قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش پەسلىدىكى ئارشاڭ ناھىيەسىدە ساياھەتچىلەر ئارشاڭغا چۈشكەندىن باشقا، ئىللىق پارنىكتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۈزۈپ، «ئىللىق قىش پەسىللىك ساياھەت» تىن ھوزۇرلاندى

2018-12-01 18:49:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  قىش پەسلىدىكى ئارشاڭ ناھىيەسىدە ساياھەتچىلەر ئارشاڭغا چۈشكەندىن باشقا، ئىللىق پارنىكتا يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۈزۈپ، «ئىللىق قىش پەسىللىك ساياھەت» تىن ھوزۇرلاندى.
  قەھرىتان قىشتا، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئارشاڭ داۋالاش مەركىزى، سۇ ئۈزۈش سارىيىدا ئادەم كۆپ بولۇپ، تەبىئىي ئارشاڭغا چۆمۈلگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. شىخەنزىدىن كەلگەن ساياھەتچى ماۋ رۈيشۆ مۇنداق دېدى: ئارشاڭنىڭ سۈيى گۈڭگۈرت سۈيى بولغاچقا، سۇ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، يۇيۇنسا ئادەم شۇنچىلىك راھەت ھېس قىلىدىكەن. 
  ئارىشاڭ ناھىيەسى يەر ئىسسىقلىق بايلىقى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، يەرلىك «جۇڭگو ئارشاڭ ماكانى» دېگەن نام كارتىسىنى چۆرىدەپ، ئارشاڭ ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ئېكولوگىيەلىك تاماشا قىلىش، دالا ساياھەتچىلىكى قاتارلىق ئۆزگىچە، بىرىكمە تىپلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، ئارشاڭ ناھىيەسىدە 100 دىن ئارتۇق ئارشاڭ بار. بۇ ئارشاڭلارنىڭ ئوتتۇرىچە سۇ تېمپېراتۇرىسى 42 گىرادۇستىن 61 گىرادۇسقىچە بولۇپ، تېرە كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىككلەرنى داۋالاشقا پايدىلىق.
قىش پەسلىدە ئارشاڭ ناھىيەسىدە ئارشاڭ كۆلىدىن باشقا يەنە پارنىك ناھايىتى ئىللىق.ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مۇھىتى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكى بۇلغانمىغان، سۈپەتلىك مور، قېرىن زەمبۇرۇغى، يۈخۇاڭ موگۇسى قاتارلىق يېمەكلىك زەمبۇرۇغى مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكتىن، پارنىكقا كېلىپ كۆكتات ئۈزۈشتىن ھۇزۇر ئېلىش ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلاندى. ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن ساياھەتچى لى چياڭ مۇنداق دېدى: ئارشاڭدىكى بۇ يېمەكلىك زەمبۇرۇغلىرى ناھايىتى ياخشى، ھەممىسى يېشىل يېمەكلىك بولۇپ، قارا مور، ئاق مور قاتارلىقلار بار ئىكەن، ئۆيدىكىلەرگىمۇ ئېلىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
پارنىكتا كۆكتات ئۈزۈش ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئارشاڭ ناھىيەسى «تيەنيۈەن» گۈل- گىياھ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جيەنمياۋ مۇنداق دېدى: گۈل- گىياھ بازىرىمىز كېلىمات سەۋەبىدىن ئاساسلىقى پارنىكتا يىمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرىۋاتىدۇ. ساياھەتچىلەر كىرگەندىن كېيىن، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان زەمبۇرۇغلارنى تاللاپ سۈرەتكە تارتىپ، ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈزسە بولىدۇ. بىز بۇ يىل جەمئىي 20 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدۇق. 

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى