قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆزىگە ئاق چۈشكەن بالىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىندى

2018-12-03 12:43:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  تەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيە يىڭىباغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 25 ياشلىق پاتىگۈل ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا: «بالامنىڭ قايتا يورۇقلۇقنى كۆرەلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، تيەنجىندىن كەلگەن مۇتەخەسىس خەن دوختۇر بىزنىڭ شەپقەتچىمىز» دېدى. تيەنجىن تېببىي داشۇسى قارمىقىدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇر خەن جىندۇڭ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇنىڭ تۇغما كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن ھەبىبۇللانى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلغانلىق خەۋىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «ھەبىبۇللا تۆت يېرىم ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بۇ دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتتى، يولنىمۇ تۇيغۇسى بويىچە ماڭاتتى». خەن جىندوڭ تۇغما كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىنى قانچە بالدۇر قىلسا شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقى، كىسەل سىرتقى مۇھىتتىكى نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھامان نورمال كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ تېز ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەبىبۇللانىڭ ئاپىسى پاتىگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ جەمەتىمىزنىڭ ئېرسىيەت كېسەللىكى، مەن بالامنىڭ ماڭا ئوخشاش ئازابلىنىشىنى خالىمايمەن. 10 ياش ۋاقىتلىرىمدا بىر بېيجىڭلىق دوختۇر پويىزدا مېنى ئوپىراتسىيە قىلىپ، ئوڭ كۆزۈم بەختكە يارىشا 0.05 كۆرۈش قۇۋىتىمنى ساقلاپ قالغان. دوختۇرنىڭ ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت».
   يىل 6- ئايدا خەن جىندۇڭ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ھەبىبۇللانىڭ ئوڭ كۆزىنى ئوپراتسىيە قىلدى، ھەبىبۇللانىڭ سول كۆزىنىڭ ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ، كۆز ئالمىسى كىچىك، ئوپىراتسىيە بوشلۇقى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئوپراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتكەنىدى. 7- ئاينىڭ 4- كۈنى خەن جىندۇڭ ھەبىبۇللا ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تيەنجىن تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بالىنىڭ سول كۆزىنى داۋالاتتى. تيەنجىن تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تېخىمۇ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، بالىنىڭ سول كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلدى. خەن جىندۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىككى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، كېيىنكى باسقۇچتا ئاستا- ئاستا مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ھەبىبۇللانىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كىلىدۇ». ھەبىبۇللانىڭ ئاپىسى پاتىگۈل مۇنداق دېدى: «ھازىر بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مېنىڭكىدىن ياخشى، پەقەت بىر ئېغىز رەھمەت دېگەن سۆز قەلبىمدىكى ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر خەن دوختۇر بولمىغان بولسا، بالامنىڭ كەلگۈسى بولمايتى». كۆرۈش قۇۋۋىتى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «كۆرۈش» تىن ئىبارەت ئاددىي ئىش بولۇپلا قالماستىن، بالىلارغا پىسخىكا، ئائىلە، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بېسىمغا پەيدا قىلىدۇ. «ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بالىنىڭ مىجەزىدە زور ئۆزگىرىش بولدى». خەن جىندۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ئۇنى كۆرگەندە، ئۇ ئىچ مىجەز بولۇپ، باشقىلارغا گەپ قىلمايتتى، ھازىر باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئوينىيالايدىغان بولدى».
  زىر ھەبىبۇللانىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.2 ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچتا ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆرۈش مەشىقىگە ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلەتتى. خەن جىندۇڭ ھەبىبۇللانىڭ ئاپىسىغا سەۋرچانلىق بىلەن: «ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن سېرىق پۇرچاق بىلەن يېشىل پۇرچاقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوخشىمىغان رەڭدىكى ئىككى خىل پۇرچاقنى ئايرىغۇزۇڭ، كۆزنى توختىماي غىدىقلىغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كىلىدۇ» دېدى. تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسىس، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى يەن مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ زەخمىلىنىش خارەكتىرلىك كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىمۇ ئادەتتە كۆپ كۆرىلىدۇ. بۇنداق بالىلار دوختۇرخاندا كۆپ. كۆپ قىسىم بالىلارغا ئائىلىدە ياشانغانلار قارايدىغان بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزى زەخمىلىنىپ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ئەھۋالى دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئەگەر، ئۇزاق ۋاقىت داۋالاتمىسا، كۆرۈش قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، كۆزى بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئىككى كۆزىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىدە پەرق بوپ قالىدۇ، ھەتتا يۈز قىسمىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن».
  لتۇر 12- ئاينىڭ ئاخىرى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئەسلىدىكى بەش ئەزا بۆلۈمىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بۆلۈم بولۇپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 10 ئايدا، 500 دىن ئارتۇق تۈرلۈك ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، %85 تىن كۆپرەكى 3-، 4- دەرىجىلىك ئوپېراتسىيە بولدى. بۇلارنىڭ %91 تى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش ۋە گلاۋكوما ئوپېراتسىيەسى بولۇپ، كىسەللەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ھەل قىلىندى. كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە، خەن جىندۇڭ، لى يەندىن ئىبارەت ئىككى مۇدىر ئالتە شاگىرتىنى يىتەكلەپ، جەمئىي 30 قېتىم دەرس ئۆتتى، ئوقۇتۇش، تەكشۈرۈش ۋە قىيىن كېسەللەرنى مۇزاكىرە قىلىش 17 قېتىمغا يەتتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، تيەنجىن تېببىي داشۆسى قارمىدىكى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شاۋجېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن 100 كىسەلنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلغان. مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاۋ شاۋجېن ۋاقىت چىقىرىپ، بۆلۈم دوختۇرلىرىغا يەرلىكتە كۆپ كۆرىلىدىغان مۈڭگۈز پەردە كېسەللىكى، قاپاق گىرۋىكى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش توغرىسىدا دەرس سۆزلەپ، ئىچكىرىدىكى ئىلغار تەجرىبە ۋە مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى چېگرا رايونغا ئېلىپ كىلىپ، مېھىر- شەپقەت ۋە يورۇقلۇق يەتكۈزدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى