قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈستىقۇددۇس- دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان «سۆسۈن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى» غا ئايلاندى

2018-12-02 18:25:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈشتىن ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمدە ئۈستىقۇددۇس ساياھىتىگىچە-- ئۈستىقۇددۇس دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان «سۆسۈن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى» غا ئايلاندى.
قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرگۈچى جاڭ خۇاجېن ھازىر ھەر كۈنى يان تېلېفونى ئارقىلىق ئىچكىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇراتتى. جاڭ خۇاجېن 90 مو يەرگە ئۈستىقۇددۇس تېرىغان بولۇپ، بۇ يىل ئۈستىقۇددۇس گۈلى ۋە ئۈستىقۇددۇس مېيىدىن قىلغان كىرىمى 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇستىن 10 كىلوگرام ئۈستىقۇددۇس مېيى ئىشلەپچىقىرىپ بىر مو يەردىكى ئۈستىقۇددۇستىن 5 مىڭ 800 يۈەن كىرىم قىلدىم. ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈپ ياخشى پايدا ئالدىم، تۇرمۇشۇممۇ بېيىدى.    
  ئۆزگىچە كېلىمات ۋە تۇپراق شارائىتى ئىلى دەريا ۋادىسىنى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. ھازىر ئۈستىقۇددۇس تېرىش كۆلىمى 2008- يىلدىكى 21 مىڭ مودىن 70 مىڭغا يەتتى. ئۈستىقۇددۇس مېيىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مەھسۇلات مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %95 تىن ئاشتى.
قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇس تېرىيدىغان دېھقان ما لىڭفېي 2010- يىلى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئۈستىقۇددۇس مېيى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى ۋە گۈل تاسقاش ماشىنىسى سېتىۋالغان ھەمدە 600 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى سالغانىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ 16 ئائىلىلىك دېھقان بىلەن يەنە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، توردا ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. ھازىر، كەنتتىكى يېرىمدىن ئارتۇق ئۈستىقۇددۇس گۈلى ۋە ئۈستىقۇددۇس مېيى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلماقتا. ما لىڭفېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۈستىقۇددۇس مېيى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىمىز بولمىغاچقا، ئۈستىقۇددۇس گۈلىنىلا ساتاتتۇق. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۈستىقۇددۇس مېيى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن قىلىدىغان كىرىمىمىز يەنىمۇ ئاشتى.     
ئەتراپىغا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان ئۈستىقۇددۇس شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ پىكاپ سېتىۋېلىپ، ئۆيلەرنى سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئۈستىقۇددۇس پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن 50 نەچچىنى جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۆسۈن ئۈستىقۇددۇس گۈلزارلىقى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، قورغاس ناھىيەسى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 2 مىليون 990 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچىلىك كىرىمى 3 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يەتتى. ھازىر تېرىقچىلىق، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساياھەتچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈستىقۇددۇس كەسپى ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان «سۆسۈن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى» غا ئايلاندى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دۇ ۋېنچياڭ مۇنداق دېدى: ئۈستىقۇددۇسنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۈستىقۇددۇس مېيى ۋە ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردۇق. ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدۇق، مانا بۇ 3- كەسپ. ساياھەت، ئارام ئېلىش، سەھرا ئارامگاھىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكتىن پايدىغا ئېرىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يېزىلاردىكى 1-،2-، 3- كەسىپلەرنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. 
  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى