قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاڭ فېي خوتەن شەھىرىنىڭ تور سودا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى تور سودىسى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا باشلىدى

2018-12-03 12:07:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ «ئەييوۋېي» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاڭ فېي خوتەن شەھىرىنىڭ تور سودا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنى تور سودىسى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا باشلىدى.
تور سودىسىدىكى «قوش 12» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ. ئىككى كۈندىن بۇيان، تاڭ فېي تور سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خوتەن شەھىرىدە توردا سېتىلىۋاتقان تاۋارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەتلىدى. تاڭ فېي بۇ يىل «قوش 12» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە، خوتەن شەھىرىنىڭ توردا سېتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىنى 2 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن خوتەن شەھىرىنىڭ توردىكى كۈندىلىك پۈتۈشۈش سوممىسى، قايسى تاۋاردا پۈتۈشكەنلىكىنى كۆرەلەيمەن. بىز تور سودىگەرلىرىنى تور سودا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تور سودىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.
بۇ يىل 7- ئايدا، تاڭ فېي شىركەت خادىملىرىنى باشلاپ، خوتەنگە بېرىپ بازارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شۇ جاينىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسىنىڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ جايدىكى قوغۇن ئۆستۈرگۈچىلەرنى تەشكىللەپ، «خوتەن قوغۇنى» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى ھەمدە تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق سېتىشنى سىناق قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن خوتەن قوغۇنى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا سېتىلىپ بولدى، شۇ جايدىكى دېھقانلارمۇ تور سودىسىنىڭ پايدىسىنى كۆردى. تاڭ فېي مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدىكى قوغۇنغا بولغان ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى، سودىگەرلەرمۇ خوتەنگە كېلىپ قوغۇن سېتىۋېلىشتى. خوتەن قوغۇنىغا شۇ پەسىلدە مىڭ توننا زاكاس چۈشۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. نوپۇس بويىچە ھىسابلىغاندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.
تاڭ فېي توردا خوتەن قوغۇنى سېتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا چىقىرىشقا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي تاڭ فېينىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ «ئەييوۋېي» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ھۆددىگە ئالغان خوتەن شەھىرىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. قىسقىغىنە يېرىم يىلدا، شىركەت خوتەن شەھىرىدە كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 62 نى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىدىن 10 نەچچىنى قۇردى. تاڭ فېي مۇنداق دېدى: شۇ جاينىڭ بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. بۇ كارخانىلار نامرات ئائىلىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ساتالايدۇ.
تاڭ فېي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە شىركەت خوتەن شەھىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور سودا ماركىسىنى يارىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز- يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، ئۇلارنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىن ئىبارەت. بۇ مەن ئۈچۈن بىر شەرەپ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى