قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئائىلىسى چۆچەك شەھىرىدىكى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى

2018-12-03 12:13:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر كوچىسى قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئائىلىسى خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، روس، داغۇر قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئائىلىدىكى 34 ئادەم بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ، چۆچەك شەھىرىدىكى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چۆچەك شەھىرىدە ئۇدا قار ياغدى، تاكسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭى شەھەر كوچىسى قارادۆڭ مەھەللىسىدىكى جاڭ جاڭمىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، بەزىدە ئۆيىگە قايتىپ قىزىغا تاماق ئېتىپ بەرگۈدەك ۋاقىتمۇ چىقمىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جاڭ چاڭمىڭنىڭ چوڭ يېزنىسى فۇ مىڭ جىيەن قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىش جاڭ چاڭمىڭنىڭ بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىسىدە دائىم بولۇپ تۇراتتى. جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئانىسى ماھىرە ھايات ۋاقتىدا بالىلارغا ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ياردەم بېرىش، ئىجىل- ئىناق ئۆتۈشنى تاپىلىغانىدى. 2012- يىلى 10- ئايدا، ماھىرە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، يەتتە پەرزەنتى 10 مىڭ يۈەندىن چىقىرىپ، ئۇنى داۋالاش شارائىتى تېخىمۇ ياخشى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەنىدى. دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئۆيدىكى بالىلار نۆۋەتلىشىپ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئايالى مەريەم توختىنىياز مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىدىكى چاغدا، قېيىن ئانام بىزگە «سىلەر دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرۇڭلار، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا ياردەم قىلىڭلار، سىلەر دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرساڭلار، ئىتتىپاقلىق كۈچىيىدۇ، ئىجىل- ئىناق ئۆتەلەيسىلەر» دېگەنىدى.
جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئائىلىسى مەھەللىدىكى بايرامنى ئەڭ كۆپ ئۆتكۈزىدىغان ئائىلە بولۇپ، ھەر يىلى چاغاننىڭ بېشىدىن باشلاپ ھەر ئايدا دېگۈدەك ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى كۈتىۋالىاتتى. گەرچە ئۆرپ- ئادىتى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل قورۇمىسىنى ئېلىپ كېلەتتى. جاڭ چاڭمىڭنىڭ ئىككىنچى يەڭگىسى دەي جياۋچىڭ مۇنداق دېدى: مەيلى قانداق بايرام بولسۇن، بىزنىڭ ئائىلە ھەر دائىم جۇۋاۋا ئېتىپ كېلىمىز. بۇ ھەر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدىكى زۆرۈر تاماق بولۇپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ بىللە جۇۋاۋا يەيمىز، مەن ھەر قېتىم جۇۋاۋا ئېتىپ كېلىمەن، بۇ ئارقىلىق چوڭ ئائىلىنىڭ ئىجىل- ئىناق كەيپىياتقا چۈمۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ جاڭمىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئائىلە ئىناقلىقىدىن باشقا، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئائىلە ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. مەريەم توختىنىياز چۆچەك شەھەرلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى مىرئاۋۇت ئۆگىنىشتە ياخشى بولسىمۇ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغاچقا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغانىدى. مەريەم توختىنىياز مىرئاۋۇتقا ياردەم بېرىشنى نىيەت قىلىپ، ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئائىلە بىرلىكتە پۇل چىقىرىپ، مىرئاۋۇتنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
جاڭ چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى چوڭلار بىزگە بىر تال چوكىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى، ئون تال چوكىنىڭ ئاسان سۇنۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بىز ھەر بىرىمىز ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى. شۇڭا، ئائىلىمىزنىڭ ئىجىل- ئىناقلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ ئائىلىمىزدە ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى داۋاملىق ئېچىلدۈرىمىز.

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى