قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شياڭجياۋ پىرىنسىپى

2018-12-03 13:05:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئەتتىگەن سائەت 9 دا شىركەتنىڭ نيۇيوركتىكى ئىشخانىسىدا، ياللانما خادىم جوردان 5- قەۋەتتىكى ئاشخانىغا مېۋە- چېۋە ئالغىلى كىردى. بۇ، شىركەتنىڭ خىزمەتچىلەر ئۈچۈن تەمىنلىگەن پاراۋانلىقى ئىدى. ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ بىر خىل ئەھۋالنى كۆردى: ئاشخانىدا شياڭجياۋ تۈگەپ، پەقەت جۈزىلا قالغان ئىدى. باشقا خادىملارمۇ ئاشخانىغا كىرىپ، شياڭجياۋنىڭ يوقلىقىنى بايقىغاندا، ھەقسىز جۈزىنى ئالماي، ئۈن- تىنسىز چىقىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئادەملەرگە نېمە بولدى؟ بۇ شىركەتنىڭ يەنە بىر خىزمەچىسى تانىيە ئامېرىكىدىكى نەچچە يۈز شىركەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىنى بايقىغان. بىز بۇنى «شياڭجياۋ پىرىنسىپى»دەپ ئاتايمىز، يەنى، كىشىلەر دائىم ئاۋۋال شياڭجىياۋنى تاللايدۇ، ئاندىن جۈزىنى ئالىدۇ. بۇ مېۋىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە ئەمەس. پىسخولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ئىكەن؛ لايىھىلىگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوللىنىشچانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ شىياڭجىياۋ جۈزىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېيىشلىك دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىشىدىكى سەۋەبى پەقەت بىرلا: يەنى قايسىسى تېخىمۇ ئاسان سويۇلىدۇ؟
   بىز شىياڭجىياۋ پرىنسىپىنىڭ باشقا مۇھىتتا ئىشلىتىلىشىنى كۆرۈپ باقايلى. ئويلاپ بېقىڭ، ھازىر سىز شىركەتنىڭ بىر تۈرلۈك خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىسىز، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئۈنۈمىنى %30 ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك. بۇ نىشاننى قانداق قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاغزاكى تەشۋىقات بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش يېتەرلىك بولمايدۇ، باشقىچە يول تۇتۇش لازىم.
   بىز بۇ مەسىلىگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ باقايلى، مەسىلەن: سۈركىلىش. سۈركىلىش ئالغا ئىلگىرلەش سۈرىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆپ ساندىكى پويىزلار رېلىسقا ماي سۈركەش ئارقىلىق سۈركىلىشنى ئازايتىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز پويىز، مەسىلەن: جۇڭگونىڭ سائەتلىك سۈرىتى 430 كىلومېتىر بولغان ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزى ماگىنىت كۈچى ئارقىلىق پويىزنى رېلىس ئۈستىگە ماڭدۇرىدۇ. بىز ئويلاپ باقايلى، خىزمەتچىلەرمۇ خىزمەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقامدۇ؟ قانداق ئاكتىپ ھەركەتلەر كىچىك توسالغۇلار تۈپەيلىدىن زەربىگە ئۇچراپ قالىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شىركەتكە سۈركىلىش كۈچى كىرگۈزۈپ، زىيانلىق قىلمىشلارنىڭ بىخ سۈرۈشىنى توسقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا شىركەتتە ساقلىنىۋاتقان سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىپ، ئاكتىپ كۈچنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟
بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا، پەيلاسوپ جىم فلېرو: «ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ ئايلىنىشى ‹ئەڭ تېجەشلىك بولۇش قانۇنىيىتى›نى يولغا قويغان، يەنى، ئەگەر تاللاشقا بولىدىغان نۇرغۇن يول بولسا، كىشىلەر مېڭىشقا ئەڭ ياخشى يولنى تاللايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. خارۋارد داشۆسىنىڭ پىسخولوگى شوئىن ئەنكېنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ھەركەت باشلىنىشتىن كېيىنكى 20 سېكۇنت ۋاقىتنى تېجەيدىغان ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى تاللايدىكەن. بىز ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي شىياڭجىياۋنى سويۇش ۋاقتى بىلەن جۈزىنى ئاقلاش ۋاقتىنى سېلىشتۇردۇق. نەتىجىدە ئىككىسىنىڭ ۋاقىت پەرقى دەل 20 سېكونتقا يېقىنلاشتى.
تۆۋەندىكىسى شياڭجياۋ پىرىنسىپىنىڭ توردىكى سەنئەت ۋە لايىھەلەش بازىرىدىكى تىپىك ئەمەلىي مىسالى. مەلۇم شىركەتنىڭ قىزغىن، مېھماندوست مەدەنىيىتى بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن يۇقىرى ئېشىش تىپىدىكى شىركەتلەرگە ئوخشاش، يېڭى خادىملار كونا خىزمەتچىلەرنىڭ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشەلمىگەن. سۈركىلىش كۈچى (سەۋەبى) قەيەردە؟ كىشىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭى خادىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېڭى خادىملارنىڭ بەزى ئارتۇقچە غەمخورلۇققا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا، بۇ شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى قوشۇنى ھەر بىر يېڭى خادىمغا-- «بۇ شىركەتتىكى تۇنجى كۈنۈم» دەپ يېزىلغان بىر شارنى تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغان. بۇ شار يېڭى خادىمنىڭ ئىش ئۈستىلى ئۈستىگە قۇيۇلۇپ، بارلىق خىزمەتچىلەرگە يېڭى خادىمغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنى قوللاشنى ئەسكەرتىپ تۇرغان.
بىز ھەمكارلىشىپ باققان بىر مەسلىھەت سوراش شىركىتى شياڭجياۋ پىرىنسىپى ئارقىلىق كوللېكتىپ ھالقىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. يوچۇقسىز ھەمتۈرتكە بولۇش ئارىسىدا قانداق سۈركىلىش كۈچى مەۋجۇت؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشىك بىلەن پۇتنىڭ مەسىلىسى. شۇنداق، بىراۋنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىش ئۈچۈن، ئىشىكنى ئىتتىرىش تەس ئەمەس، لېكىن بۇ شىركەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇشۇنچىلىك ئىشمۇ ئىنتايىن چوڭ ئىش ھېسابلىندۇ. شۇڭا، بۇ خىل سۈركىلىش كۈچىنى يېڭىش ئۈچۈن، شىركەت بولۇم ھالقىغان كوللىكتىپقا ئۆتۈشمە رايونى ئايرىپ بەرگەن. كۆپ قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا يېپىق شەكىلدىكى يىغىن زالى تەسىس قىلىنغان، لېكىن يىغىن زالىنى زاكاز قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارماقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولغاچقا، بۇ مەسلىھەت سوراش شىركىتى خادىملارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىگە بولىدىغان بوشلۇق تەسىس قىلغان. ئاندىن كېيىن، ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، خادىملارنىڭ ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنىڭ ئورنىنى خالىغانچە يۆتكىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە چاقلىق ئورۇندۇق ۋە ئۈستەللەرنى زاكاز قىلغان. بۇنداق بولغاندا ئورۇندۇق- ئۈستەللەرنى يۆتكەشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.
ئىشخانىنى قايتا لايىھەلەش ئويىڭىز بولمىسىمۇ، قانداق قىلىپ ئىشخانا رايونىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نىشانلىق ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇلارنى يېقىن ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇش ياكى ئۇلارغا ئورتاق بوشلۇق يارىتىپ بېرىشىڭىز لازىم. خادىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ھەر بىر ئۆيگە ئاق رەڭلىك خەت يېزىش تاختىسى ئورنىتىشىڭىز ياكى ھەر بىر ئۆيگە كۆپ مىقداردا قولايلىق چاپلاق قويۇشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. خادىملارنى تېخىمۇ كۆپ ئىنكاس بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، شەخسىي سۆزلىشىش بوشلۇقى بەرپا قىلىشىڭىز ياكى شۇ جايدىكى قەھۋەخانىلارنىڭ سوۋغات بېلىتىنى تارقاتسىڭىز بولىدۇ. خادىملارنىڭ نەرسىلەردىن تېخىمۇ كۆپ تەكرار پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئىشخانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بۇلۇڭىغا چوڭ ساندۇق قويۇپ بېقىڭ.
ئەگەر سىزنىڭ نىشانىڭىز بۇ خىل ھەرىكەتنى توختىتىش ياكى ئازايتىش بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، سىز شياڭجياۋ تەرەپتىن ئەمەس جۈزە تەرەپتىن تەجرىبە ئۆگىنىشىڭىز لازىم. يەنى تېخىمۇ كۆپ سۈركىلىش كۈچىنى كىرگۈزۈشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن: سىز ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا لاغايلاپ يۈرۈشىنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئۇلارغا تەربىيە بەرسىڭىزمۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش تۈسىنى ئالغان لوزۇنكا ئاسسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ تاكتىكىلارنىڭ قارشىلىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياشلار- ئۆسمۈرلەرگە ئۈنۈم بېرىشى تەس. ئەگەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولساق، بىز لاغايلاپ يۈرگەن ياشلارنى بۇ يەردە ھىچقانداق خۇشاللىق ھېس قىلالمايدىغان قىلىشىمىز كېرەك. لوندوندىكى ئىككى يەر ئاستى يولىدا بۇ تەدبىر قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى يول ئىلگىرى «ياشلار- ئۆسمۈرلەر لاغايلاپ يۈرىدىغان» خەتەرلىك مەسىلىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر يەر ئاستى يولىغا ھال رەڭ چىراغ ئورنىتىپ، بۇ يەردە لاغايلاپ يۈرگەن ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى قورقۇتۇپ كەتكۈزۋەتكەن. نېمىشقا بۇنداق ئۈنۈم بېرىدۇ؟ چۈنكى، ھال رەڭ چىراغ نۇرىدا يۈزدىكى دانىخورەكلەر تېخىمۇ ئېنىق كۆرنۈپ قالىدۇ ئەمەسمۇ.
شياڭجياۋ پىرىنسىپى كىچىك دائىرىدە ئوخشاشلا ئۈنۈم بېرىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم تور بېكىتى قۇرغان شىركەت ياللانما خادىملارنى تەربىيەلەش مەزگىلىدە، ئىش قىلغاندا كۆڭلىنى ئىككىگە بۆلۈش ھادىسىسىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇلار «يان تېلېفونسىز» سىياسىتىنىڭ پەن- تېخنىكىغا جېنىنى تىكىپ قويغان خادىملارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا، ئادەم كۈچى ئەترىتى ھەر بىر يىغىن زالىغا بىر ساندۇق ئويۇنچۇق قويۇپ قويغان، ئۇنىڭ ئىچىدە چاقپەلەكتىن بۇرما پۇرژىنغىچە ھەممىسى بار بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يان تېلېفونغا بولغان دىققىتىنى چاچقان. ھازىر، شىركەت خادىملىرى تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە يان تېلېفون بىلەن ئەمەس ئويۇنچۇقلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولغان. بۇ ئاڭلىماققا قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەستەك قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى تەربىيەلەش دەرسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلغان.
بىز نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن خىزمەت مۇھىتىدا باشقا تاقايدىغان تىڭشىغۇچ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ بولسا «جۈزە پىرىنسىپى» نىڭ تىپىك ئىشلىتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى «مۈرىنى قىسىش» ۋە «تېز سوئال سوراش» نى توسۇش، چۈنكى تىڭشىغۇچ تاقىۋالغاندا قۇرۇق پاراڭ سېلىش قولايسىز بولىدۇ. ئەمما، بىز بىلەن ھەمكارلاشقان بىر ئەترەت، گەرچە تىڭشىغۇچ بولسىمۇ، قۇرۇق پاراڭنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان، چۈنكى خىزمەتداشلار پەقەت قارشى تەرەپنىڭ كۆز ئالدىدىلا قولىنى پۇلاڭلاتسىلا بولاتتى. ئەترەت دىرېكتورى جۈزە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە بىردىن چوڭ قىزىل تىڭشىغۇچ تارقىتىپ بەرگەن، نەتىجىدە بۇ خىل كاشىلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
بىز ئورتاق بەھرلەنگەن دېلو مىساللىرى كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇتۇققا موھتاج ئەمەس، تەلەپ قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشمۇ كەتمەيدۇ. شياڭجياۋ پىرىنسىپىنىڭ كۈچى ئۇنىڭ ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك ۋە ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىدىن كەلگەن. شۇڭا، كېيىنكى قېتىم سىز بىراۋنى (ھەتتا ئۆزىڭىز) نى مەلۇم ھەرىكەتنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، سۈركىلىش كۈچىنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. كىشىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى «شياڭجياۋ» غا ئوخشاش قارشى ئېلىشقا ئېرىشتۈرۈشى، پاسسىپ ھەرىكەتلەرنى بولسا «جۈزى» نىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش قىلىشى كېرەك.مېۋىگە بولغان غەمخورلۇقنى ئويلاشقاندا، ئەگەر جۈزىنى يەيدىغان ئادەم بولمىسا، خىزمەتچىلەرگە جۈزە ئېلىپ بەرمەڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى