قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايىتى ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى

2018-12-03 11:16:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:   قەشقەر ۋىلايىتىدە نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، ئۆزگىچە كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. 

 ھازىر دەل چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش مەزگىلى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابى مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزا تۈمەنتال كەنتىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئىككى چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلەر بولۇپ، ھازىر 80 ئادەم بار. نامرات نوپۇس مەمەت ئۆمەر مۇنداق دېدى: بىر كۈندە ئون نەچچە ئادەم ئىككى، ئۈچ مىڭ يەشىككە چىلان قاچىلايمىز. ھەر بىر يەشىكنىڭ قاچىلاش ھەققى بىر يۈەن. ئون نەچچە ئادەم بىر كۈندە ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن تاپىمىز، بىر ئادەمگە 200 نەچچە يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەخسۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى 10 چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى. تۈمەنتال كەنتىدە چىلان زاۋۇتى قۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە شارائىتى بار نامرات كەنتلەردە، ھەمراھ زاۋۇت ياكى نامراتلارنى يۆلەش سېخى، نەسىللىك كۆپەيتىش مەركىزى ياكى باقمىچىلىق رايونى، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى ياكى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ۋاستىلەر ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، بازار ئېچىشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. 

 قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە، قەشقەر ۋىلايىتى جايلاردىكى يېزا- كەنتلەردە تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. 11- ئاينىڭ 29- كۈنى يوپۇرغا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى بىلەن ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىرلىكتە دېھقانلارنى يېڭىچە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيلەش كۇرسى ئاچتى. دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىن كەلگەن كۇرسانتلارغا زىرائەتلەرنى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى، ھويلا- ئارام باقمىچىلىقى تېخنىكىسى، تور ئېلېكتىرونلۇق سودا تېخنىكىسى قاتارلىق كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەتتى. يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چىگىلىك كەنتىدىن زۇلپىيە ھىمىت مۇنداق دېدى: بەش كۈنلۈك تەربىيەلەشتىن مەن نۇرغۇن بىلىمگە ئېرىشتىم. كېلەر يىللىق باشقۇرۇشتا، بۇ قېتىم ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئىشلىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  قەشقەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى تىلغا ئېلىنسا، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىممىتىگە ئىگە قەدىمىي ئىمارەت ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كلاسسىك مۇنەۋۋەر ئاھالىلەر ئۆيلىرى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، شۇنداقلا كونا شەھەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 220 مىڭ ئاھالە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان قىلىندى. ھازىرقى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى شۇ جايدىكى ساياھەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى نام كارتىسىغا ئايلاندى. مەنزىرە رايونىدىكى دۇكانلار ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى 810 دىن ھازىرقى 2 مىڭ 437 گە كۆپىيىپ، 7 مىڭ 311 كىشى بىۋاستە، 42 مىڭ 866 كىشى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئەركىن ئوبۇلقاسىمنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تىجارەت قىلغىنىغا 10 يىل بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كونا شەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، ھەر ئاخشىمى تىجارەت سوممىمىز 2 مىڭ يۈەندىن ئاشىۋاتىدۇ. مەن بەك خۇش، ھازىر كەچلىك بازارنىڭ مۇھىتىمۇ ياخشى، ئادەممۇ كۆپ، تىجارىتىمىز كۈنسىرى ياخشى بولىتىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى