قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى

2018-12-03 12:30:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھازىر ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسىغا قارىغاندا ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. ئەنئەنىۋى چىش چوتكىسىنىڭ چىش باكتېرىيە دېغىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشى ناھايىتى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى توغرا بولماي قالغان ئەھۋالدا، چىش چوتكىلاشنىڭ پاكىزلاش رولى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئەنئەنىۋىي چىش چوتكىسىغا قارىغاندا چىش باكتېرىيە دېغىنى %38 كۆپ تازىلايدىكەن، ئۇنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.
ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىش تېز، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك. ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىش ئارقىلىق، چوتكا بېشىدا يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، چىش پاستىسىنى ھەش- پەش دېگۈچە ئۇششاق كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ، چىش ئارىلىقىنى چوڭقۇر تازلىيالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوتكا قىلىنىڭ تىترىشى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چىش مىلىكى توقۇلمىسىغا نىسبەتەن ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئۇۋىلاش ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسى ئىشلەتكەندە، چىش چوتكىلاش سالمىقىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى ياكى توغرا بولمىغان ئوڭ- سول يۆلىنىش بويىچە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلىنىڭ چىش ۋە چىش مىلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
لېكىن ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەندە، ئامال بار چوتكا بېشى كىچىكرەكىنى تاللاش كېرەك. شۇنداق بولغاندا چىش چوتكىسى ئېزىق چىشلارنىمۇ پاكىز تازىلىيالايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنىڭ مەجبۇرىي ئايلىنىش ۋە تەۋرەش ئىقتىدارى بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئادەتتىكى چىش چوتكىسىدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، چىش چوتكىلىغاندا ئادەتتىكى چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا %60 كۈچنى ئازايتىپ، زىيادە كۈچەپ چىش ۋە چىش مىلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى ئىشلەتكەندە، ئاز دېگەندە ئىككى مىنۇت چىش چوتكىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ھەر بىر قاتار چىشنىڭ ئىچى، سىرتى ۋە  يۈزىنى ئۈنۈملۈك تازىلاش كېرەك. بولۇپمۇ، ئاستىنقى قاتاردىكى چىش، تىل يۈزى تازىلاش تەس بولغان ۋە سەل قارىلىدىغان جايلار بولۇپ، چوقۇم پاكىز تازىلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
بۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق چىش چوتكىسىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، چوتكىنىڭ قىلى يىرىكلىشىپ كېتىپ، چىش مىلىكىگە ئاسانلا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ھەر ئۈچ ئايدا چوتكا بېشىنى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى