قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزا بالىلىرىنىڭ قەلبىگە «پۇتبول ئارزۇسى» نى يىلتىز تارتقۇزغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ۋاڭ لياڭ

2018-12-01 18:46:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بۇلتۇر 2- ئايدا «شىنجاڭغا پۇتبول جەھەتتە ياردەم بېرىش» خىزمىتىنى باشلاپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ، 10 ئوتتۇرا مەكتەپ، 12 باشلانغۇچ مەكتەپنى تاللاپ پۇتبول مەيدانى ياساپ، ئاساسىي ئۈسكۈنە- جابدۇق بىلەن تەمىنلەپ، مەكتەپتە پۇتبول بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول تەنھەرىكىتى مەركىزىدىكى ۋاڭ لياڭمۇ شۇ سەۋەبتىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە كېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يېزا- كەنتلەردىكى تۈركۈم- تۈركۈم بالىلارنىڭ قەلبىدە «پۇتبول ئارزۇسى» يىلتىز تارتتى.
يېقىندىن بۇيان ۋاڭ لياڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان «پۇتبول بايرىمى» غا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. ۋاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: پۇتبول تەنھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئويۇن تۈرلىرىنى تەسىس قىلىپ، كىچىك دوستلارغا پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە خۇشاللىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى بۇ ساغلاملىق تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدۇق.
  1974- يىلى تۇغۇلغان ۋاڭ لياڭ بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىنىڭ تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، پۇتبول ترېنېرى، ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. نۇرغۇن مۇسابىقە مەيدانلىرىنى كۆرگەن. ئۇ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە يېڭى كەلگەندە، بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقىدىن ناھايىتى تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئاساسەن ئوڭغۇل- دوڭغۇل توپ مەيدانلىرى بولۇپ، كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە تۈزۈكرەك پۇتبول ئەسلىھەلىرىمۇ يوق ئىكەن. بىر كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر يۈرۈش تەنھەركەت كىيىمىنى ئۈچ يىل كىيىدىكەن. مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ شۇ جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇھەببىتى مېنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى ياكى قەھرىتان قىش بولسۇن، ئۇلارغا بىر پۇتبول بېرىلسىلا، ئۇلار توپنى تالىشىپ تېپىپ، ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدىكەن. شۇڭا، مەن ئۇلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.
  ۋاڭ لياڭنىڭ ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، بۇلتۇر 9- ئايدا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۇنجى مۇنتىزىم پۇتبول مەيدانى سايباغ يېزىسىنىڭ كۈپسېڭى كەنتىدە ياسالدى. بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ لياڭنىڭمۇ كۆپ قىسىم ۋاقتى ھەرقايسى يېزا- كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پۇتبول ئوقۇتۇشى ۋە ترېنېر، رېپىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئۆتتى. نۆۋەتتە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كەنت دەرىجىلىك 70 نەچچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ %60 تىن كۆپرەكىدە مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى. ۋاڭ لياڭنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، يېزا- كەنتلەردىكى تۈركۈم- تۈركۈم بالىلار مۇنتىزىم پۇتبول تەنھەرىكىتى بويىچە تەربىيەلەندى. گۇاڭجۇ تەنتەربىيە شۆيۈەنى، گۇاڭجۇ «فۇلى» پۇتبول كۇلۇبى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئۈچ پۇتبول ئوقۇتۇش بازىسى ۋە مەشق ھەمكارلىق ئورگىنى تەسىس قىلدى. پۇتبولدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر قىسىم ئەزىمەتلەرنى يەنە «فۇلى ئاجاكېس» پۇتبول مەكتىپى ۋە «خېڭدا» پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلدى. ۋاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ، كەسىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن. ئەڭ مۇھىمى پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بالىلارنى خوش قىلىمەن. جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرىمەن. مانا بۇ مېنىڭ خىزمىتىمدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە. 

 تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى