قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاڭ تيەنزۈننىڭ كۆرەش قىلىش ھېكايىسى

2018-12-02 18:46:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
 شىنجاڭ «تيەنجى» ماشىنا ئادەم ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ تيەنزۈن ئۆمەك باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان چۆللۈكنى تۈزەش ماشىنا ئادىمى ھازىر نەق مەيداندا سىناق باسقۇچىغا كىردى. بۇنىڭ بىلەن، ماشىنا ئادەم بىلەن سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قۇملىشىشنى تىزگىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدى.
ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسى بار چاسا شەكىللىك ماشىنا ئادەم بۆلۈمچىسىدە، تۆت ماشىنا ئادەم تۇرىدۇ. ھەر بىر ماشىنا ئادەمگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسى، ئاپتوماتىك بىلەك سەپلەنگەن. چۆللۈكتە ماشىنا ئادەم بۆلۈمچىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، زىرائەتلەرنى تېرىش تاماملاندى. بۇ دەل ۋاڭ تيەنزۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان چۆللۈكنى تۈزەش ماشىنا ئادىمى. ۋاڭ تيەنزۈن مۇنداق دېدى: بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزئارا ماسلىشىپ، توپلىشىپ مەشغۇلات قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىرقى ماشىنا ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى يەككە ماشىنا ئادەملەر بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن مەشغۇلات قىلىدۇ. ماشىنا ئادەملەرنى توپلاشتۇرۇپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمىز-- ماشىنا ئادەملەر ئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت. بۇ ئادەم كۈچى بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئۈنۈمىنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.        
 ۋاڭ تيەنزۈن 2015- يىلى «ليەنشياڭ» گۇروھى، «ئېكوۋۇاس» ماشىنا ئادەم شىركىتىدە ئىشلەش جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، 20 نەچچە كىشىلىك تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ، چۆللۈكنى تۈزەش ماشىنا ئادىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەجرىبە جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم مەغلۇب بولدۇق. شۇ چاغلاردا ھەر كۈنى ئاران 2 سائەتتىن 3 سائەتكىچىلا ئۇخلىيالاتتۇق. باشقا ۋاقىتلاردا قېتىرقېنىپ تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىناتتۇق. ھەر قېتىم مەغلۇب بولغىنىمىزدا بەل قويۇۋەتمەي، تېخىمۇ بەك تىرىشتۇق.  
  كۆپ قېتىم تەجرىبە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ھازىر ۋاڭ تيەنزۈننىڭ چۆللۈكنى تۈزەش ماشىنا ئادىمى نەق مەيداندا سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا، ۋاڭ تيەنزۈننىڭ ئەترىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن 500 مو تەجرىبە ئېتىزىدا سىناق ئېلىپ بېرىش تۈرىنى ئىمزالىدى. ئەترەتتىكىلەر سۆسۈن بېدە، سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش ئارقىلىق، چۆللىشىپ كەتكەن يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى. ۋاڭ تيەنزۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ماشىنا ئادەملىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ. مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقات تېمىسى بىلەن كارخانىمىزنىڭ بازار ئورنىنى بەلگىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ۋە كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا بايلىقىغا ئىگە قىلىمىز. تىرىشچان خىزمەتچىلىرىمىز ۋە قىزغىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.
  تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى