قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش كىرىشى بىلەن ئاقسۇدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بىر تۈركۈم قارا ئاققۇنى كۈتۈۋالدى

2018-12-02 19:01:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 قىش كىرىشى بىلەن ئاقسۇدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىغا بىر تۈركۈم قارا ئاققۇ ئۇچۇپ كەلدى. بۇ قارا ئاققۇنىڭ بۇ يەردە تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.
مۇخبىر ئاقسۇدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا، بىر نەچچە قارا ئاققۇنىڭ كۆلدە ئەركىن ئۈزىۋاتقانلىقى، يەنە تېخى سۇغا كىرىپ يېمەكلىك ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى خۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: مەن ئىشتىن سىرتقى سۈرەتكە تارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بەش-ئالتە يىل بولدى، بۇ-- تۇنجى قېتىم ئاققۇنى سۈرەتكە تارتىشىم. بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. قارا ئاققۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى--ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشى سۇلۇق يەر باغچىسىغا قارا ئاققۇ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بەس- بەستە تاماشا قىلدى ۋە سۈرەتكە تارتتى. شەھەر ئاھالىسى جۇ لى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قارا ئاققۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ھازىر بۇ يەرگە كېلىپ، ئىسمىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن قۇشلارنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەتىۋارلىق ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قارا ئاققۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئاۋسترالىيەدە بولۇپ، ئاققۇ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ. قارا ئاققۇ ئاساسلىقى دېڭىز قىرغىقى، دېڭىز قولتۇقى ۋە كۆل قاتارلىق سۇ رايونلىرىدا ياشايدۇ.
ئاقسۇدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشى2016- يىلى 8- ئايدا باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 6- ئايدا سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.كۆلىمى 1 مىڭ 800 مو كېلىدىغان بۇ باغچىدا، ئەسلىدىكى سۇلۇق يەر ئاساسىدا چىغىر يول ياسىلىپ، كۆچەت ۋە گۈل- گىياھلار تولۇقلاپ تىكىلىپ، 23 كۆل، بەش مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىندى. ھازىر سۇلۇق يەر باغچىسى ياۋا قۇشلارنىڭ ئارام ئالىدىغان گۈزەل ماكانى بولۇپ قالدى. ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئىستاتېستىكا قىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە، سۇلۇق يەر باغچىسىغا ماكانلاشقان، بۇ يەردە قىشتىن ئۆتىدىغان، كۆپىيىدىغان تۈرلۈك پەسىل قۇشلىرى ۋە سۇ قۇشلىرىنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتكەن. ئاقسۇدىكى دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قارا ئاققۇ ئاستا- ئاستا بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ، باشقا سۇ قۇشلىرى بىلەن ماسلىشىپ كەتتى. بىز ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى بىكىتتۇقق، ساياھەتچىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى ۋە ئوۋ ئوۋلىشىنى چەكلىدۇق. ئاندىن قەرەللىك ھالدا يېمەكلىك بېرىپ، ئۇلارنى باقتۇق. بىز بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ قۇشلارنىڭ بۇ يەرگە ماكانلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بىرىمىز.   

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى