قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دورا ئىشلىتىش جەھەتتە قانداق خاتا قاراشلار

2018-12-03 12:33:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى دورا ئورنىدا كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدۇ. لېكىن، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس، كلىنىكىلىق داۋالاش رولى يوق، دورىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا ئاقىلانە بولۇشى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى «جاننى قۇتقۇزغۇچى» دەپ قارىۋېلىپ، سودىگەرلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، دورىنى ئىلمىي ئىشلىتىشى كېرەك. ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورا يېيىشنى توختاتقاندا ياكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق كېسەللىكنى كونترول قىلماقچى بولغاندا، ئەكسىچە كېسىلىنى  ئېغىرلاشتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاغرىپ قالغاندا، «بىرنەچچە خىل دورىنى ئارلاشتۇرۇپ يېسە رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، كېسەل تېخىمۇ تېز ساقىيىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ بىر خاتا قاراش. دورا سېتىۋالغاندا، ئىستېمالچىلار ئالدى بىلەن دورىنىڭ ئورتاق نامىنى پەرقلەندۈرۈپ، دورىنىڭ تەركىبىگە ھۆكۈم قىلىپ، دورا ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان دورا شۇمۇ ياكى بۇ دورا بىلەن ئۆزى ئىچىۋاتقان دورىنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار بارمۇ دېگەنلەرنى ئېنىقلاپ، دورىنى خاتا سېتىۋېلىش ياكى تەكرار ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدە دورا ئىشلىتىش جەھەتتە يەنە دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، خالىغانچە دورا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بەزى خاتا قاراشلار مەۋجۇت. شۇنداقلا يەنە دورىنى مۇۋاپىق ئورۇندا ساقلىمىغاندا، بالىلار دورىنى كەمپۈت دەپ ئويلاپ يەۋېلىپ، ئاغرىپ قېلىشى ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
ئادەتتە بالىلارغا دورا بېرىشتىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. بالىلار ئاغرىپ قالغاندا، ئاۋۋال كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش، ئەگەر قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك. بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 گرادۇستىن تۆۋەن بولسا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ھاجەتسىز، بۇنداق ۋاقىتتا ئىسپىرت بىلەن بەدەن سۈرتۈش ياكى مۇز خالتىسى بىلەن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئەگەر قىزىتمىسى يانمىسا، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، ئاندىن دورا ئىشلىتىش، قارىغۇلارچە دورا ئىشلەتمەسلىك لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا دورا بەرگەندە، ئىمكانقەدەر ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. بىر خىل دورىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا، باشقا دورىلارنى قوشۇپ ئىشلەتمەسلىك لازىم. بولمىسا دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؛ «مۇرەككەپ رېتسىپلىق» دېگەن خەت بار دورىلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. مەسىلەن مۇرەككەپ چۈچۈكبۇيا تابلېتى(گەنساۋپيەن) نىڭ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
بالىلار ئاغرىپ قالغاندا، خاس بالىلارنىڭ دورىسىنى ئىشلىتىش لازىم. ئەگەر سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، چوڭلارنىڭ دورىسىنى تەڭشەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بالىنى چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك.
كېسەل بولۇپ قالغاندا دورا يېيىش لازىم. بۇنىڭ خاتا يېرى يوق، لېكىن كېسەلگە قاراپ دورا ئىچىشكە دىققەت قىلىش، قالايمىقان دورا ئىشلىتىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشتىن، ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى