قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2018-12-02 22:55:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىق، ھەمراھلىق روھى، يېڭىلىق يارىتىش-يېتەكلەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق-ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى


شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بۇئېنۇس ئايرېس، 11- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار چېن جى، لو جۈن، جېڭ شياۋيى). شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىق، ھەمراھلىق روھى، يېڭىلىق يارىتىش- يېتەكلەش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق- ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  شۇ يەر ۋاقتى چۈشتە، باشلىقلار يىغىنى باشلاندى. ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئون يىل بولدى، شۇنداقلا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئون يىللىقى. گەرچە دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىشنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىزىسنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى تېخى تۈگىگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش تېخى تاماملانمىدى، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر تېز توپلىنىۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي تاللاشقا دۇچ كەلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىدا پات- پات داۋالغۇش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، لېكىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشكە يۈزلىنىش، يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشتەك چوڭ ۋەزىيەت ئۆزگەرمىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ مۇساپىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى، مەسئۇلىيەت ئورتاق گەۋدىسى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا تاللاش. قاتمۇقات خىرىسلار ئالدىدا، بىز ھەم تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەم ئەقىل- ئىدراكنى ساقلاپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ساقلاش ئورتاق ئېھتىياجى 20 دۆلەت گۇرۇھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئون يىلدىن بۇيان، بىز جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش گىردابىدىن قۇتۇلۇپ، ئەسلىگە كېلىپ ئېشىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئون يىلدىن كېيىن، بىز قايتا جاسارەتكە كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى توغرا يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. بىز ئەركىن سودا ۋە قائىدە ئاساسىدىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ زۆرۈر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قوللايدۇ، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، كەمسىتىش بولماسلىق قاتارلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ۋە سىياسەت بوشلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا. ھەرقايسى تەرەپلەر كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر مالىيە، پۇل، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان» سىياسەت ۋاسىتىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر پۇل ۋە مالىيە سىياسىتى قوللانغاندا، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بولغان زەربىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى ھەم بۇ زەربىنى تىرىشىپ ئازايتىشى كېرەك. خەلقئارا پۇل سىستېمىسى داۋاملىق كۆپ مەنبەلەشكەن يۆنىلىشكە يۈرۈش قىلىپ، تېخىمۇ پۇختا بولغان يەر شارى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش- يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش كېرەك. بىز يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ئېلىپ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا دىققەت قىلىشىمىز، تۈزۈم ۋە قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بىز ھەم ئۆز تەرەققىياتىمىزنى مەۋقە قىلىشىمىز، ھەم ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىملەرنىڭ تارقىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا «يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى»نى بىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەمكارلىق تەپەككۇرى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىش تەكلىپى بېرىمەن.

  تۆتىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق- ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات مەسىلىسىنى داۋاملىق يەر شارىنىڭ ماكرو سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە بوشلۇقىنى قوغداپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىدا، جۇڭگو خەلقى بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى كۆردى، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، ئادىل رىقابەتلىشىشكە ئىلھام بېرىپ، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا ئىقتىسادىي چوڭ مۇھىتنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن رەھبەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، گەرچە دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولدى، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىلىك ۋەزىيىتى كۈچىيىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ماكرو سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، 2030- يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  «ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەلگۈسى» قارالمىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىساد كۆلىمى دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %80ىدىن ئاشىدۇ. پەقەت بىز ھەربىر ئەزانىڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە ئېشىشىنى ساقلىساقلا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە ئېشىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىز ھەممىمىز دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتكە ئالاقىدار سەلبىي تاشقى تەسىرنى ئازايتىشىمىز، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان بىر ياخشى ئايلىنىشنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتى، مۇۋاپىق تەلىپى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش مەيدانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولۇشنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمىز. ئىشىنىمەنكى، پەقەت كۆپچىلىك ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر كېڭىشىپ، بىر- بىرىنى چۈشىنىپ، بىر- بىرىگە يول قويسىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق، چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز.

  باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ئادىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەيلى» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 شۇ يەر ۋاقتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى