قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ VI ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

2018-12-01 23:19:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە، ئىسپانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ VI مادرىدتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پادىشاھ فىلىپ VI ۋە خانىش لىتسىيە بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ شياۋجۈن، فېڭ جۈنۋېي). شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى كەچتە، ئىسپانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ VI مادرىدتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزگەن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  كەچ سائەت 8دە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مادرىدتىكى خان ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ فىلىپ VI ۋە خانىش لىتسىيە قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى قول ئېلىشىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىنلا قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشقان جۇڭگو- ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت مېھمانلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

  كۆركەم- ھەشەمەتلىك زىياپەت زالىنىڭ ئىچى مېھمانلار ۋە دوستلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، داغدۇغىلىق ۋە قىزغىن ئىدى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلاندى، ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم- ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  پادىشاھ فىلىپ VI ئالدى بىلەن ئىسپانىيە دۆلىتى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پادىشاھ فىلىپ VI مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە- جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزاق. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، ئىسپانىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى، ئىستىقبالى كەڭ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى زىچ بولدى، خەلقنىڭ بىر- بىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىمۇ كۈنسېرى قويۇقلاشتى.ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى بىردەك قوللايدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئىسپانىيەگە قىلغان زىيارىتى ئىسپانىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى، شۇنداقلا ئىسپانىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەرنى نامايان قىلدى، بۇ بىر يېڭى مۇھىم ئابىدە بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئىسپانىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسپانىيە دۇنيادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى پارلاق. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان، مەدەنىيەت رىشتىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى تاغ- دەريالاردىن ھالقىتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. ئىسپانىيە خان جەمەتىدىكىلەر جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇپ، جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى يېڭى دەۋردە جۇشقۇن ۋە كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە جۇڭگو- ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ساھەلىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، مەن پادىشاھ فىلىپ Ⅵ، باش ۋەزىر سانچېز قاتارلىق ئىسپانىيە رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى تەرەپ بىردەك ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار بېرىش- كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  كەچلىك زىياپەتتە، ئىسپانىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئوركېستىرى ۋە ئىسپانىيە سەنئەتكارلىرى مېھمانلارغا جۇڭگو- ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.

  قىزغىن، دوستانە كەيپىياتتا، مېھمان بىلەن ساھىبخانا دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىشتى، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق پاراڭلاشتى، جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتى ئىسپانىيەنىڭ دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي خوشلاشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پاستور، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئېسكۇدېرو، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گونسارېس، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لېسمېس، ئىچكى كابىنېت ۋەزىرلىرى ھەم ئىسپانىيەنىڭ ھەر ساھەدىكى داڭلىق زاتلىرىدىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى