىسىنى 10 غا يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، چېن شۇمىڭ ئادالتايغا يەنە 50 چۈجە، 30 ئۆردەك، سامساق نوتىسى قاتارلىقلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يۆلەك بولدى. بۇ يىل ئادالتاي  ئائىلىسىنىڭ ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئادالتاي مۇنداق دېدى: ئۇ ئاكامغا ئوخشاش، ئۆيگە كېلىپ، بىز بىلەن بىللە تاماق يەيدۇ، بىللە ياتىدۇ، ھازىر كىرىمىمىز بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
 چېن شۇمىڭ ئادالتاينىلا ئەمەس، فىرمىدىكى ھەممە ئىشچى- خىزمەتچىنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى غەم- قايغۇدىن خالاس قىلدى. نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنىرە ئۆزى يالغۇز كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز ئوغلىنى بېقىۋاتاتتى، تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىن ئىدى. چېن شۇمىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ھەر يىلى مۇنىرەگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇنىرە مۇنداق دېدى: باشلىقىمىز دائىم قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مېنى ئىزدەڭ دەيدۇ، كۈنىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، باشلىقىمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغان ئىشچى- خىزمەتچى بار. چېن شۇمىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نەسىللىك كالا فېرمىسى قوڭۇر كالا نەسلىنى كىرگۈزۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يەنە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. چېن شۇمىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز ئاممىغا كۆپرەك ياردەم بېرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك ھەقىقىي زىچ ئۇيۇشتۇرۇشىمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى