قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قار-مۇز ساياھىتى ئۆمىكىدىكىلەر 13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدىكى مۇھىم پائالىيەت شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەشۋىقات دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى

2018-12-03 12:16:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر، قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشىدىن تەركىب تاپقان قار-مۇز ساياھىتى ئۆمىكىدىكىلەر 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە 13-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسىدىكى مۇھىم پائالىيەت يەنى قاناستا قىشلىق سەيلى-ساياھەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەشۋىقات دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.
قىش پەسلىدىكى قاناسنىڭ ھەممە يېرى سۈزۈك مۇز دۇنياسى، پارقىراق مۇز كۆلگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئاپپاق قار دۇنياسىغا چۈمۈلگەن قۇمقاناس، ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئاق قابا قاناسنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى. ساياھەتچىلەر ۋولۇڭۋەن، يۆلياڭۋەن، شېنشيەنۋەن، قاناس كۆلىنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەلبىدىكى ھاياجاننى باسالماي قالدى. گۇاڭدۇڭلۇق ساياھەت كەسىپكارى فەن شيۇيىڭ مۇنداق دېدى: 5 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ بۇ يەرگە كەلدىم، بۇ يەر بەك چىرايلىق ئىكەن. ئۆزەمنى خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. شۇڭا، قايتقۇم كەلمەيۋاتىدۇ. قار مەنزىرىسى بىلەن گۈزەل تاغلار خۇددى بىر سىياھ رەسىمگە ئوخشاش چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ.
بېيجىڭدىن كەلگەن قار- مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارى شيەن رۈي بۇ قېتىم قاناسقا كېلىپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ لەززىتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىشتا شىنجاڭنىڭ قار- مۇزلىرى ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن، قار تېيىلىش بەكمۇ قىزىقارلىق بولىدىكەن. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بىز ۋولۇڭۋەن، يۆلياڭۋەن، شېنشيەنۋەننىڭ مەنزىرىسىنى كۆردۇق. قىشتا قاناسقا كەلسە تىپتىنچ تۇيغۇ بېرىدىكەن.
بۇ يىل قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق سەيلى- ساياھەت تىجارىتىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى. مەنزىرە رايونى قىشلىق سەيلى- ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى كاپالىتى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، قار تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلاپ، 3 مىڭدىن ئارتۇق كارىۋات كۆپەيتىپ ساياھەتچىلەرنىڭ قونالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. قاناس بۇ يىل قىشتا يەنە قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى، قار- مۇز كارنىۋال بايرىمى-- قار ئېتىشىش بايرىمى، قىش پەسىللىك قار- مۇز فوتو سۈرەت پەسلى قاتارلىق بەش چوڭ باش تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ.
ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا ئالتاي ۋىلايىتى قاناستىن باشقا يەنە «تۆت رايون، بىر بەلباغ» بويىچە نۇقتىلىق رايون بەرپا قىلىپ، قۇمقاناس، ئۇلۇنگۇر كۆلى، كۆكتوقاي ۋە ئالتاي شەھىرىدە قىشلىق ئالتۇن ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قاناستا 4 پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سەيلى- ساياھەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئالتاينى دۇنياۋىي دەرىجىلىك قار- مۇز ساياھەت مەنزىلى ۋە قار-مۇز تەنھەرىكىتى نىشانىغا ئايلاندۇرىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى